بېيتۇن بازىرى

بېيتۇن بازىرى

بېيتۇن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېيتۇن شەھىرىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان، بىڭتۈەن 10 ـ شى شتابى تۇرۇشلۇق جاي. پىلاندىكى كۆلىمى 135.8 كۋادرات كىلومېتىر، ھازىرقى كۆلىمى 8.3 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بېيتۇن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 135.8 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قىشتا قاتتىق سوغۇق، ئەتىيازدا شامال كۆپ، قىشى ئۇزۇن، ياز قىسقا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 北屯镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بېيتۇن شەھىرى
نوپۇسى 20 مىڭ
چەتئەلچە نامى Beitun Town

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېيتۇن بازىرىبېيتۇن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېيتۈن شەھىرىگە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان، بىڭتۈەن 10 ـ شى شتابى تۇرۇشلۇق جاي. پىلاندىكى كۆلىمى 135.8 كۋادرات كىلومېتىر، ھازىرقى كۆلىمى 8.3 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كونا نامى «دۆربىلجىن»، موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى بولسا «خۇددى كىگىزگە  ئوخشاش تەكشى يەرلەر». دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 20 مىڭدىن ئارتۇق. بېيتۇن بازىرى 216-،217-دۆلەت يولى ئۆتىدىغان جاي، شۇنداقلا شەرقتە كۆكتوقاي، چىڭگىل، غەربتە بۇرچىن، قابا دەرياسى، جېمىنەي، جەنۇبتا بۇرۇلتوقاي، شىمالدا ئالتايغا تۇتىشىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت بازىرى. 

بېيتۇن بازىرىبېيتۇن بازىرى 1994-يىلى7-ئايدا قۇرۇلغان. 1995-يىلى دۆلەت قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە 500 گە يېقىن مىنىستىر دەرىجىلىك كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان بازار. بېيتۇن بازىرىنىڭ خاراكتېرى سانائەتنى ئاساس قىلغان سودا-ساياھەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۈچىنچى كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ھەمكارلىق تىپىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان شەھەر-بازار. 

بېيتۇن بازىرىبېيتۇن بازىرى قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان، شىمالدا ئالتاي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر، جەنۇبتا بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 45 كىلومېتىر، شەرقتە كۆكتوقاي ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 160 كىلومېتىر، غەربىي بۇرچىن ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى بىلەن ئارىلىقى 100 كىلومېتىر، ئالتاي شەھىرىنىڭ جەنۇبىي چوڭ دەرۋازىسى ھېساپلىنىدۇ، شۇنداقلا ۋىلايەت بويىچە ئالتە ناھىيە، بىر شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىشلىق مۇھىم قاتناش يولى. پۈتۈن بازارنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 2.2-0.6 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر؛ پۈتكۈل بازار ئېرتىش دەرياسىنى بويلاپ شەرقتىن غەربكە قاراپ بەلباغسىمان تەرەققىي قىلغان؛ مەمۇرىي رايون 127 كۋادرات كىلومېتىر، پىلاندىكى كۆلىمى 20.78 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بازارنىڭ 4 ئەتراپى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق تۇەن-مەيدانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ دائىرىسى كەڭ.

بېيتۇن بازىرىقارىمىقىدا تۆت مەھەللە بار: ئىتتىپاق يولى مەھەللىسى، تىيانشان يولى مەھەللىسى، غەربىي شىمال يولى مەھەللىسى، غەربىي چوڭ كوچا مەھەللىسى. 

بېيتۇن بازىرىبېيتۇن بازىرى بازار بۇلۇپ قۇرۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن تۈرلۈك ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلغان. 

ھازىر بازار بويىچە قۇرۇلغان رايون كۆلىمى 19.2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي نوپۇسى 32 مىڭ ئادەم، كۆچمە ئاھالە تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم بولۇپ، دۆلەت يولى 216-،217-لىنىيەسى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بېيتۇن بازىرىنىڭ ئاساسىي سانائەت، تاشقى قاتناش-ترانسپورتى دۆڭگە جايلاشقان، زېمىنى كەڭ، مۇھىت سىغىمچانلىقى چوڭ، كەلگۈسى شەھەر-بازارلارنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بازار ئىچىدە ئېلېكتر كۈچى، تېرە، يۇڭ يىپ ئېگىرىش، ئىلمە توقۇلما، يۇنمۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش-ياساش، ئاشلىق-ماي، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچ پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز ياساش، تاشيول ترانسپورتى قاتارلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار 130 دىن ئاشىدۇ.

بېيتۇن بازىرىكۆن-خۇرۇم تۈرى : كالا تېرىسى، قوي تېرىسى، تۈلكە تېرىسى

تازىلىق قەغىزى تۈرى : بولاق قەغەز، يۆگىمە قەغەز

قۇيمىچىلىق : گۈل تاختىسى، ئېتىز-ئېرىق سۇ تېجەپ سۇغىرىش زاپچاسلىرى

قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرى : تالك پاراشوكى، كالىتىسي كاربونات، قۇرۇم

قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرى : ماي قەغەز، سۇلياۋ پولات ئىشىك-دېرىزە، مارجان تاغ جىنسلىرى

باشقا تۈر : بۇلۇت، بېلىق پاراشوكى [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#