گۇما بازىرى

گۇما بازىرى

گۇما بازىرى گۇما بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ئومۇمىي كۆلىمى 305.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى گۇما بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ گۇما ناھىيەسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 固玛镇
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 305.6 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۇما بازىرىگۇما بازىرى گۇما بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ قارىمىقىدا 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ئومۇمىي كۆلىمى 305.6 كۋادرات كىلومېتىر، گۇما بازىرى شىنجاڭ گۇما ناھىيەسى گە قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىمىقىدا 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 كىلومېتىر؛ شەرق-غەرب كەڭلىكى تەخمىنەن 15 كىلومېتىر، نوپۇس سانى 21693 ئادەم.

ئوقۇتقۇچىئوقۇغۇچىلارگۇما بازىرىغا قاراشلىق كەنتلەردىن ئارايار كەنتى، ياپچان كەنتى، توغرا ئېرىق كەنتى، تۈگمەنبېشى كەنتى، ساغان كەنتى، بوستانئېرىق كەنتى، ئاستىقۇش كەنتى، نىشاندا كەنتى، تۇمشۇقئالدى كەنتى، يېڭى بازار كەنتى، ئوتتۇرا قاش كەنتى، سىتئېرىق كەنتى، چىگىلىك كەنتى، گۈلباغ كەنتى، قىشلاق ئالدى كەنتى، بوستانتوغراق كەنتى، كىچىكيار كەنتى، كۆكتات مەھەللە كەنتى، تارقاق كەنىتى قاتارلىقلار بار.

يىغىن ئەھۋالىگۇما بازىرىدا گۇما ناھىيەسى نىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، ھەر قايسى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مەدەنىيەت-مائارىپ، پەن تەتقىقات، داۋالاش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش، سۇ ئېلىكتىر تارماقلىرىنىڭ سىستېمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار، گۇما بازىرى گۇما ناھىيەسى نىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. گۇما بازىرى گۇما ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بوستانلىق، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1300 مېتىردىن 1400 مېتىرغىچە كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق كىلىماتى تۆت پەسىل ئېنىق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.8، يەتتىنچى ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃25.3؛ 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃6.1-، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 51.3 مىللىمېتىر، قىروۋسىز مەزگىلى 21 كۈن. چېگرا ئىچىدىكى تۈزلەڭلىك، بوستانلىق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %92 نى ئىگەلەيدۇ، گۇما بازىرى گۇما ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31236 مو، ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 26667 مو ؛ ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز، پۇرچاق ۋە كەندىر ئۇرۇقى، قىچا، زاراڭزا قاتارلىق ياغلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. چېگرا ئىچىدە ئىشلەپچىقارغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىدىن چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار.

چېقىلغان ئۆيلەرنى تەكشۈرۈشگۇما بازىرى گۇما ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31236 مو، كىشى بېشىغا 1.3 مودىن توغرا كېلىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق نى ئاساس قىلىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، 2005-يىلى پۈتۈن بازاردىكى دېھقانچىلىق زىرائىتى تېرىلغان يەر 42077 مو بولۇپ، ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 5910895.5 مىليون كىلوگرامغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 12500 مو بۇلۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 415 مىليون كىلوگرامغا، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 5193500 كىلوگرامغا يەتكەن؛ كۆممىقوناق تېرىش كۆلىمى 12843 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 488.5 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6273805.5 كىلوگرامغا يەتكەن؛ كېۋەز كۆلىمى 2500 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 120.5 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 301250 كىلوگرامغا يەتكەن؛ ئاپتاپپەرەس كۆلىمى 14234 مو بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى 142340 كىلوگرامغا يەتكەن. گۇما بازىرىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 17466 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق 11112 مو، ئانار 466 مىڭ مو، باشقا زىرائەتلەر 1058 موغا يېتىدۇ. 2005-يىلى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پىلانى 7500 مو بولغان، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قوتاندىكى چارۋا 33920 تۇياق بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1131 تۇياق كالا، 3630 تۇياق ئېشەك بار، تاۋار چارۋىنىڭ سانى 14200 تۇياققا يەتكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#