يېرىم ئارال ئۇرۇشى

يېرىم ئارال ئۇرۇشى

يېرىم ئارال ئۇرۇشى فرانسىيە بىرنچى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېرىيە يېرىم ئارىلىنى بويسۇندۇرۇش يولىدا ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ۋە پورتۇگالىيەلەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش يەنە فرانسىيە ئىسپانىيە ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

نامى يېرىم ئارال ئۇرۇشى
باش قوماندان 威灵顿公爵;拿破仑一世、缪拉、苏尔特、马塞纳等
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار بىرلەشمە پادىشاھلىق، پورتۇگالىيە ۋە ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى فىرانسىيە، ئىسپانىيە
ۋاقتى 1808-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 半岛战争/西班牙独立战争
باشقا ئاتىلىشى فرانسىيە ئىسپانىيە ئۇرۇشى
ئورنى ئىبېرىيە يېرىم ئارىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېرىم ئارال ئۇرۇشى1807-يىلى بۇرۇندىنلا ئەنگلىيە بىلەن قويۇق سودا ئالاقىسى بولغان پورتۇگالىيە ناپولېئوننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلمىدى. شۇ سەۋەپتىن فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە پورتۇگالىيىنى بۆلۈۋېلىش توغرىسىدا مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى شۇ يىلى 11-ئايدا پورتۇگالىيەنى بېسىۋالدى. پورتۇگالىيە پادىشاھى نوئوۋ Ⅵ برازىلىيەگە چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ناپولېئون ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىختىلابىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇش نامى بىلەن ئىسپانىيە ئوردىسىنى كونترول قىلىۋالدى. بۇ چاغدا كۈچى زور پەيلى يامان ناپولېئون پۈتكۈل ئىمپېرىيە يېرىم ئارىلىنى تارتىۋېلىش قارارىغا كەلدى. 

يېرىم ئارال ئۇرۇشى1808-يىلى ئەتىيازدا فرانسىيە ئارمىيەسى ئىسپانىيەگە يۈرۈش قىلىپ ئارقا-ئارقىدىن مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك قورغانلارنى ئىشغال قىلغان. 3-ئايدا باش قۇماندان مىئارا قۇماندانلىقىدىكى فرانسىيە قوشۇنلىرى مادرىتقا بېسىپ كىردى. ناپولېئون 4-ئايدا ئىسپانىيە بوربۇن سۇلالىسىنى تەختتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىپ، ئۆز ئېنىسى يوسىف ناپولېئوننى ئىسپانىيىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. بۇنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە ئىشخالىيىتىگە قارشى تۇرۇپ مىللىي مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئەنگلىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا جۇشقۇن قانات يايدى.

1808-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى باش قۇماندان مىئارا مادرىد كوچىسىدا بىر تۈركۈم ئىسپانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى قىرغىن قىلدى. بۇ قىرغىنچىلىق ۋەقەسى ئىسپانىيە خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىغا پىلتە بولغان. ئىسپانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نۇرغۇن يېڭى ھامىيەت «فوندا» لار مەيدانغا كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي سېۋىلىيەدىكى فوندا پۈتۈن ئىسپانىيە نامىدا فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسىگە جەڭ ئېلان قىلدى. 7- ئاينىڭ 13- كۈنى فرانسىيە گېنېرالى دۇباننىڭ قۇماندانلىقىدىكى 14 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە قوشۇنى گېنېرال كاستانوس قۇماندانلىقىدىكى ئىسپانىيە خەلق ئارمىيەسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋېللىنگتون قۇماندانلىقىدىكى ئەنگلىيە قوشۇنى ۋىيكمېلا ئەتراپىدا باش قۇماندان جوئوننىڭ قول ئاستىدىكى فرانسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. پورتۇگالىيەدىكى فرانسىيە قوشۇنى ئىسپانىيەدىكى ئاساسىي قوشۇن بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغانلىقتىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنى پورتۇگالىيە-ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسىگە تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسپانىيەدىكى فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى يامانلاشتى، يۇسىف مادرىدتىن ۋاز كېچىپ قوشۇنلىرىنى باشلاپ شىمالغا چېكىندى. 1808-يىلى 9-ئايدا ئىسپانىيەدە مۇتەئەسسىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان مەركىزى فوندا قۇرۇلغان.

تەقدىرگە تەن بەرمىگەن ناپولېئون 1808-يىلى 11-ئايدا 200 نەچچە مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇننى ۋە ئۇرۇشتا زور خىزمەت كۆرسەتكەن بىر مۇنچە قۇماندانلارنى توپلاپ، ئىسپانىيەگە يېڭىۋاشتىن باستۇرۇپ كىرگەن. ناپولېئوننىڭ بىۋاستە قۇماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيەسى 72 كۈن ئىچىدە ئىسپانىيە ئارمىيەسىنى يېڭىپ مادرىدنى قايتا ئىشغال قىلغان. بىراق، ئىسپانىيە خەلقى پارتىزانلىق ئۇرۇشنى داۋاملىق تۈردە قەيسەرلىك بىلەن قانات يايدۇرۇپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈرىدە ئېغىر چىقىمغا دۇچار قىلدى. ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىسپانىيە مەركىزى فونداسى ئۆز قوشۇنلىرىنى يېڭىۋاشتىن رەتكە سېلىۋالدى. 1809-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيەسى پورتۇگالىيەدە يەنە بىر قېتىم قۇرۇقلۇققا چىقتى. 6-ئايدا ئەنگلىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى تاراۋېرا جېڭىدە غەلىبە قازاندى گەرچە ناپالېئون ئىسپانىيىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە ياردەمچى قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەنگلىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى 1812-يىلى 7-ئايدىكى سارامۇ جېڭىدە بەرىبىر غەلىبە قىلغان ھەمدە 8-ئايدا مادرىدنى قايتۇرۇۋالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ناپولېئون ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ فرانسىيە-رۇسىيە ئۇرۇشى جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ فرانسىيەگە بىرلىشىپ قارشى تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن، فرانسىيە قوشۇنلىرىنى ئىسپانىيەدىن يۆتكەپ چىقىپ جەڭگە سېلىشقا مەجبۇر بولغان. 1813-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنگلىيە-پورتۇگالىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى ۋە ئىسپانىيە پارتىزانلىرى ۋىكتورىيە ئومۇمىي جېڭىدە يوسىف قۇماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى مەغلۇپ قىلغان. فرانسىيە ئارمىيەسى شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىسپانىيەدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئارقىدىنلا ۋىللىنگتون قوماندانلىقىدىكى ئەنگلىيە-ئىسپانىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى پىرسېنىي تاغلىرىدىن ئۆتۈپ فرانسىيە تېررىتورىيەسىگە بېسىپ كىردى. 1814-يىلى 6-ئايدا ناپالېئوننىڭ تەختىنى بوشىتىشى بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشقان.

ئەنگلىيە غەربىي پورتۇگالىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى غەلىبە قىلىغان؛ ئەنگلىيە ئارمىيەسى فرانسىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، فرانسىيە ئارمىيەسى پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان.

يېرىم ئارال ئۇرۇشىيېرىم ئارال ئۇرۇشى ناپولېئوننىڭ ئىمپېرىيە يېرىم ئارىلىنى بويسۇندۇرۇش غەرىزىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىدىن باشلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرىشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ ئۇرۇشتا فرانسىيەنىڭ 500 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنى چىقىم بولغان. جۈملىدىن 300 مىڭ ئادىمى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان، ئىسپانىيە-پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قەيسىرانە كۈرىشى ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ فرانسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى كۈچلۈك تۈردە ئىلگىرى سۈرۈپ، ناپولېئوننىڭ تەختتىن غۇلاپ چۈشۈشىدىكى ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1122911.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#