يۈ جېڭشېڭ

يۈ جېڭشېڭ

يۈ جېڭشېڭ مەركىزى كومىتېت سىياسىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى.

ئىسمى يۈ جېڭشېڭ
مىللىتى خەنزۇ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگۇ
خەنزۇچە ئىسمى 俞正声
تۇغۇلغان ۋاقتى 1945-يىلى4-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى خاربىن ھەربىي قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈ جېڭشېڭ

يۈ جېڭشېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1945-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭنىڭ شاۋشىڭدىن، 1963-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1964-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن، خاربىن ھەربىي قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاپتوماتىك كونترول قىلىش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىنژېنېر.

ھازىر مەركىزى كومىتېت سىياسىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى.

1963-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە خاربىن ھەربىي قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاپتوماتىك كونترول قىلىش كەسپىدە ئوقۇغان.

1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جاڭ جياكوۋ شەھەرلىك سىمسىز ئېلېكتىر ئالتىنچى زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى بولغان. 1971-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جاڭ جياكوۋ شەھەرلىك چاۋشى سىمسىز ئېلېكتىر زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى، مەسئۇلى بولغان. 1975-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە تۆتىنچى ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى ئېلېكتىر تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىتىش تەتقىقاتخانىسىنىڭ تېخنىك ئىنژېنېرى بولغان.

 1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە تۆتىنچى ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى ئېلېكتىر تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىتىش تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى بولغان. 1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ئېلېكترون سانائىتى مىنىستىرلىقى ئېلېكترون تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىتىش تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئېلېكترون سانائىتى مىنىستىرلىقى كومپىيوتىر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى سىستېما ئىككىنچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى قوشۇمچە مىكرو ماشىنا باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئېلېكترون سانائىتى مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

 1984-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە جۇڭگو مېيىپلار پاراۋانلىق فوند جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى، مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. بۇ مەزگىلدە 1984-يىلى 12-ئايدا مەھكىمە ئىدارە باشلىقى دەرىجىسى بېكىتىلگەن. 1985-يىلى 1-ئايدىن 1985-يىلى 3-ئايغىچە كاڭخۇا ئوقەتچىلىك شىركىتىنىڭ مۇۋەققەت باش دىرېكتورى بولغان. 1985-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 1987-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شەھەر باشلىقى بولغان. 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى بولغان. 1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەر باشلىقى بولغان. 1994-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1997-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1998-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان.

2001-يىلدىن 2002-يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2003-يىلدىن 2007-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، 2010-يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2012-يىلىدىن باشلاپ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى. ئۇ 14-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15-16-17-18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16-17-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#