كەلپىن قوشۇقى

كەلپىن قوشۇقى

كەلپىن قوشۇقى قەدىمىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى.

ئۇيغۇرچە نامى كەلپىن قوشۇقى
چىقىش ئورنى كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك يېزىسى
ياسىلىش ماتېرىيالى تەبىئىي ئۆرۈك ياغىچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوشۇققوشۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قوشۇقچىلىق ھۈنەر- سەنئىتى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە كەلپىن قوشۇقى ئاپتونوم رايونمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياسىلىۋاتقان ۋە ئىشلىتلىۋاتقان قوشۇقلار بىلەن كۆپ جەھەتتىن ئۆزگىچە پەرقلەنگەچكە، يېقىندا شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە غەيرىي مادددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىپ، كەلپىندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا زور شان-شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق بەخىش ئەتكەن.

كەلپىن قوشۇقىكەلپىن قوشۇقىنىڭ، قوشۇق دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 51 سانتىمېتىردىن 02 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ. قوشۇق بېشى بىرقەدەر چوڭ ۋە چوڭقۇرراق بولۇپ ، دىئامېتىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت– بەش سانتىمىتىر كېلىدۇ. قوشۇق دەستىسى بىلەن بېشى تۇتىشىدىغان ئورنى ئۆزگىچە نەقىشلەنگەن بولۇپ بەكمۇ نەپىس. يېڭى ياسالغان قوشۇقلار سەل ئاقۇش بولۇپ، قانچە ئۇزۇن ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ. مەلۇم سەۋەبلەردىن سۇنۇپ كەتمىسىلا ئادەتتە 100 يىل ئىشلىتىلسىمۇ ھېچقانداق بۇزۇلۇش ئالامتى كۆرۈلمەيدۇ.

قوشۇق ياساشقا ئادەتتە ھەرە، پالتا، چوت (كەكە)، ئاتالگا (مەخسۇس ياسالغان ئەگرى چوت) ۋە كاشكات (مەخسۇس ياسالغان نەقىشلىگۈچ سايمان) ئىشلىتىلىپ پۈتۈنلەي قول ئەمگىكى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. قوشۇق تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچ بويىچە ياسىلىدۇ.

قوشۇق1-ياغاچ تەييارلاش باسقۇچى

1–قەدەمدە ئۈرۈك ياغىچى تەييارلىنىدۇ.2–قەدەمدە ئۈرۈك ياغىچى ھەرە بىلەن 15 سانتېمېتىردىن 20 سانتېمېتىر ئۇزۇنلۇقتا پارچىلىنىدۇ. 3–قەدەمدە ھەرە ئارقىلىق پارچىلانغان ئۈرۈك ياغىچىنى پالتا ئارقىلىق كەڭلىكى 7سانتېمېتىر ئەتراپىدا قايتا پارچىلىنىدۇ. 

2-دەسلەپكى شەكىلگە كەلتۈرۈش باسقۇچى

شەكىلدىكى ئۈرۈك ياغىچى چوت ئارقىلىق ئاستى تەييارلانغان ئۈستى، ئوڭ–سول تەرەپلىرى چانىلىپ تەكشىلەنگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ يۇقىرقى قىسمىدىن 3 سانتېمېتىردىن 5 سانتېمېتىرغىچە تاشلىنىپ توغرىسىغا 2.5 سانتېمېتىردىن 3.5 سانتېمېتىر ئەتراپىدا چانىلىدۇ. سول تەرىپىمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش چانىلىپ قالدى قىسمى چىقىرۋېتىلىپ شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن باش قىسمى يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ دەسلەپكى شەكىل ھالىتى پۈتىدۇ. 

3-قوشۇق باش قىسمىنى ئويۇش باسقۇچى

دەسلەپكى شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن قوشۇق باش قىسمىنى ئاتالغا بىلەن چاناپ ئويىلىدۇ. باش قىسمى تەكشىلىنىپ ، قوشۇق شەكىل جەھەتتىن تولۇق پۇتىدۇ.

4-سىلىقلاش باسقۇچى 

قوشۇقتولۇق شەكىلگە  كەلتۈرۈلگەن قوشۇق كاشكات ئارقىلىق قوشۇق بېشى ۋە قۇشۇق دەستىسى قايتا سىلىقلىنىدۇ. ئاخىرى كۆركەم ياسالغان قوشۇق پۇتىدۇ.

كەلپىن قوشۇقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى قوشۇقلار بىلەن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ كەلپىننىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان تەبىئىي ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ.

بۇ ئېسىل ھۈنەر سەنئەت ئىشچان ، كەلپىن خەلقى، ئەمگەكچان بولغاچقا، ئەۋلادتىن– ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇلۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. كەلپىن ياغاچ قوشۇقى ياساش جەريانى ھېچقانداق فىزىكىلىق، خىمىيىلىك جەريان تەلەپ قىلمايدۇ. قول ئارقىلىق ياسىلىدۇ. كەلپىن ياغاچ قۇشۇقى يەنە مەشرەپلەردە باشقا مىللىي چالغۇلار بىلەن بىرلىكتە چالغۇ ئەسۋاب ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

كەلپىن قوشۇقنىڭ رەڭگى تەبىئىي قىزغۇچ بولۇپ، چىرايلىق، زىيانسىز يېشىل مەھسۇلات، بەدەنگە ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق، ساپ، نەپىس قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.

قوشۇق ياساشقا ئادەتتە ھەرە، پالتا، چوت (كەكە)، ئاتالگا (مەخسۇس ياسالغان ئەگرى چوت) ۋە كاشكات (مەخسۇس ياسالغان نەقىشلىگۈچ سايمان) ئىشلىتىلىپ پۈتۈنلەي قول ئەمگىكى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

1. ھەرە-چوڭ ئۈرۈك كۆتەكلىرىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

2. پالتا-ئۈرۈك كۆتەكلىرىنى ھەرە ئارقىلىق پارچىلىغاندىن كېيىنكى ئۈرۈك ياغىچىنى پارچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

3. چوت-پارچىلانغان ئۈرۈك كۆتىكىنى قۇشۇقنىڭ دەسلەپكى ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

4. ئاتالغا-بۇ بىرخىل ئالاھىدە ياسالغان چوت بولۇپ، چوت ئالدى قىسمى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئايسىمان بولۇپ، قۇشۇق ئىچىنى ئويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

5. كاشكات-قۇشۇق، چوت، ئاتالغا ئارقىلىق تولۇق قۇشۇق شەكلىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن سىلىقلاشقا ئىلشىلىتىدىغان بىرخىل ئالاھىدە پىچاق بولۇپ، سۇئال بەلگىسىگە ئوخشايدۇ. ئۇزۇنلۇقى 15 سانتېمېتىردىن 17 سانتېمېتىرغىچە بولىدۇ. باش قىسمى ئايسىمان بولۇپ، دىئامېتىرى 3 سانتېمېتىردىن 5 سانتېمېتىرغىچە بولىدۇ. ئاستىنقى قىسمى تۈز پىچاق شەكلىدە ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، 30 سانتېمېتىردىن 50 سانتېمېتىرغىچە دەستىلىنىدۇ. ئۇنىڭ باش قىسمى قوشۇق ئىچكى قىسمىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ئويۇش ۋە قوشۇق كاللىسىنى پەردازلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاستىنقى پىچاق قىسمى بولسا قوشۇق دەستىسى ۋە قوشۇق بېشىنى سىلىقلاشقا ئىشىلىتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەلپىن ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ناھىيەلىك پاتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، بۇ خىل ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنى قوغداش ۋە سىرتقا نامايەن قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ناھىيەنىڭ ئەنئەنىۋى قوشۇق ياساش تېخنىكىسىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن نۇقتىلىق يېزا–گەزلىك يېزىسىنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ، ئەنئەنىۋى قوشۇق ياساش تېخنىكىسى ۋە قوشۇققا مۇناسىۋەتلىك زور تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلىغان.

قوشۇق ياساش سايمانلىرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە مەخسۇس ئارىخىب ئامبىرى قۇرغان. شۇ ئاساستا ناھىيەنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى، ئۆزگىچە قوشۇقچىلىق تېخنىكا، ھۈنەر– سەنئىتىنى ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىپ، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە كەلپىن ناھىيەسىنىڭ بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، بۇ ناھىيەنىڭ ئېسىل يەرلىك مەدەنىيەت مىرسىغا ۋە ساياھەت بايلىقىغا ئايلانغان. كەلپىن قوشۇقىنىڭ رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىش مىقدارىمۇ كۈنسايىن كۆپەيگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#