ھاۋالىق كۆكرەك كېسلى

ھاۋالىق كۆكرەك

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆكرەكنىڭ ئەزا قەۋەت بىلەن دىۋار قەۋەت پەردىلىرى يېرىلىپ، كۆكرەك بوشلۇقىغا ھاۋا يىغىلىپ، تۇيۇقسىز كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.

خەنزۇچە نامى 气胸
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
كېسەللىك ئورنى كۆكرەك ئورنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى ئېغىرلىشىپ ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى كۆپۈپ ئۇلار تۇيۇقسىز يېرىلىپ كۆپ مىقداردىكى ھاۋا كۆكرەكنىڭ نېپىز قەۋەت بىلەن دىۋار قەۋەت ئارىلىقىغا چىقىپ كېتىشى بىلەن كۆكرەك بوشلۇقىغا ھاۋا يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئۆپكە سىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆپكە ئاستى يۈزى قەۋىتىدىكى سوزمىسىمان كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئېرىپ يېرىلىپ، ئىنچىكە كانايچە ئارقىلىق كۆكرەك پەردىسىگە تۇتىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدىكى ھاۋا كۆكرەك بوشلۇقىغا چىقىپ ھاۋالىق كۆكرەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئۆپكە سىرتقى قەۋىتىگە يېقىن بولغان سىل كاۋىكىنىڭ كۆكرەك بوشلۇقى تەرەپكە يېرىلىشى سەۋەبىدىن كۆپ مىقداردىكى ھاۋا كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا چىقىپ ھاۋالىق كۆكرەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ:

 (1 يىڭنە بىلەن داۋالاش ۋە كۆكرەك بوشلۇقىغا فۇنكسىيە قىلغاندا يىڭنىنىڭ بەك چوڭقۇر كىرىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 (2 ھەرخىل سىرتقى زەربىلەر يەنى كۆكرەك قىسمىنىڭ زەخىملىنىشى، قوۋۇرغىنىڭ سۇنۇشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

 (3 قوشنا ئەزالاردىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىقلار تېشىلىپ، ھاۋانىڭ، دىئافراگما ياكى تىك پاسىلدىن ئۆتۈپ كۆكرەك بوشلۇقىغا كىرىش سەۋەبدىن ھاۋالىق كۆكرەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھاۋالىق كۆكرەككۆكرەك پەردە يېرىقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1. يېپىق ھاۋالىق كۆكرەك: كۆكرەك پەردىسىنىڭ يېرىلغان ئېغىزى كىچىكرەك بولۇپ، ئۆپكە قۇرۇلغاندا، يېرىق ئېغىزى ئۆزلۈكىدىن پۈتۈن قالىدۇ. كۆكرەك پەردە بوشلۇقىدىن گەرچە ئوڭ بېسىمنى ئۆلچىگىلى بولسىمۇ، لېكىن ھاۋانى تارتىپ چىقارغاندىن كېيىن بېسىم قايتا كۆرۈلمەيدۇ. ھاۋانىڭ تەدرىجىي سۈمۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئالامەتلەر يوقايدۇ.

2. ئوچۇق ھاۋالىق كۆكرەك: كۆكرەك پەردىسىنىڭ يېرىلغان ئېغىزى چوڭ بولغاندا ياكى كۆكرەك پەردىسى چاپلىشىپ قالغاندا، ئۆپكىنىڭ يىغىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يېرىق ئېغىزى ئېتىلمەي، ھاۋا يېرىق ئېغىزىدىن ئەركىن كىرىپ چىقىپ تۇرىدۇ. ئۆپكىنىڭ ئىچكى بېسىمى بىلەن ئاتموسفېرا بېسىمى ئوخشاش بولىدۇ. ئۆپكىنىڭ كۆكرەك قىسمى قۇرۇلۇپ قالىدۇ.

A. يېرىلغان ئېغىز پۈتۈن، يېنىك خاراكتېرلىك ھاۋالىق كۆرەككە ئايلىنىشىB. يېرىلغان ئېغىز ھەرىكەتلىك كلاپانغا ئايلانغان-يۇقىرى بېسىملىق ھاۋالىق كۆكرەكC. كۆكرەك پەردە چاپلىشىپ ئۆپكىنىڭ بىر قىسمىنى تارتىپ يېرىلغان ئېغىزىنىڭ ئېتىلىشىگە يول قويمىغان ئوچۇق خاراكتېرلىك ھاۋالىق كۆرەكD. يېرىق ئەتراپىدا قاتقان توقۇلما بولۇپ ئىشەلمەستىن بولغان ئوچۇق ھاۋالىق كۆرەك

ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان ھاۋالىق كۆكرەكنىڭ مودېللىق رەسىمى

3. يۇقىرى بېسىملىق ھاۋالىق كۆكرەك: كۆكرەك پەردىسىنىڭ يېرىق ئېغىزىدىكى توقۇلمىلار بىر يۆنىلىشلىك قاپقاقلىق رولىنى ئوينايدۇ. نەپەس ئالغاندا، يۆتەلگەندە ھاۋا يېرىق ئېغىزى ئارقىلىق كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا كىرىدۇ. نەپەس چىقارغاندا يېرىق ئېغىزى يېپىلىپ قېلىپ، كۆپ مىقداردىكى ھاۋا كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا يىغىلىدۇ. كۆكرەك پەردە بوشلۇقىنىڭ ئىچكى بېسىمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاتموسفېرا بېسىمىغا تەڭلىشىدۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىپ، ئۆپكە ۋە كۆكرەك ئىچىدىكى چوڭ ۋېنالارنى بېسىپ، نەپەس ۋە قان ئايلىنشىقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر يەڭگىللىكى، كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا يىغىلغان ھاۋانىڭ ئاز-كۆپلىكى، كېسەللىك تەرەققىياتىنىڭ تىز ئاستىلىقىغا، تۈرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. كېسەللىك باشلىنىشى نىسبەتەن جىددىي بولۇپ، بەزىلەردە ھېسسىي ئالامەت بولماي، پەقەت رېنتگېندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىدۇ.

1. كۆكرەك ئاغرىش بولىدۇ، كۆكرەكتە تۇيۇقسىز ئاغرىش بولىدۇ. ئاغرىقنىڭ خاراكتېرى پىچاق بىلەن كەسكەندەك ياكى يىڭنە سانجىغاندەك بولىدۇ. يۆتەلگەندە ياكى كۈچەپ نەپەسلەنگەندە ئېغىرلىشىدۇ. بەزىدە ئاغرىق شۇ تەرەپ مۈرە، دۈمبە ياكى يۇقىرى قورساق قىسىملىرىغىچە تارقىلىدۇ.

2. نەپەس قىيىنلىشىدۇ، ھاۋالىق كۆكرەك بىلەن ئاغرىغۇچىلردا كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ ئىچكى بېسىمى يۇقىرى ئۆرلەپ ئۆپكە قۇرۇلغانلىقتىن نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈلىدۇ.

3. يۆتىلىش، ئاساسلىقى قۇرۇق يۆتەل بولىدۇ.

4. باشقا ئالامەتلەر، نەپەس قىيىنلىشىش ئېغىرلىشىپ كۆكىرىدۇ، تومۇرى تېز، ئەمما ئاجىز سالىدۇ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، چىرايى تاتىرىپ، مۈچىلەر سۇۋۇيدۇ، ئېغىرلىرىدا ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ھوشسىزلىنىدۇ.

كۆكرەك قەپىزى كۆپۈپ قوۋۇرغا ئارىلىقى كېڭىيىدۇ، نەپەس ھەرىكىتى ئاجىزلاپ، كاناي ساق تەرەپكە سىلجىيدۇ. چېكىپ تەكشۈرگەندە ئاغرىق تەرەپتىن دۇمباق تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ. تىڭشاپ تەكشۈرگەندە نەپەس تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ. ھاۋا مىقدارى ئاز بولغاندا روشەن بەدەن بەلگىلىرى ئىپادىلەنمەيدۇ. ئەگەر كۆكرەك پەردىسىگە سۇ يىغىلىش قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا سۇ چايقىلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ.

ھاۋالىق كۆكرەك1. تىپىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

تۇيۇقسىز كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ھوشسىزلىنىش، چېكىپ تەكشۈرگەندە كېسەل تەرەپتىن دۇمباق تاۋۇشى ئاڭلىنىش، قوۋۇرغا ئارىلىقى كېڭىيىش، كۆكرەك شەكلى غەيرىي شەكىلگە كىرىپ قېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، ئۆپكە سىلى بىلەن ئاغرىغانلىق، كۆكرەك زەخىملەنگەنلىك تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

رېنتىگېندە تەكشۈرگەندە ئۆپكە دەرۋازىسىدا قۇرۇلۇپ مونەك بولۇپ قالغان ئۆپكە توقۇلمىسى كۆرۈلىدۇ. ھاۋالىق كۆكرەك سىزىقى بەزىدە ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. كۆكرەك قىسمىنىڭ سۈزۈكلىكى ئېشىپ ئۆپكە سىزىقچىلىرى كۆرۈنمەيدۇ، ئەگەر كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلغان بولسا قوۋۇرغا دىئافراگما بۇلۇڭى يوقىلىپ، سۇيۇقلۇق يۈزى كۆرۈنىدۇ.

1.توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

نەپەس قىيىنلىشىش ناھايىتى ئاستا كۆرۈلۈش، كانايدا سىلجىش بولماسلىق، رېنتگېندە تەكشۈرگەندە سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئورۇنلاردا يەنىلا شالاڭلاشقان ئۆپكە سىزىقچىلىرىنىڭ سايىلىرى بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىكى يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش. رېنتىگېندە تەكشۈرگەندە نورمال بولۇش، يۈرەك كاردىئوگراممىدىكى ئىپادىلىرىدە ST بولكى غەيرىي بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ۋاقتىدا جىددىي تەدبىر قوللانغاندا كېسەللىك ئەۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا جىددىي تەدبىر قوللانمىغاندا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كانايچە كۆكرەك پەردە ئاقمىسى، تىك پاسىللىق ھاۋالىق كۆكرەك، قانلىق ھاۋالىق كۆكرەك، سۇلۇق ھاۋالىق كۆكرەك، يىرىڭلىق ھاۋالىق كۆكرەك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھاۋالىق كۆكرەك1. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. كۆكرەك بوشلۇقىدىكى ھاۋانى چىقىرىپ تاشلاش مەقسىتىدە چارە قىلىنىدۇ.

3.يۆتەل پەسەيتىش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

كۆكرەك بوشلۇقىدىكى ھاۋانى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ.

بۇنىڭدا سۈنئىي ھاۋالىق كۆكرەك ئەسۋابى ئارقىلىق ھاۋا سۈمۈرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ ئەسۋاب بولمىسا 100~50مىللىلىتىرلىق ئىشپىرىس ئارقىلىق فۇنكسىيە قىلىپ ھاۋا چىقىرىلىدۇ. فۇنكسىيە قىلىش ئورنى ئاغرىق تەرەپ ئوقۇرەك سۆڭەك ئوتتۇرا سىزىقى 2-قوۋۇرغا ئارىلىقى ياكى قولتۇق ئالدىنقى سىزىقى 5~4 قوۋۇرغا ئارىلىقىدا بولىدۇ. يېرىلغان ئېغىزنىڭ قايتىدىن ئېچىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىراقلا كۆپ ھاۋا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئادەتتە ھەر كۈنى ياكى ئىككى كۈندە بىر قېتىم ھاۋا سۈمۈرۈلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم سۈمۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئۈنۈم بەرمىسە، يېپىق شەكىلدە ئاققۇزۇپ ھاۋا چىقىرىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. يۇقىرىدىكى فۇنكسىيە قىلىدىغان ئورۇن سېزىمسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئوپېراتسىيە پىچىقى بىلەن تېرىدىن بەش مىللىمېتىر ئېغىز ئېچىپ، نەيچە بېكىتىلگەن يىڭنىنى كۆكرەك بوشلۇقى ئىچىگە كىرگۈزۈپ يىڭنە سۇمبۇسىنى تارتىپ چىقىرىپ مىكروبسىز رېزىنكە نەيچىسى فۇنكسىيە يىڭنىسىنىڭ تۆشىكى ئارقىلىق كۆكرەك بوشلۇقى ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ ياكى كۆكرەك پەردىسىنى ئاجرىتىپ بولغاندىن كېيىن كەسكەن ئېغىز ئارقىلىق نەيچىنى بىۋاسىتە كۆكرەك بوشلۇقى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، نەيچىنىڭ يەنە بىر ئۇچى سۇ قاچىلانغان بوتۇلكا ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ. نەيچىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچىنى سۇيۇقلۇق يۈزىدىن 2~1 سانتىمېتىر چۈشۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. كۆكرەك بوشلۇقىدىكى ئىچكى بېسىم 2~1 سانتىمېتىر سۇ تۈۋرۈكىدىن چوڭ بولغاندا ھاۋا سۇ بار بوتۇلكىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

ئەگەر شارائىت بولسا تەتۈر بېسىملىق ھاۋا چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. سۈمۈرۈۋېلىش ماشىنىسىنى سۇ بار بوتۇلكا ئۈستىگە ئۇلاپ داۋاملىق سۈمۈرۈش بىلەن كۆكرەك پەردە بوشلۇقىدا تەتۈر بېسىم شەكىللەندۈرگەندە، ئۆپكىنىڭ قايتا ئېچىلىشى تېزلىشىپ كۆكرەك پەردە بوشلۇقىنىڭ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

يۆتەل پەسەيتىش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىدۇ.

يۆتەل پەسەيتىش، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى خەشخاش شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن، زۇپا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن، لوئوقى سەرپىستان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن، تۆۋەندىكى لوئوق خەشخاش كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

خەشخاش شەربىتى نۇسخىسى: خەشخاش پوستى، خەشخاش ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، گاۋزىبان ھىندى، بېھى ئۇرۇقى، سەرپىستان 15گرامدىن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئاق سەندەل 10گرامدىن، ئۈزۈم 100گرام، شېكەردىن 120گرام ئېلىپ، قاينىتىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

لوئوقى خەشخاش نۇسخىسى: خەشخاش پوستى 60گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، رۇببىسۇس، نىشاستە، ئەرەب يېلىمى، قوغۇن ئۇرۇقى 15گرامدىن، بادام مېغىزى، خەشخاش ئۇرۇقى 30گرامدىن، قەنت 300گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە لوئوق تەييارلىنىدۇ.

چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئىترىفىل مۇلەييىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10~5 گرامدىن، مەجۇنى خىيارشەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، ھەسەل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئىتتىرىفىل مۇلەييىن نۇسخىسى: خىيارشەنبەر، بەلىلە پوستى، سانا 90گرامدىن، شاھتەررە 70گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 160گرام، قىزىلگۈل 60گرام، ئامىلە 35گرام، بادام يېغى 30مىللىلىتىر، ھەسەلدىن ئۈچ ھەسسە ئېلىپ قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

يۈرەك خىزمىتىنى ياخىشلاش مەقسىتىدە خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10~8 گرامدىن، خېمىرى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا 10گرامدىن، خېمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، مايلىق، ئاچچىق-چۈچۈك، زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، قەۋزىيەت بولۇشتىن، كۆپ كۈچىنىشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، زۇكام بولۇشتىن، چاڭ-توزانلىق، ئىس-تۈتەك كۆپ بولغان ئورۇندا تۇرۇشتىن، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق مۇھىتتا ئورۇندا تۇرۇشتىن، ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش لازىم.

4.مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىشتۈرۈش لازىم.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=803

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#