ۋىننىپېگ شەھىرى

كانادانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مانتوبا ئۆلكىسى ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر، ئۇ كانادانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى، شەرق، غەربتىكى تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. شەھەرنىڭ نامى ۋىننىپېگ كۆلىنىڭ نامىغا ئاساسەن بېرىلگەن. ۋىننىپېگ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 708,400 ئادەم (2014-يىل). كانادا بويىچە چوڭلۇقى جەھەتتە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
نامى ۋىننىپېگ شەھىرى
دۆلىتى كانادا
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 465.16 كىۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى نەم كىلىماتقا تەۋە
خەنزۇچە نامى 温尼伯
ئۆلكىسى مانتوبا ئۆلكىسى
تەۋە رايون كانادا مانتوبا ئۆلكىسى
نوپۇسى 708,400 ئادەم (2014-يىل)
ئىنگىلىسچە نامى Winnipeg

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كانادانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مانتوبا ئۆلكىسى ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر، ئۇ كانادانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى، شەرق، غەربتىكى تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. شەھەرنىڭ نامى ۋىننىپېگ كۆلىنىڭ نامىغا ئاساسەن بېرىلگەن. ۋىننىپېگ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى708,400 ئادەم (2014-يىل). كانادا بويىچە چوڭلۇقى جەھەتتە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۇ جاي ئەسلى تېرە، يۇڭلارنى يىغىپ ساتىدىغان جاي بولغان، 1885-يىلى تۆمۈريول سېلىنغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھازىر ئۇ كانادانىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرى بىلەن غەربىي تىنچ ئوكيان قىرغاق رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر مۇھىم قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. 

ھازىر ئۇ كانادانىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرى بىلەن غەربىي تىنچ ئوكيان قىرغاق رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر مۇھىم قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي رايونلىرىدىن غەربكە يۆتكىلىدىغان ماللار ۋىننپېگ شەھىرىدىن ئۆتىدۇ. ئۇ، كانادانىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم پۇل مۇئامىلە، سانائەت مەركىزى. شەھەردە قۇشخانا، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۇن زاۋۇتى، كىيىم-كېچەك، ئۆي جاھازلىرى سانائىتى، كۆن-خۇرۇم، يۇڭ توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. ۋىننىپېگ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق ئاشلىق سودا بازارلىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدا خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#