گۇئام

غەربىي تىنچ ئوكياندىكى مارىئانا تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارال بولۇپ، شىمالىي كەڭلىك 13°26′ بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق 144°43′ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. يەر مەيدانى 540 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 178 مىڭدىن ئاشىدۇ(2010-يىل) ، ئاھالىنىڭ 95% نى شامورۇ خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئېنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. يەرلىك خەلقلەر شامورۇ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. 

نامى گۇئام
كۆلىمى 549 كۋادرات كىلومىتېر
ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم
خەنزۇچە نامى 关岛
نوپۇسى 178430 ئادەم (2010-يىل)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 گۇئام ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئېگىز، شىمالىي قىسمى پەسرەك بولۇپ، ئەڭ ئېگىز لاملام تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 407 مېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ غەربىي قىسىم دېڭىز قىرغاقلىرىغا تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. گۇئام ئارىلىنىڭ ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃30-℃27 قا يېتىدۇ، ھۆل-يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. گۇئام ئارىلى 1565-يىلى ئىسپانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1898-يىلدىكى ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ئىگىلىگەن. ھازىر بۇ جاي ئامېرىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكايندىكى مۇھىم دېڭىز-ھاۋا ئارمىيە بازىسى ھېسابلىنىدۇ. ئارالنىڭ شىمالىدا ئىدىسون ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار .

  ئارالدا پالما، شال، كاكائو، شېكەر قومۇشى، كۆممىقوناق، كۆكتات قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن ھەرخىل بېلىق تۇتۇلىدۇ. سانائەتتە نېفىت ئايرىش، پىۋا ئىشلەش، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. يىلدا بۇ ئارالغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ، سىرتقى سودىسىدا ئا ق ش، شياڭگاڭ، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق ئورۇنلار ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#