بەنچاۋ

بەنچاۋ، ئەر، خەنزۇ، مىلادىيە 32-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ فۇفېڭ ئايمىقىغا قاراشلىق ئەنلىڭ دېگەن يەردە تارىخچى بەن بىياۋ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەشھۇر ھەربىي ئالىم، سىياسىيون.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بەنچاۋ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 102-يىلى
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى ھەربىي ئالىم
تۇغۇلغان ۋاقتى 32-يىلى
ياشىغان زامان شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرى
يۇرتى فۇفېڭ ئايمىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەنچاۋ، ئەر، خەنزۇ، مىلادىيە 32-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ فۇفېڭ ئايمىقىغا قاراشلىق ئەنلىڭ (ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىگە تەۋە شىيەنياڭنىڭ غەربىي شىمالىي) دېگەن يەردە تارىخچى بەن بىياۋ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاكىسى بەن گۇ خەن سۇلالىسىنىڭ تارىخى- «خەننامە»نى پۈتكەن. ئاشۇنداق ئالىملار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بەنچاۋ كىچىكىدىن ياخشى تەربىيە كۆرۈپ، كۆپ كىتاب، رىسالىلەرنى ئوقۇپ، بىلىملىك، غايىلىك، تەدبىركار، سىياسىيون بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

بەنچاۋ دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى ۋە دۇنياغا كەلگەن يىللاردا «تارىخنامە»،«خەننامە» قاتارلىق كىتابلاردا «غەربىي دىيار» (بەزى كىتابلاردا «غەربىي يۇرت» ياكى «قۇرىغار» دەپ ئېلىنىۋاتقان جايلار) دەپ قەيت قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيادا 36 شەھەر دۆلىتى بار ئىدى. تەخمىنەن بۈگۈنكى قەشقەر شەھىرى، يېڭىشەھەر، كونا شەھەر، يوپۇرغا، پەيزىۋات ناھىيەلىرى بىلەن ئاتۇش شەھىرى نى ئۆز ئىچگە ئالغان «سۇلى» دۆلىتى ئاشۇ شەھەر دۆلەتلىرنىڭ بىرى ئىدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شىنجۆنىڭ 2-يىلى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 60-يىللار) ئورلى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى (بۈگۈنكى بۈگۈر دائىرىسىدە) تەسىس قىلىپ، غەربىي دىيارنى خەن سۇلالىسى خەرىتىسىگە كىرگۈزگەن. لېكىن، ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي دىيارنى تالىشىش كۈرىشى داۋاملىشىۋەرگەن. تارىخچىلار ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، يىراقنى كۆرەلەيدىغان پاراسەت بىلەن يېتىلگەن بەنچاۋ غەربىي دىيار زېمىنىنىڭ كەڭلىكى، ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، چوڭ قوشۇننى ئىشقا سېلىپ تېز ئۇرۇش قىلىپ، تېز غەلبە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، پەقەت پەم-پاراسەتكە تاينىپ، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش بىلەن مەسلىنى ھەل قىلىش مۇمكىنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن بولغاچقا، شەرقىي خەن يىلنامىسى يوڭچىڭنىڭ 17-يىلى (مىلادىيە 74-يىلى) خەن خاندانلىقىنىڭ ئەلچىلىك سالاھىيىتى بىلەن 36 ئەسكەرنى باشلاپ مۇشەققەتلىك ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ، خوتەن، يەكەن دۆلەتلىرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، يىپەك يولىنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبى تۇتىشىدىغان تۈگۈن، پامىر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۆتىدىغان دەرۋازا، ھەربىي ئىشلاردا مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك جاي، سودا- سېتىقى، ئىقتىساد گۈللەنگەن چوڭ شەھەر قەشقەرگە كېلىپ ئەسكىھىسارنى ئىگىلەپ، سۇلى دۆلىتىگە ھۇن خاندانلىقى تەرىپىدىن قۇيۇلغان پادىشاھنى تىرىك تۇتۇپ، سۇلىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھىنىڭ جىيەن ئوغلى شۇلېنى پادىشاھلىققا تىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن تاقىلىپ قالغىنىغا 65 يىل بولغان يىپەك يولى ئېچىلىپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن سۇلى دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەن؛ شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ دوستانە بېرىش- كېلىش، سودا-سېتىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئاساس سېلىنغان. يېڭى پادىشاھ شۇلې خەن خاندانلىقىغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىسىمىنى «جۇڭ» (سادىق) غا ئۆزگەرتىپ، بەنچاۋنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا ھەمدەم بولغان.

مىلادىيە 102-يىلى ئاغرىقچان بولۇپ قالغان بەنچاۋ يۇرتىغا قايتىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ۋاپات بولغان.

1995-يىلى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم بىلەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاجرىتىپ قەشقەر ئەسكىھىسار قەدىمىي شەھەر خارابىسىگە مەشھۇر ھەربىي ئالىم بەنچاۋ ۋە ئۇنىڭ 36 ئەسكىرىنىڭ گىرانت تاش ھەيكىلىنى تۇرغۇزدى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#