ھەرە كۆنىكى

ھەرە كۆنىكى

بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق چوڭ سېرىق ھەرە ياكى سېرىق ھەرىنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ، زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى، جاراھەت پۈتتۈرۈش تەسىرى، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بار.

دورا نامى ھەرە كۆنىكى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蜂房

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق چوڭ سېرىق ھەرە ياكى سېرىق ھەرىنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق، رەڭگى ئاقۇش كۈل رەڭ كېلىدۇ، ئارقا تەرەپتە سېپى بولىدۇ، ئالدى تەرىپىدە ئالتە بۇرجەكلىك تۆشۈكلىرى بولىدۇ. «ھەرە كۆنىكى» ياكى «ھەرە ئۇۋىسى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

گىلۇكوزا (Glocose)، دەرەخ يېلىمى، مېۋە قەنتى، ھەسەل مومى، ھەسەل يېلىمى، بىر قىسىم ئۇچۇچان مايلار، فوسفور، تۆمۈر، كالىي ماددىلىرى ۋە باشقا ئارىلاشما ماددىلار بار.

زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى، جاراھەت پۈتتۈرۈش تەسىرى، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بار.

بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

يەل تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قۇرۇتلارنى ئۆلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش.

قۇرساق ئېسىلىش، دورىلاردىن زەھەرلىنىش، بوۋاسىر، ھەر خىل جاراھەت، سۈت بېزى ياللۇغى، غەلۋىرەك، جاھىل تەمرەتكە، تىرە ياللۇغى، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ھەرە كۆنىكىدىن 12 گىرام، غاز تاپىنىدىن 35 گىرام، سىمىز ئوتتىن 25 گىرام ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيىدە يەرلىك ئۇرۇننى يۇسا، بۇۋاسىردىكى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ھەرە كۆنىكى، زەمچە 12 گىرامدىن، ئەمەن يوپۇرمىقى 20 گىرام، سەپرا ئوت يىلتىزى پوستىدىن 15 گىرام، قائىدە بويىچە سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئۇرۇننڭ يۇسا، جاھىل تەمرەتكە ۋە تىرە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3~6 گىرام.

ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.

سۈت.

ھەسەل.

پېشايۋانلاردا، تام تۆشۈكلىرىدە، ئېگىز ئوتلاقلاردا، تاشلارنىڭ ئارىلىرىدا بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن تېپىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#