ئىھتىباس ۋە ئىستىفراغ

ئىھتىباس ۋە ئىستىفراغ (چىقىرىش ۋە توختىتىش) بولسا ئادەم بەدىنىدىن  ئايرىلىپ چىققان كېرەكسىز نەرسىلەر تەرەت، سۈيدۈك، تەر، نەپەس ئارقىلىق بەدەندىن چىقىپ كېتىدۇ. بەدەنگە كىرگەن كىرىملەرنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە مۇۋاپىق بولۇپ بەدەنگە ئۆزلىشىشى، تېبابىتىمىزدە ‹‹ئېھتىباس›› دېيىلىدۇ. چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك كېرەكسىز ماددىلارنىڭ بەدەندە توپلىشىپ قالماي، ئۆز ۋاقتىدا چىقىپ تۇرۇشى ‹‹ئىستىفراغ›› دېيىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادەم بەدىنىدە كىرىم − چىقىمنىڭ نورمال بولۇشى تەن − سالامەتلىك ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئادەم بەدىنىدە ھەر سائەت، ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كىرىم ۋە چىقىمى بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ھاۋا، سۇ، غىزا، گاز ۋە باشقىلار. بۇلار ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىش ۋە خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ چىققان كېرەكسىز نەرسىلەر تەرەت، سۈيدۈك، تەر، نەپەس ئارقىلىق بەدەندىن چىقىپ كېتىدۇ. بەدەنگە كىرگەن كىرىملەرنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە مۇۋاپىق بولۇپ بەدەنگە ئۆزلىشىشى، تېبابىتىمىزدە ‹‹ئېھتىباس›› دېيىلىدۇ. چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك كېرەكسىز ماددىلارنىڭ بەدەندە توپلىشىپ قالماي، ئۆز ۋاقتىدا چىقىپ تۇرۇشى ‹‹ئىستىفراغ›› دېيىلىدۇ. ئەگەر بەدەندىكى بۇ تەڭكەشلىك (مۇۋازىنەت) بۇزۇلسا، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە چوڭ زىيان يېتىدۇ. مەسىلەن: ئادەم بەدىنىدىن سۇيۇقلۇق كۆپ چىقىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنى ۋاقتىدا توشقۇزۇلمىسا بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش نورمال جارى بولمىغانلىقى ئۈچۈن خەتەرلىك كېسەللىكلەر يۈز بېرىدۇ. يېگەن − ئىچكەن نەرسىلەر بەدەندە توختاپ قېلىپ ئۆز ۋاقتىدا راۋان بولمىسا بۇمۇ زىيانلىق. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن سۈيدۈك، تەرەت، يەل قاتارلىقلار ۋاقتىدا چىقىپ كەتمىسە، ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ئۈچەي ۋە ھەزم ئەزالىرىدا توختاپ قالغان چىرىندىلەر ۋە بۇزۇلغان ماددىلار قايتا سۈمۈرۈلۈپ قىل قان تومۇرلارغا ئۆتۈپ كەتسە، قان بۇلغىنىپ زەھەرسىزلىنىپ ئومۇمىي بەدەندە خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىلەر مەشغۇلاتقا بېرىلىپ كېتىشى، ھورۇنلۇق قىلىشى ياكى تەرەت سۇنۇپ كېتىشىدىن قورقۇش ۋە تەرەت قىلىش ئۈچۈن خالا تاپالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ ۋاقتىدا تەرەت قىلمايدۇ. بۇ، سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق. ئاخشىمى ئۇخلاش ئالدىدا سىيىپ كىرىش، كېچىسى سۈيدۈك قىستىسا ھۇرۇنلۇق قىلماي تەرەتكە چىقىش لازىم. ئەگەر سۈيدۈك ماددىسى بەدەندە توختاپ توقۇلمىلارغا تارقاپ كەتسە، سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش ۋە ئۇششاق بوغۇملار ياللۇغى )نۇقرەس( قاتارلىق ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ تەرەت ۋە يەلنىمۇ توختاتماسلىق لازىم. كۆپىنچە يوقۇملۇق كېسەللىكلەر قەۋزىيەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپ تەرلىگەندە ئازراق تۇز سېلىنغان ئۇسسۇزلۇقنى كۆپ ئىچىش كېرەك. تەنھەرىكەت قىلىپ ئۆپكىدىكى ھاۋانى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. تەنھەرىكەت بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلارنى چىقىرىش، قەۋزىيەتنى بوشىتىشقا پايدىسى كۆپ. قەدىمكىلەر ئاياللار ھەيىزىنى ماڭدۇرۇپ تۇرۇشنى ۋە ھەرقايسى بەزلەرنىڭ سۇيۇقلۇق چىقىرىپ تۇرۇشىنىمۇ ئىستىفراغ قاتارىدا ھېسابلىغان. مەسىلەن: مەنى )ئىسپىرما(، مەزى، تۈپرۈك، شالۋاق، ياش قاتارلىقلارنىمۇ ئىستىفراغ دەپ ھېسابلاپ ئۇلارنىڭمۇ نورمال بولۇشىنى ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە چوڭ مۇناسىۋەتلىك دەپ ھېسابلىغان.

ھەيىز ئاياللارغا خاس مەخسۇس بىر خىل تەبىئىي ئىستىفراغ (فىزىئولوگىيىلىك تەبىئىي چىقىرىپ تاشلاش ھادىسىسى) بولۇپ، بۇ، ئاياللارنىڭ تەبىئىي ھاياتىدا مەلۇم مۇددەت داۋام قىلىدىغان ۋە سالامەتلىككە زۆرۈر بولغان مۇھىم شەرتلەرنىڭ بېرىدۇر. بۇنىڭ كەم − زىيادىلىقى ئاياللار سالامەتلىكىگە چوڭ مۇناسىۋەتلىك. بۇ ھادىسە ئاينىڭ مەلۇم كۈنلىرىدىن باشلاپ ئاز دېگەندە ئىككى كۈن، كۆپ دېگەندە يەتتە كۈن داۋام قىلىدۇ. خۇننىڭ كۆپ ياكى ئاز كېلىشى ئاياللارنىڭ مىزاج ۋە بەدەن تۈزۈلمىسىگە باغلىق، ھەيىز تۆۋىنى 12 − 20 ياشتىن باشلاپ، يۇقىرىسى 45 − 55 ياشقىچە داۋام قىلىدۇ. ھەيىز توختىغاندىن كېيىن ھامىلە بولۇشمۇ توختايدۇ. ئىككى قېتىملىق ھەيىزنىڭ ئارىلىقى 20 − 30 كۈن بولۇشى مۇمكىن. ھەيىزنىڭ بۇ مۇددەتتىن بالدۇر ۋە ياكى كېيىن كېلىشى غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىش ھېسابلىنىپ بىر خىل كېسەللىكتۇر. سۈيدۈك ۋە ھەيىزنىڭ نورمال جارى بولۇشى كۆپىنچە ھۆللۈكتىن بولغان كېسەللىكلەر، مەسىلەن: ئىستىسقا، بەل ئاغرىقى ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرى ۋە بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى ئۈچۈن پايدىلىق. ھەيىزنىڭ بەك كۆپ كېلىشىمۇ زىيانلىق بولۇپ، قان ئازلىق، ئورۇقلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، ھەيىز كۆرۈش ئاياللاردا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر بىر تەبىئىي ھادىسە. بۇنىڭغا دىققەت قېلىپ تۇرۇش ساقلىق ساقلاش قائىدىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

جىنسىي ئالاقە ساقلىق ۋە كېسەللىنىش بىلەن زور مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى ھۆكۈمالار ئۇنى ‹‹سىتتە زۆرۈرىييە›› دىكى ئىستىفراغ بابىغا كىرگۈزگەن. جىنسىي ئالاقە مەسىلىسى ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار ئارىسىدىكى ئەر − ئاياللار، ئەركەك − چىشى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل جىنسىي مۇناسىۋەت بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى جانلىق مەخلۇقات، ئىنسان، ھايۋان، ھاشاراتلار، گىياھلارنىڭ ئەسلى تەبئىتىدە مەۋجۇت بولغان ئۇرۇق − نەسىل قالدۇرۇش، ئۆز نەۋئىنى ئەبىدى داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل تەبىئىي تەقەززا ۋە تەبىئىي ئىستەكتىن ئىبارەتتۇر. بۇ پائالىيەت كۆزگە كۆرۈنىدىغان جانلىقلاردىلا بولۇپ قالماي، مىكروسكوپ ئاستىدا كۆرگىلى بولىدىغان ئۇششاق جاندارلاردىمۇ مەۋجۇت. مەخلۇقات ئارىسىدا جىنسىي ئالاقە مۇناسىۋىتىمۇ توختايدىكەن، شۇ مەخلۇقنىڭ نەسلى تۈگەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. جىنسىي ئالاقە مەسىلىسى قەدىمدىن بۇيان ئالىملار تەرىپىدىن ئىزچىل تەتقىق قىلىنغان ۋە ئۇنى ئىلمىي ئاساسقا سېلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مەسىلە ئىلمىي، ئەخلاقىي ئىزغا چۈشمەي كەلگەن. يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان دۇنيادا جىنسىي ئالاقە مەسىلىسى قانداقتۇر ‹‹جىنسىي ئەركىنلىك›› دېگەن غايەت زىيانلىق شۇئار تۈپەيلىدىن ئېغىر ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي ۋە خەتەرلىك كېسەللىك مەسىلىلىرىنى تۇغدۇردى. شۇڭا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت − ئېتىبارى قوزغىلىپ، ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالىملىرى بۇ ھەقتە بىر قىسىم تەتقىقات، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى. ھايۋانلاردا، ئۆسۆملۈكلەردە جىنسىي ئالاقە ھېسابلىنىدىغان ئىنسانلاردا بۇ پائالىيەت نەسىل قالدۇرۇش مەسىلىسىدىن ھالقىپ شەھۋانىي لەززەتلىنىش مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدىن ھازىرغىچە ناھايىتى نۇرغۇن ئىجتىمائىي پاجىئەللەرگە سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە. 20 − ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە غەيرى قانۇنى ئەخلاقسىز جىنسى ئالاقە ئىشلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن راك كېسەللىكىگە قارىغاندىمۇ زور تەھلىكىلىك بولغان »ئەيدىز« كېسەللىكىنى تارقاتقۇچى تۈپ ئامىل بولۇپ قالدى. ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئەۋلادى، ئۆز مىللىتى ۋە تەنداشلىرىنىڭ سالامەتلىكى، ھاياتى، پاراۋان تۇرمۇشىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر بىر شەخىس جىنسى ئالاقىنى قانۇنى، ئەخلاقى يول بىلەن ئېلىپ بېرىشى، جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئىلمىي ساۋاتلاردىن خەۋەردار بولۇشى، تەشۋىق قىلىشى زۆرۈر.  قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتى ئەسەرلىرىدە ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشى، ئائىلە ھاياتى، شەخسى مىزاج، پىسخولوگىيىلىك ھادىسىلەر، ئىشقى مۇھەببەت قاتارلىق ھادىسىلەردىن ئېلىنغان تەجرىبىلەرنى ئىلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ جىنسى تۇرمۇشىنىڭ توغرا ۋە ناتوغرا تەرەپلىرىنى ئوبدان تەھلىل قىلغان. ئۇنىڭ بىر قانچە خىل سىرلىق مەسىللىرى ئىنچىكە تەكشۈرۈلۇپ قەيت قىلىنغان. ھازىرقى كۈندە بۇ بىلىملەر ئالاھىدە بىر پەن بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئىلمىي قائىدە ۋە ئىنسانىي ئەخلاققا مۇۋاپىق نورمال ئېلىپ بېرىلغان جىنسى ئالاقە ئىنسانىيە دۇنياسىنىڭ گۈللىنىشى ئادەملەرنىڭ تەن − سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇھىم ۋاستىلارنىڭ بىرى بولغىنىدەك، ئۇنى مۇتلەق تەرك ئېتىش، ۋاقتى يەتكەندە ئۆيلەنمەسلىكمۇ ئىنسان تەبىئىي ھاياتىنىڭ قانۇنىيىتى، تەلپى ۋە تەققەزاسىغا خىلاپ ئىشتۇر. ئىنسان ئۆمرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا يەنى ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىلىق مەزگىلىرىدە ئەر، ئايال بولمىسۇن جىنسى ئالاقە ئۈچۈن مۇۋاپىق مەزگىل ئىلمىي قائىدىلەر بولىدۇ. يۇقىرىقىلارغا رىئايە قىلغاندا جىنسىي ئالاقىدىن ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر قولغا كېلىشى مۇمكىن. بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغاندا سالامەتلىك، ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ۋە ئىختىسادىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن زىيانلىق ھەم خەتەرلىك نەتىجىلەر كېلىپ چىقىشى چوقۇم. ئىنسانلار 51 − 52 ياش ئارىلىقىدا بالاغەتكە يېتىدۇ. يەنى ئۇنىڭدا جىنسىي شەھۋانى تەلەپ ئويغىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۆيلەنگەن ياخشى. ئەمما ئۆيلىنىش يېشى 30 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. ئەمما، ئوقۇش، ئۆگىنىش دەۋرى تۇگىمەي تۇرۇپ ئۆيلىنىش ئىنساننىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كۆپ زىيانلىق. ئالىملارنىڭ تەجرىبە قىلىشىچە ئىنسان ۋە ھايۋانلار تەبىئىي ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى، ئۇنىڭ بالاغەتكە يەتكەن يېشى ئاساسىدا ئۆلچەش مۇمكىن بولىدىكەن. مەسىلەن: بىر ئادەم 20 ياشقا كىرگەندە بالاغەتكە يەتكەن بولسا (ئادەمنىڭ ھوزۈرلىنىش سېزىمى بىلەن دەسلەپكى قېتىم مەنى چىقارغان ۋاقتى بالاغەتكە يەتكەن ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ)، ئۇنىڭغا باراۋەر ياش قوشۇلسا، شۇ كىشىنىڭ تەخمىنەن ئومۇمىي ئۆمۈرى چىقىدۇ. يەنى 20 ياشقا كىرگەندە بالاغەتكە يەتكەن ئادەم 80 ياش، 25 ياشقا كىرگەندە بالاغەتكە يەتكەن ئادەم 100 ياش، 30 ياشقا كىرگەندە بالاغەتكە يەتكەن ئادەم 120 ياشقا كىرىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن (بەزىلەر بۇنى ئىسپاتلانغان تەجرىبە دەيدۇ). دېمەك جىنسىي ئالاقە مەسىلىسىنىڭ ئادەم ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. يەنى ئۇنىڭ نورمال بولۇشى پات قېرىماسلىق ئۈچۈن پايدىلىق. جىنسىي ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش ۋە پات قېرىش ۋە تېزراق ئۆلۈش ئۈچۈن ئالدىرغانلىق بولىدۇ. ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياش ۋە بەدىنى ساغلام ئادەملەردە جىنسىي ئالاقە ھەپتىسىگە 2 − 3 نۆۋەتتىن زىيادە بولماسلىقى لازىم. ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتۈلگىنى مۇۋاپىق. 30 − 45 ياش ئارلىقىدا ھەر ئىككى قېتىملىق جىنسىي ئالاقە ئارلىقى بىر ھەپتىدىن كەم بولماسلىقى لازىم. 50 ياشتىن ئاشقاندا تەبىئىي تەلەپنىڭ تەقەززا قىلىشى بويىچە ئايدا 1 − 2 قېتىم، 60 ياشتىن ئاشقاندا تەرك ئەتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئىككى ئايدا بىرەر قېتىم ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ. 60 ياشتىن ئاشقاندا بۇ مەسىلە ئۈزلۈكىدىن توختاشقا باشلايدۇ. يۇقىرىقى قائىدىلەرگە رىئايە قىلغانلار 60 − 70 ياش، بەلكى 80 ياشقىچە توختىماسلىقى؛ قائىدىگە رىئايە قىلمىغاندا 40 − 50 ياشلاردا كاردىن چىقىشى مۇمكىن. شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈش لازىمكى، بالاغەتكە يېتىش دەۋرى توشماي ھەمدە ئوقۇش ۋەزىپىسى تۈگىمەي تۇرۇپ ھەر خىل شەھۋانىي رومان − ھېكايىلارغا بېرىلىش، شەھۋانىي رەسىم، كىنولارنى كۆرۈش ياش ئۆسمۈرلەردە شەھۋانىي ھېسىياتنى مەزگىلىدىن بۇرۇن قوزغاپ ئۇلارنى ناچار سۆھبەت ۋە ناچار قىلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجە ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن زەيىپلىك، ئەقلىي جەھەتتىن دۆتلىك، ئەخلاقىي جەھەتتىن پاسكىنچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى بۇزۇدۇ، جەمئىيەتنىڭ تەلىپىدىن چىقالمايدۇ. بەزىلەر ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ ھۇزۇر − ھالاۋەتلىك نەرسە جىنسىي ئالاقىدىكى ‹‹لەززەت›› دەپ تونۇيدۇ ۋە داۋاملىق شۇ خىيالدا يۇرۇيدۇ. بۇ، ئىنتايىن پەسكەش ھايۋاني خىيال. ئىنسان شەھۋانىيەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ شەرەپلىك تۆھپىلەرنى قوشۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن، جىنسىي ئالاقىنى نەسىل قالدۇرۇش يولىدىكى بىر خىل نورمال ھەرىكەت دەپ بىلىپ، نورمال شۇغۇللىنىش لازىم.

جىنسىي ئالاقە مەسىلىسىدە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم

1. كېسەللىكتە، ئەقەللىيسى تومۇقاپ قالغان چاغدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق كېرەك.

2. ھەيىز كۆرگەن مەزگىلدە، ھامىلدارلىقتىن دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ۋە ئاخىرىقى ئىككى ئېيىدا ھەرگىز جىما قىلماسلىق لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلماسلىق ئەر − ئايالنىڭ سالامەتلىكى، ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

3. قۇرساقنى تويغۇزۇپلا جىما قىلىش زىيانلىق.

4. جىمادىن كېيىنلا سوغۇق نەرسىلەرنى ئىچىش − يېيىش، سوغۇق سۇدا ئىستىنجا قىلىش ئىنتايىن زىيانلىق.

5. ئۆزىنىڭ يېشىدىن چوڭ كىشىلەر بىلەن جىما قىلىش ئادەمنى كاردىن چىقىرىدۇ.

6. نامۇۋاپىق شەكىل − ئۇسۇللار بىلەن جىما قىلىش ھەر ئىككەيلەننى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ.

7. زىنا قىلىش ئەخلاقى، قانۇنىي نىزاملارغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، شۇنىڭدەك ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق. سىفلىس، سوزنەك، سۈيدۈك يولى جاراھەتلىرى، جىنسىي ئەزا ياللۇغى، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىكى »ئەيدىز« كېسەللىكى دەپ ئاتالغان دەھشەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى پاھىشۋازلىق ۋە قەبىھ شەھۋانىي جىنسىي ئالاقىدىن تارقالماقتا. ئۇ يىرگىنىشلىك »جىنسىي ئەركىنلىك« نىڭ ئىپلاس نەتىجىسىدۇر.

8. لەۋۋانلىق )ئەرلەر بىلەن ئەرلەر جىنسىي ئالاقە قىلىش( سالامەتلىك ۋە ئىنسانىي شەرەپ ۋە غورۇر ئۈچۈن ئەڭ زىيانلىق شەرمەندە ھەرىكەتتۇر. خۇددىي زىناغا ئوخشاشلا ئەيدىز كېسەللىكى ئەنە شۇ لەۋۋاتلىق )لەۋۋاتەت( ئارقىلىقمۇ يوقۇپ تارقالماقتا.

9. قانداقتۇر ‹‹لەززەتلىنىش›› نى ئۈمۈد قىلىپ ۋاقىتسىز ‹‹قۇۋۋەت دورىسى›› ئىشلىتىش، قوزغاتقۇچى، مەس قىلغۇچى دورىلارنى قالايمىقان ئىستىمال قىلىش جىنسىي ئىقتىدارنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى بالدۇراراق كاردىن چىقىرىدىغان خاتا چارىدۇر.  جەلق (ئونونىزم): ئوغۇل − قىز ياشلارنىڭ قول ۋاستىسى بىلەن ئىشقاپ لەززەتلىنىپ مەنى ئاققۇرۇشى ئەرەبچىدە ‹‹جەلق›› ياكى ‹‹ئىستىمنا بىليەد›› (لاتىنچىدە ماستۇرباتسىيۇ ياكى ئونونىزم) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ، ئوغۇل − قىز ياشلار، چوڭ ياشلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ زىيانلىق قەبىھ ئادەتتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئادەتلەر ئادەملەر ئۇرغۇپ تۇرۇپ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتىنى كاردىن چىقىرىپ، ئەخلاقىي قابىليىتىنى بۇزۇۋېتىدۇ. بولۇپمۇ كىچىك بالىلار، ياشلار بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالسا، ئۇنىڭ جىنسىي ئەزاسىمۇ كاردىن چىقىدۇ. ئەڭ زىيانلىقى شۇكى، جەلق كىشىلەر نېرۋا ئاجىزلىقى سادىر قىلىپ، ئاقىۋەتتە جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ساقايمايدىغان بىر خىلىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. يەنە مەنى تۇتالماسلىق، ھېسسىيات قوزغالماي تۇرۇپ ئىسپىرما مېڭىپ كېتىش، ئېغىر نېرۋا ئاجىزلىقى، جۇنۇنلۇق قاتارلىق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. بىز يۇقىرىدا تېبابىتىمىزنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى بويىچە ئادەمنىڭ تەبىئىي ھاياتى جەريانىدا زۆرۈر دەپ ھېسابلانغان بىر قانچە شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ھەر قانداق ئىنسان ئۆمرىدە شۇنداق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولالىسا، ئۆمۈرى زىيادە بولۇشى، ساق − سالامەت، خاتىرجەم ئۆتۈشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ۋە ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈچۈن، بۈگۈنكى دۇنيادا ئالىملار ھەددى ھېسابسىز چارە − تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ نەتىجىسىمۇ ياخشى بولماقتا. ئۇنىڭدىن بىر ئەسىر بۇرۇن ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنى 40 − 50 ياش دەپ ھېسابلايتتى، ھازىر 60 − 70 ياش دەپ ھېسابلىنىدىغان بولدى. ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا:»ئىنساننىڭ تەبىئىي ھاياتى 120 ياشتىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئىنساننىڭ جىسمانىي تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى شۇنچە ئۇزۈن ئۆمۈر كۆرۈشكە چىداشلىق قىلىپ يارىتىلغان. 120 ياشتىن قىسقا ئۆمۈر كۆرگەنلەر (تاسادىپىي ئەھۋالنى نەزەرگە ئالمىغاندا) ناھەق ئۆلگەن بولىدۇ››دېگەن. يەنى يۇقىرىقىدەك زۆرۈر ئىشلارغا دىققەت قىلمىغانلىق ھەم كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولىدۇ. بۇ غەيرى تەبئىي ئۆلۈم ھېسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=995

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#