چىپار ئوت

چىپار ئوت ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ئېگىزلىكى 15-35 سانتىمېتىر. يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن غوللۇق، يەر بېغىرلاش، بوغۇملۇق. غۇلى تىك، يېشىل، 4- 6 تالغىچە يوپۇرماقلىق. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان ياكى تېمىنسىمان، ئۈستۈنكى يۈزىنىڭ رەڭگى يېشىل، ئاق رەڭلىك رەتسىز چېكىتسىمان داغلىق، ئارقا يۈزى سۇس يېشىل، ساپاقلىق. 

ئۇيغۇرچە نامى چىپار ئوت
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى چىپار ئوت ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 斑叶兰
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى مىكرو تارماق تۈركۈمى
تۈرى چىپار ئوت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىپار ئوتچىپار ئوت ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ئېگىزلكى 15-35 سانتىمېتىر. يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن غوللۇق، يەر بېغىرلاش بوغۇملۇق. غۇلى تىك يېشىل، 4- 6 تالغىچە يوپۇرماقلىق. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇم تېمىنسىمان، ئۇزۇنلىقى 3-8 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.8 - 2.5 سانتىمىتىر، ئۈستۈنكى يۈزىنىڭ رەڭگى يېشىل، ئاق رەڭلىك رەتسىز چېكىتسىمان داغلىق، ئارقا يۈزى سۇس يېشىل، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى يۇمىلاق ياكى كەڭرى شىنا شەكىللىك، ساپاقلىق، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇنلىقى 4-10 سانتىمېتىر، تۈۋى قىسم غولىنىڭ غىلىپى كەڭ.

چىپار ئوتدېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 500-2800 مېتىر كېلىدىغان تاغ باغرى ياكى جىلغا. جۇڭگونىڭ سەنشى، شەنشىنىڭ جەنۇبى قىسمى، گەنسۇنىڭ جەنۇبى، جاڭسۇ، ئەنخۇي، جېجىياڭ، جياڭشى، فۇجيەن، تەيۋەن، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇئاڭشى، سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن، شىزاڭ، نىپال، بۇتان، سىككىم، ھىندىستان، ۋيېتنام، تايلاند، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ياپۇنىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق رايونلار.

چىپار ئوتچىپار ئوت ئادەتتە تاغ چوڭقۇر تاغ جىلغىسى دىۋارى، سۇ چىقىپ كېتىش ۋە سۇ ساقلاش ياخشى بولغان يانتۇ تاغ ياكى قىيا تاش يوچۇقلىرى، شەكىللەنگەن ئارىلاش ئورمانلىقلار ياكى بەزى سايە چۈشۈپ تۇرىدىغان جايلار، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قىسقا ياكى پەقەت تارقاق جايلار. ھاۋانىڭ نەملىكى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جاي، بەزىدە تاغ جىلغا بويى، تىك قىيالار ئۈستىدە ئۆسىدۇ. چىپار ئوت تېرىپ ئۆستۈرۈشكە باپ مۇھىت ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مۇھىت.

ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە كۆپەيتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، تۈپلىنىش ئادەتتە ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم. ئومۇمەن تۈپىنىڭ ئۆسۈشى ساغلام، ساختا شارسىمان غول زىچ تۈپلىنىش بولىدۇ، تۈپلىنىشتىن بۇرۇن سۇغىرىش مىقدارىنى ئازايتىش.

قىنلىق ھال زەمبۇرۇغى 

چىپار ئوتئادەتتە يوپۇرماقنىڭ ئاستى - ئۈستى يۈزىدە بىر قەدەر ئاز مىقداردا غول بۆرتۈپ چىققان كىچىك قاپارتما پەيدا بولۇپ، تەركىبىدە سېرىق رەڭلىك، قىزغۇچ سېرىق، بېغىر رەڭ ياكى سۆسۈن قارا رەڭلىك پاراشوكسىمان سپورا. دات كېسىلى ئەجەللىك ئەمەس، يوپۇرمىقىغا زىيان سالمايدۇ، لېكىن تۈپىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى : كېسەل يوپۇرماقنى % 65 لىك Ⅰ كۇپرۇتسىن پاراشوكىنى ئىشلىتىپ، 500-600 ھەسسە سۇيۇقلۇقى ياكى مىس تەركىبلىك ھاشارات يوقىتىش دورىسى چېچىش.

پاختىلىشىش كېسىلى 

قارىئۆرۈك يامغۇرى پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ. دەسلەپتە پەيدا بولغاندا يوپۇرماق ئاق رەڭلىك باكتېرىيە بىلەن تولغان بولىدۇ. يىلتىز غولىنىڭ  چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى : باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگۈچى داستىكى توپىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈستىگە بەش خلورلۇق نىترو پاراشوكى ياكى ھاك قۇيۇش. يىلتىزىدىن داۋالاش ئۇسۇلى :  شامال ۋە يورۇقلۇق ئۆتۈشۈشكە دىققەت قىلىش، داس توپىنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولۇش، ئېغىر كېسەل تەگكەنلىرىنى كۆيدۈرۈش كېرەك.

كۆيدۈرگە كېسىلى

يىل بويى يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆپ يامغۇرلۇق پەسىللەردە تېخىمۇ كۆپ  ئەۋج ئالىدۇ، كېسەللىك دېغى ئالدى بىلەن يوپۇرماق ئۇچى يىلتىز باشقارمىسىغا سوزۇلغان، دەسلەپتە قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، ئاندىن تەدرىجىي كېڭىيىپ كۆپىيىدۇ، نۇرغۇن قۇرۇق قارا چېكىت پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا پۈتۈن تۈپىنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن. ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش ئۇسۇلى : پروفىل پائالدىن  % 50 لىك مېتىل توپسىن نەملىنىشچان پاراشوكنى 800-1500 ھەسسە سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈش، ھەر 7- 10 كۈندە بىر قېتىم ؛ ئاندىن يەنە قوشۇمچە تەڭ مىقداردىكى % 1 شەكلىدىكى بوردو سۇيۇقلۇقىنى، ھەر يېرىم ئايدا بىر قېتىم، ئۇدا 5 قېتىم پۈركۈش كېرەك.  

قاسراقلىق قۇرت 

يۇقىرى تېمپېراتۇرا، نەم، ھاۋا يۆتكىلىشىنىڭ راۋان بولماسلىق ئەھۋال ئاستىدا، كۆپىيىش ئەڭ تېز بولىدۇ. تۇخۇم بېسىش مەزگىلى ئىچىدە قىلسا % 1 لىك ئوكسىدلانغان روگور ياكى 50 ھەسسە ئات گۈڭگۈرت پۈركۈش. 

چىپار ئوتپۈتۈن ئوت - چۆپ ( چىپار ئوت ) : سۇس، تەبىيىتى سوغۇق. ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش. سىل يۆتەلگە ئىشلىتىلىدۇ، بەلغەملىك زىققە، بۆرەك قۇۋۋىتى ئاجىز؛ زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندا سىرتىدىن ئىشلىتىشكە، غەلۋىرەك يارىسى چىقان يەرلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#