بالقان ئۇرۇشى

بالقان ئۇرۇشى

بالقان ئۇرۇشى، 1913~1912-يىللىرىدا، ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش.

نامى بالقان ئۇرۇشى
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار بالقان ئىتتىپاقى، تۈركىيە
ۋاقتى 1913-يىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴尔干战争
ئورنى بالقان يېرىم ئارىلى
نەتىجىسى تۈركىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالقان ئۇرۇشى20-ئەسىرنىڭ باشلىرى، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە ‹‹راۋاقنى قاپلاپ قار-بوران، كەلدى يامغۇر شەپىسى›› يۈز بەردى شۇنداقلا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى شۇنىڭدەك دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، مەنپەئەت كۈرىشى كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشتى. بالقان رايونىدا قاتمۇ-قات زىددىيەتلەر جەم بولۇپ تۇرىدۇ، كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، 1912-يىلى بۇلغارىيە، سېربىيە، گرېتسىيە ۋە قارا تاغلىقلاردىن تەركىب تاپقان «بالقان ئىتتىپاقى» تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش ئاخىرى پارتلىدى. بالقان رايونىدا زور مەنپەئەت كۈرشى تۈپەيلىدىن، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشقا ئارىلىشىشى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ قالغان. ئۇرۇشقا ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياۋروپا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۈچلۈك پىلتىسى بولۇپ قالغان. 

بالقان ئۇرۇشىبالقان يېرىم ئارىلىدىكى 10 دۆلەتنىڭ يەر مەيدانى جەمئىي تەخمىنەن 154.6 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى تەخمىنەن 130 مىليون؛ بۇلار ئىچىدە، تۈركىيە كۆلىمى 780 مىڭ كىلومېتىر، ئاھالىسى 66 مىليون 900 مىڭ؛ رۇمىنىيە كۆلىمى 237 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 23 مىليون 200 مىڭ؛ يۇگوسلاۋىيە سېربىيە بىلەن قارا تاغ كۆلىمى 102 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 640 مىڭ؛ يۇنان كۆلىمى 2012 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 470 مىڭ؛ بۇلغارىيە كۆلىمى 110 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 8 مىليون 430 مىڭ، كرودىيە كۆلىمى 56 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون 690 مىڭ؛ بوسنىيە كۆلىمى 51 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 4 مىليون؛ ئالبانىيە كۆلىمى 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 330 مىڭ؛ ماكېدونىيە

 كۆلىمى 25 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 30 مىڭ. سىلوۋېنىيە كۆلىمى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى بىر مىليون 970 مىڭ. تۈركىيەنىڭ %3 زېمىنى بالقان جايلاشقان، شۇڭا، تۈركىيەمۇ بالقان دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرىدۇ. تۈركىيەنىڭ بالقان رايونىدىكى كۆلىمى 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 70 مىليوندىن ئارتۇق. 

بالقان رايونى ياۋروپاغا تۇتاشقان جايغا جايلاشقان، ياۋروپانىڭ تۆۋەنكى قورساق، قارا دېڭىز، ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يەردە مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى بىرقەدەر مۇرەككەپ، دىنى كۆپ خىل. ئەزەلدىن تارتىپ بۇ يەر ياۋروپانىڭ پارتلاتقۇچ دورىسى.  

بالقان رايونى ئۇزاق مۇددەت ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەمە ئوبيېكتى ، كۆپ قىتىم چوڭ دۆلەت ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 14-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، تۈركىيە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى رايونلارنىڭ بارلىققا كەلگەن، كېيىن تۈركىيە گۈللەنگەن تۈركىيە ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان رۇم (تۈركىيە) بالقان يېرىم ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلغان؛ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاۋستىرىيە

(1867-يىلدىن 1918-يىلىغىچە) باشلاپ بالقاننىڭ غەربىي شىمال رايونىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزگەن؛ رۇسىيە (1547 يىلىدىن 1917-يىلىغىچە)، 15-ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل‹‹ سلاۋلار ›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بالقان رايونىدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. بۇ ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بالقان ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مىللىي كەمسىتىش ۋە دىني بېسىم قىستىقى، بالقان خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا مىللىي ئازادلىق ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. مىللىي ئازادلىق ۋە دىنىي ئېتىقاد، بالقان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن، مۇرەككەپ تارىخىي سەۋەبلەر بولغاچقا، بالقان رايونىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تېخىمۇ تەس، بولۇپمۇ زېمىن مەسىلىلىرىنى. ھەرقايسى مىللەتلەر مۇستەقىل مىللىي دۆلەت قۇرۇشنى ئويلايدۇ، زېمىن دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تېخىمۇ ئويلايدۇ.

بالقان ئۇرۇشىبالقان يېرىم ئارىلى ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە تۇتاشقان يەرلىرىدە، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە قارا دېڭىزنىڭ دەرۋازىسىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا، يەنە ھىندى ئوكيان دېڭىز يولى تۇتىشىدىغان جاينىمۇ كونترول قىلماقتا، بۇ يەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىي بايلىقى مول. ئۆزى 14-ئەسىردىن بۇيان، بۇ رايوندا ئىزچىل گۈللەنگەن ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلار كېڭەيمىچىلىكىدە تۈركىيە ھەربىي ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە قۇل بولۇپ قالغان. شۇڭا، تۈركىيە بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جىددىي تەلىپى قۇللۇقتىن ئازاد بولۇپ، مۇستەقىل مىللىي دۆلەت قۇرۇش. ئۇنىڭ ئۈستىگە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ياۋروپا، تۈركىيەگە ئەگىشىپ كۈنسېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، تېخى پارچىلىنىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. تۈركىيە ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بالقان يېرىم ئارىلى چەت ئەللىكلەرنىڭ بۆلۈشۈۋېلىش مۇھىم نىشانى بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇ يەردە ئىزچىل مۇرەككەپ زىددىيەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھەم ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن چەت ئەل ئارىسىدىكى زىددىيەت بار، يەنە بالقان خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىرى بىلەن بولغان زىددىيەت، ھەمدە بالقاننىڭ ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. بۇ زىددىيەت بولۇپمۇ كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بۇنىڭ بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىغىچە سوزۇلغان رايوندا دائىم ماجىرا، توقۇنۇشلار ۋە ئورۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش 

تۈركىيەگە قارشى قوزغىغان بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى (1912.10~1913.5) 

بالقان ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئۇرۇشى. ئىتالىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى (1912~1911) مەزگىلىدە، بۇلغارىيە، سېربىيە، گرېتسىيە ۋە مۇنتۋننېگرو بالقان ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، 1912-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، مونتېنېگرو ئالدى بىلەن تۈركىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان،17، 18-كۈنى، بولغارىيە، سېربىيە ۋە گرېتسىيە ئىلگىرى-كېيىن ئۇرۇشقا قاتناشقان. 

ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش

ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى (1913~1913.8) 

بۇلغارىيە بىلەن گرېتسىيە، سېربىيە، رۇمىنىيە، مۇنتۋننېگرو ۋە تۈركىيە يەنە بىر تەرەپ بىلەن بولغان ئۇرۇش.  

بولغارىيە، سېربىيە، گرېتسىيە ۋە مۇنتۋننېگرو (مونتېنېگرو) دىن تەركىب تاپقان «بالقان ئىتتىپاقى» نىڭ تۈركىيەنى كونترول قىلىشى ۋە زۇلمىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. تۈركىيە ماكېدونىيە ئىتتىپاقداش دۆلەت بولغاچقا تراتسى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا تەلىۋى رەت قىلنىشقا ئۇچۇردى، چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى (1547 يىلىدىن 1917-يىلى) نىڭ 1912-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى قوللىشى بىلەن 1878 تۈركىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيە مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن جەڭگىـۋارلـىـق روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا كۈرەش قىلدى. شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق، سېربىيە ۋە مۇنتۋنننېگرو ئىككى ئارمىيە ماكېدونىيە ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزى قىرغىقىدىكى رايۇنلارنى ئىشغال قىلدى؛ بولغارىيە ئارمىيىسى ئىستانبۇل، غەربىي ئارىلىقىدىكى رايونلارنى، گىرىتسىيەنىڭ ئېگېي دېڭىز بويلىرىدىكى بىرقانچە ئاراللارنى كونترول قىلدى؛ تۈركىيە ئارمىيەسى ئېدىرنېدىن چېكىنىپ، يوئاننىنون ۋە ئېلباسان، سىكودېر قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.[0]

بالقان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئوسمانىيە ئىمپىراتورلىقى چۈشەنچىسىمۇ ئاخىرلاشتى. تۈرك مىللەتچىلىك ھەرىكىتى تېز سۈرئەت بىلەن يېيىلىشقا باشلىدى. بالقان ئۇرۇشلىرىنى باشقا ئۇرۇشلاردىن پەرقلەندۇرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرسى، زور تۈركۈمدە كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە بىگۇناھ پۇقرالارغا قىلىنغان يولسىز زۇلۇملار ئىدى. بالقان ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن مىللىي ئىقتىساد ئېڭى شەكىللەندى ۋە مىللىي دۆلەتكە قاراپ ئىلگىرلەشتە ئەڭ چوڭ بىر باسقۇچ بېسىپ ئۆتۈلگەن بولدى. دەرۋەقە، بالقان ئۇرۇشلىرى ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى تارىخىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسىرلەر بويى رۇمەلىدە ياشىغان مىڭلارچە مۇسۇلمان خەلق قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىپ نۇرغۇن ساندىكى كىشىلەر ۋەھشىلەرچە شېھىت قىلىندى. خەلقنىڭ كۆپ قسمى ئۆز يۈرتلىرىنى تاشلاپ، ئانادولۇغا كېلىپ پاناھلاندى. پەقەت ئەدىرنە شەھىرىدىلا 225 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان بۇلغارىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمزالانغان كېلىشىملەردە رۇمەلىدە قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان تۇرۇقلۇق، مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ـ سىتەملەر توختاپ باقمىدى. زۇلۇمغا ئۇچرىغان نۇرغۇن ساندىكى تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆچۈش ھەرىكىتى ھازىرغا قەدەر ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#