مانىلا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. مانىلا لۇسون ئارىلىنىڭ غەربىدىكى مانىلا قولتۇقى بويىغا جايلاشقان. مەيدانى 638.55 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 11مىليون 855 مىڭ 975 نۇپۇسى بار. شەھەرنى پاسىگ دەرياسى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ، چوڭ مانىلا شەھىرى كېسون، پاسىگ قاتارلىق 10 نەچچە شەھەر جىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 5 مىليوندىن ئاشىدۇ (1980). ئۇنىڭ بىر مىليون 630 مىڭدىن ئوشۇقراقىنى شەھەر ئىچى ئاھالىسى تەشكىل قىلىدۇ
كىلىماتى
تروپىك بەلباغ مۇسسۇنلۇق كىلىماتى، بىر يىلدا پەقەت ئىككى پەسىل بار، يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃28 ئەتراپىدا 10- ئۆپچۆرىسىدە، 11-ئايدىن 6-ئايغىچە قاتتىق ئىسسىق، نەم، زەي. 6-ئايدىن 10-ئايغىچە يامغۇر پەسلى.[0]
شەھەر ئەتراپىغا فىلىپپىننىڭ مۇھىم سانائەت ئورۇنلىرى مەركەزلەشكەن، شەھەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60 نى تەشكىل قىلىدۇ. مانىلا پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار دۆلەت بويىچە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ 3/1 نى، ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ 5/4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەھەرنىڭ غەربىگە جايلاشقان بادەندە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، ئېكسپورت مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان يېڭى سانائەت رايونى قۇرۇلدى.
بۇ جايدا ھەرخىل كىيىم-كېچەك، رادىئو، توڭلاتقۇ ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق ئېكسپورت ماللىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شېكەر، ياغ، گۈرۈچ ئاقلاش، توقۇمىچىلىق، تاماكا، ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى پولات زاۋۇتى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
مانىلامانىلا شەھىرى 1571-يىلدىن باشلاپ فىلىپپىننىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلانغان. ھازىر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بويىچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى.
شەھەردە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بويىچە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى، ئاتاقلىق ساياھەت ئورۇنلىرى، مانىلا ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق ئاتاقلىق بىلىم يۇرتلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.