كۈلرەڭ تۇرنا
كۈلرەڭ تۇرنا (ئىلمىي نامى: Grus grus) چوڭ تىپتىكى لەيلەك ئاياغلىق قۇشلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار). ئۇزۇنلۇقى 100-120 سانتىمېتىر. بويۇن، پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرى كۆپىنچە كۈل رەڭ، بېشىنىڭ چوققىسى يالىڭاچ، تېرىسى قىزىل، كۆزدىن كېيىنكى بويۇن يان تەرىپىدە كۈلرەڭ ئاق رەڭلىك بەلۋاغلىرى بولىدۇ، پۇتى قارا رەڭدە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۈلرەڭ تۇرنا (ئىلمىي نامى: Grus grus) چوڭ تىپتىكى لەيلەك ئاياغلىق قۇشلار (ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاق قۇشلار). ئۇزۇنلۇقى 100-120 سانتىمېتىر. بويۇن، پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرى كۆپىنچە كۈل رەڭ، بېشىنىڭ چوققىسى يالىڭاچ، تېرىسى قىزىل، كۆزدىن كېيىنكى بويۇن يان تەرىپىدە كۈلرەڭ ئاق رەڭلىك بەلۋاغلىرى بولىدۇ، پۇتى قارا رەڭدە.
بىپايان تۈزلەڭلىك، چىملىق، سازلىق، دەريا ساھىلى، دەشت، كۆل ھەمدە تېرىلغۇ يەرلەردە ياشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى سۇ بويىدىكى ئۆسۈملۈكلەر مول بولغان كەڭ كۆل ۋە سازلىق. ئاساسلىقى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق، يۇمران، يۇمشاق، تۈگۈنەك غول، جۇڭگو كەتىراسى، قوناق، دان، ياڭيۇ، يېسىۋېلەك، يۇمشاق تەنلىكلەر، قۇرت-قوڭغۇز، پاقا، سازاڭ، بېلىق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ.
كۇلرەڭ تۇرنا چوڭ تىپتىكى سۇ كەچكۈچى قۇش بولۇپ، تاپىنى كىچىك، شۇنداقلا يۇقىرىراق، ئالدىنقى ئۈچ بارمىقى قاماللاشقا ماسلاشقان، شۇڭا دەرەختە دەم ئالىدۇ. يېتىلگەن قۇشنىڭ چىشىسى بىلەن ئەركىكى ئوخشىشىدۇ، چىشى تۇرنا سەل كىچىك. بېشىنىڭ ئالدى بىلەن پېشانە ۋە كۆز ئەتراپى قارا رەڭدە بۇلۇپ، شالاڭ قارا رەڭلىك قىسقا پەيلىرى بار، تاج قىسمىدا پېيى يوق، يالىڭاچ تېرىسى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. كۆز ئەتراپىدىن كېيىن ئاق رەڭلىك كەڭ سىزىق قۇلاق پەيلىرى بوينىنى بويلاپ پەسكە تارتىلغان، بەدىنىنىڭ قالغان قىسمى كۈلرەڭ، دۈمبە، بەل قىسمىدىكى كۈلرەڭ بىر قەدەر قېنىق؛ مەيدە، قانىتى كۈلرەڭ؛ گال، بۇرۇن، بويۇن ۋە بوينى كۈل رەڭ قارا رەڭدە بولىدۇ. دەسلەپكى پەيلىرى، ئىككىلەمچى ئۇچۇش پەيلىرىنىڭ ئۇچى، قۇيرۇق پېيىنىڭ ئۇچ قىسمى ۋە قۇيرۇق پەيلىرى قارا رەڭلىك بولىدۇ؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئۇچۇش پەيلىرى كۈلرەڭ، قارا رەڭلەردە بۇلۇپ، ئېگىلگەن ياسىمان، پەي ئۇچىدىكى پەي شاخلىرى چېچىلاڭغۇ ۋە چاچسىمان كېلىدۇ. رەڭدار پەردە قىزىل قوڭۇر رەڭدە؛ تۇمشۇقى قارا يېشىل رەڭدە، ئۇچى سېرىق ئارىلاشقان؛ پاچاق ۋە پۇتى كۈل رەڭ قارا رەڭدە بولىدۇ.
چوڭ-كىچىكلىكى
كۇلرەڭ تۇرنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى:
ئەركەك كۈلرەڭ تۇرنا (♂) | چىشى كۈلرەك تۇرنا (♀) | |
بەدەن ئېغىرلىقى | 3750-4850 گرام | 3000-5500 گرام |
تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى | 1048-1100 مىللىمېتىر | 1000-1112 مىللىمېتىر |
تۇمشۇق ئۇچى ئۇزۇنلۇقى | 100-112 مىللىمېتىر | 101-120 مىللىمېتىر |
قانىتى ئۇزۇنلۇقى | 525-577 مىللىمېتىر | 500-555 مىللىمېتىر |
قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى | 186-211 مىللىمېتىر | 182-210 مىللىمېتىر |
ئوشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى | 227-252 مىللىمېتىر | 207-240 مىللىمېتىر |
كۈلرەڭ تۇرنا بىپايان تۈزلەڭلىك، چىملىق، سازلىق، دەريا ساھىلى، دەشت، كۆل ھەمدە تېرىلغۇ يەرلەردە ياشايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قايى سۇ بويىدىكى ئۆسۈملۈكلەر مول بولغان كەڭ كۆل ۋە سازلىق. دائىم سازلىق، چىملىق، سازلىق چۆپلۈكىدىكى دۆڭ يەر ۋە سۇ ئازگىلىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، سۇ پايىسى، سۇ ئېيىقتاپىنى ۋە چېچەكسەي قاتارلىق 20 نەچچە خىلى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇزۇقلۇق قىلىدۇ؛ دۆلىتىمىزنىڭ خېيلۇڭجياڭ ۋە لىنديەن ناھىيەسىدىكى قومۇش سازلىقىدا كۇلرەڭ تۇرنىلار ياشايدۇ، بۇ جايدا تار يوپۇرماقلىق ياۋا تېرىق، ئېشەك مەدىكى، كىچىك قىزىل يۈسۈن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر مول؛ كۆچۈش جەريانىدا قىشلايدىغان يەر بىلەن ئاساسلىق پائالىيەت دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بۇلۇپ، كۆل، سۇ ئامبىرى ياكى دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدا، دائىم ئېتىز-ئېرىق قىرغىقىدىكى ئورمانلاردا ئوزۇقلىنىدۇ.
كۈلرەڭ تۇرنا 5-10 بىر كىچىك توپ بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ، كۆچۈش مەزگىلىدە، بەزىدە توپى 40-50 بىر توپ بولىدۇ.
ئوزۇق تاللىمايدۇ، لېكىن ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك، يىلتىز، پايە، مېۋە ئۇرۇقى، قومۇش يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى قاتارلىقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ياز پەسلىدەا قۇرت-قوڭغۇز، سازاڭ قۇرت، پاقا، يىلان، چاشقان قاتارلىقلارنىمۇ ئۇزۇقلۇق قىلىدۇ. ئۇ ھەرخىل ياشاش مۇھىتىدا يېڭى ياشاش مۇھىتىنى ئىگىلىيەلەيدۇ ھەمدە ماس كېلىدىغان ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسلەن: سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، دان ۋە ئۇرۇقى، كىچىك تىپلىق ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار، سۇر پۇرچاق، قوناق، ياڭيۇ، سەۋزە، تۇرۇپ، يېسىۋېلەك، پالەك، كۈزگى بۇغداي، چوڭ پىيىزەك ۋە قىرلىق پىيىزەك يىلتىزى قاتارلىقلارنى، يەنە قۇشۇمچە ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەنى، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن جۇڭخۇا ئېتىز قۇلۇلىسى، قىرلىق قۇلۇلە ۋە ساپان تىپلىق قۇلۇلە قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ.
دۇنيادىكى تارقىلىشى
كۈلرەڭ تۇرناكۈلرەڭ تۇرنا دۇنيادىكى 15 خىل تۇرنىلار ئىچىدە ئەڭ كەڭ تارقالغان تۈر بۇلۇپ، ئافغانىستان، ئالبانىيە، ئالجىرىيە، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، بەھرەين، بېنگال، بېلارۇسىيە، بېلگىيە، بۇتان، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، بۇلغارىيە، كامبودژا، كانادا، جۇڭگو، كرودىيە، سىپرۇس، چېخ جۇمھۇرىيىتى، دانىيە، مىسىر، ئېرىترىيە، ئېستونىيە، ئېفىئوپىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گرۇزىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، ۋېنگرىيە، ھىندىستان، ئىران، ئىراق، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئىئوردانىيە، قازاقىستان، كورېيە، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، قىرغىزىستان، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، لاتۋىيە، لىۋان، لىۋىيە، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، ماكېدونىيە، مالتا، موڭغۇلىيە، مونتېنېگرو، ماراكەش، بېرما، نىپال، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ئامان، پاكىستان، پەلەستىن، بولان، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، سەئۇدى ئەرەبىستان، سېربىيە، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، سۇلتان، شۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، ئەرەب سۇرىيە جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان، تۇنىس، رۇم (تۈركىيە)، تۈركمەنىستان، ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان، ۋيېتنام، يەمەن.
نەسلى قۇرۇپ كەتكەن رايونلار: ئاۋسترىيە.
كۆچمەن قۇشلار: جىبۇتى، فائېرو تاقىم ئاراللىرى، گىبرالتار (ئەنگلىيە، شياڭگاڭ، ئىسلاندىيە، ئىېرلەن، كۇۋەيىت، لىچتېنشتېين، ماۋرىتانىيە، نىگېر، نىگېرىيە، قاتار، ۋاسۋاربا ئارىلى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى.
جۇڭگودىكى تارقىلىشى
جۇڭگودا ئۇنىڭ كۆپىيىش رايونى ئاساسلىقى شىمالى قىسىملار، شىنجاڭ (بايىنبۇلاق، ئۈرۈمچى دەرياسى، ئالتاي تېغى، ئالتۇن تاغ رايونى)، ئىچكى موڭغۇل (خۇلۇنبېر)، خېيلۇڭجياڭ (لىنديەن، تەيلەي)، چىڭخەي (چوڭ سۇخەن كۆلى، كىچىك سۇخەن كۆلى، چىڭخەيخۇ كۆلى، كۆكنۇر كۆلى، چەيدام ئويمانلىقى ئىچىدىكى دابۇشۈن كۆلى)، گەنسۇ (گاخەي)، نىڭشيانىڭ (يىنچۈەن) ۋە سىچۈەن (رورگەي).
كۈلرەڭ تۇرنا يەككە تۈر بۇلۇپ، كەنجى تۈرى يوق.
«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» (IUCN)؛ 2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكگە كىرگۈزۈلگەن ver 3.1 _____ خەتىرى تۆۋەن (LC).
جۇڭگو دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان دەرىجىسى: 2-دەرىجە.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.