شىڭپىڭ يېزىسى

شىڭپىڭ يېزىسى

شىڭپىڭ يېزىسى __ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى شىڭپىڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 7161 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0996
خەنزۇچە ئاتىلىشى 兴平乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
ماشىنا كودى 新M

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىڭپىڭ يېزىسىشىڭپىڭ يېزىسى __  لوپنۇر ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، لوپنۇر ناھىيەسى نىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان.

2002-يىلى ناھىيەگە قاراشلىق 6 مەمۇرىي كەنت، 28 كەنت گۇرۇپپىسى، ئالتە ئاھالە كومىتېتى، يېزا ئىگىلىك  پونكىتلىرى 13، ئاھالىلەر 2125 ئائىلە، نوپۇسى 7161 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 4407 ئادەم، يېزا ئومۇمىي كۆلىمى 3349 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 800 گېكتار. شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدە كېۋەز ئاساس قىلىنىدۇ، چارۋىچىلىقتا قوي ئاساس قىلىنىدۇ.

لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسى ناھىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا  جايلاشقان. شەرقىي ئاقسوپى يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبى ئىتتىپاق يېزىسى، غەربى گۈلباغ يېزىسى بىلەن يانداش، شىمالىي شىنىغا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

شىڭپىڭ يېزىسى2002-يىلى، يېزا بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 70 مىليون 622 مىڭ 400 يۈەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 663 مىليون 154 مىڭ يۈەن؛

2-كەسىپنىڭ 2 مىليون 945 مىڭ يۈەن، يىلىغا %6 ئاشقان؛

3- كەسىپنىڭ 4 مىليون 523 مىڭ 300 يۈەن؛

2001-يىلىدىكى 2.32% ئاشقان. مالىيە كىرىمى 700 مىڭ يۈەن، مالىيە چىقىمى 2 مىليون 159 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 4270.26 يۈەن يېتىپ، 2001 ـ يىلدىكىدىن 172 يۈەن كۆپەيگەن. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 2200 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 723.8 توننا، 2001-يىلى %32 ئاشقان؛ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 52000 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6864 توننا، 2001 ـ يىلى %5.4 ئاشقان؛ كۆكتات كۆلىمى 540 مو كېلىدۇ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1080 توننا، 2001 ـ يىلى %17 ئاشقان؛ 2 توننا ياغلىق دان بار. 

يىل ئاخىرىدىكى چارۋا سانى 250 مىڭ تۇياق (دانە)، گۆشنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 554 توننا، 2001 ـ يىلى %54 ئاشقان. ئىشلەپچىقىرىلغان 20 توننا يۇڭ، سۈت 22 توننا؛ باقمىچى ئائىلە 203، بورداقچى ئائىلە 87 گە يەتكەن. چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 79 مىليون 525 مىڭ يۈەن. 

بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 627 مو، 250 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە باغ كۆلىمى 4800 مو، نەتىجىدە كۆلىمى 4080 مو.

شىڭپىڭ يېزىسىجەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاش %100 كە يەتكەن. شەرەپ ناملىرى: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي ئۈلگە كەنت بازار، ئالتە ياخشى يېزا بازار پارتكومى، ئون يۇلتۇز دەرىجىلىك مەدەنىي ئائىلە 1850 كە، بەشتە ياخشى مەدەنىي ئائىلە 82 گە يەتكەن، مەنىۋى مەدەنىيەلىك قۇرۇلۇشى  ئىلغار كوللېكتىپ، پىلانلىق تۇغۇت «ئۈچ ئاساس» خىزمىتىدە لاياقەتلىك يېزا، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ قاتارلىق ناملار بېرىلىگەن.

شىپىڭ يېزىسى تەۋەلىكىدىكى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى %100 كە يەتكەن، پىلانلىق تۇغۇت نىسبىتى %98.2، يىل ئاخىرىدا تەكشۈرۈپ باھالاش قاتار ناھىيە بويىچە بىرىنچى بولغان.

شىڭپىڭ يېزىسىيېزىلاردىكى ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى بىر، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى ئالتە، دېھقان-چارۋىچىلار مەدەنىيەت تېخنىكا مەكتىپى بىر، شۆبە مەكتىپى 6، پارتىيە ئەزالىرى ئېلېكترلەشكەن مائارىپ پونكىتى بىر، پارتىيە ئەزالىرى ئېلېكتىرلەشكەن دەرسخانا، كۇتۇپخانا بىر. يېزا بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپتىن 5، ئوقۇغۇچى 5724 (بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى 460 ئادەم)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 73 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 56)؛ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100 كە، ئوقۇغۇچى مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. بىر شىپاخانا، تۆت سەھىيە ئىشخانىسى، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتى بىر، كەسپىي سەھىيە تېخنىكا خادىمى (سەھىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار) 2 ئادەم. رادىيو بىلەن قاپلاش نىسبىتى %95 تىن، تېلېۋىزىيە بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90 كە يەتكەن. 

كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ 2002-يىلدىن باشلاپ، 1-كەسىپ زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلغان. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كېۋەز، ئاشلىق زىرائەتلەردىن ۋە باغۋەنلىك، چارۋىچىلىقتىن كېلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#