ئونۇر تۇرا

ئونۇر تۇرا

تۈركىيە چولپىنى ئونۇر تۇرا 1988-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيە نىڭ چاناق قەلئەدە تۇغۇلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئونۇر تۇرا
يۇرتى تۈركىيەنىڭ چاناق قەلئە
بوي ئېگىزلىكى 1.95 مېتىر
پۈتتۈرگەن مەكتىپى 9-سېنتەبىر ئۇنىۋېرستېتى
دۆلەت تەۋەلىكى تۈركىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1988-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
كەسپى مودېل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئونۇر تۇراتۈركىيەنىڭ «ھايات داۋامىدا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا چوڭ ئوغۇل سىراج باكىرجىنىڭ رولىنى ئېلىش بىلەن بىزگە تونۇلغان ئونۇر تۇرا 1988-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيەنىڭ چاناق قەلئەدە تۇغۇلغان، بويى 1.95 مېتىر. ئاپىسى پېنسىيەگە چىققان دۆلەت مەمۇرى، دادىسى بولسا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئۇنىڭ يەنە بىر ئاكىسى بار.

ئونۇر تۇرائونۇر تۇرا 9-سېنتەبىر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەگە ئۇنىۋېستېتىنىڭ مۇزىكا تەربىيىسىنىمۇ ئالغان. گىتتار چېلىشنى بىلىدىغان ئونۇر تۇرانىڭ 70 كە يېقىن ناخشىسى بار.

ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ۋاسكىتبول ۋە ۋالىبول ئوينىغان. ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە تىياتىرلاردا رول ئېلىشقا باشلىغان. ئىزمىردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ تۆت يىل مودېللىق قىلغان. ئىزمىردا يەنە ئارتىسلىق تەربىيىسى ئالغان.

ئونۇر تۇرايېقىندا ئونۇر تۇرانىڭ توي قىلىپ توققۇز ئاي ئۆي تۇتۇپ ئاجرىشىپ كەتكەن كىنو ئارتىسى سەدا گۈۋەن بىلەن توي قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان.

ئۇلار باشتا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەخپىي تۇتقان بولۇپ، كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا توي قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئاشكارلىغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#