مەركىزىي ھەربىي كومىتېت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي ھەربىي رەھبەرلىك ئاپپاراتى. 1982-يىلى ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇندا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە قۇرۇلغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. دۆلەت مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. پارتىيىنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بىلەن دۆلەتنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئەمەلىيەتتە بىر ئاپپارات بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەم پارتىيىنىڭ ئارمىيىگە بولغان رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ھەم دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئارقىلىق قوراللىق كۈچلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر ۋە كومىتېت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭدا رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەئىسلىرى: ماۋ زېدۇڭ، خۇا گوفېڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنى2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئېلان قىلىندى. ئەسلىدىكى تۆت باش شىتاب 15 فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ئۆزگەرتىلدى.
ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللەن ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئارمىيەمىزنىڭ رەھبەرلىك - قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا بىر ئۆسۈكچە بۇزۇش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش بىر نامايەندىلىك مۇۋەپپەقىيىتى، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا بېسىلغان ھالقىلىق بىر قەدەم. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.