كاچۇڭ يېزىسى

كاچۇڭ يېزىسى

كاچۇڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 60 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەكەن دەرياسى، يەكەن ناھىيەسىگە قارايدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كاچۇڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 73.3 كۋادرات كىلومېتىر
ماشىنا كودى يېڭى Q
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀群乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كاچۇڭ يېزىسىكاچۇڭ يېزىسى يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 60 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەكەن دەرياسى، يەكەن ناھىيەسىگە قارايدۇ. ئەسلى نامى كاچۇڭ گۇڭشې بۇلۇپ، 1984-يىلى يېزا قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. كۆلىمى 73.3 كۇۋادىرات كىلومېتىر، 17492 نوپۇسى ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 17450 ئادەم، باشقا مىللەتلەر 42 ئادەم. «كاچۇڭ» ئۇيغۇر تىلىدا «چوڭ رۇدا» دېگەن مەنىدە. ئېھتىمال رۇدا تاغلىقنىڭ قىممەتلىك كان بايلىقى بولغانلىقى سەۋەبىدىن شۇڭا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

كاچۇڭ يېزىسىكاچۇڭ يېزىسىغا قاراشلىق 14 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: بازار كەنتى، چىمدۇ كەنتى، كەنچىمدۇ كەنتى، يۇقىرىقى چامسال كەنتى، چامسال كەنتى، قۇرباغ كەنتى، تاختا كۆۋرۈك كەنتى، ھېيتكار كەنتى، چوڭھويلا كەنتى، تېرەكباغ كەنتى، قوشباغ كەنتى، قارا يانتاق كەنتى، تۆۋەنكى قارايانتاق كەنتى، ئاقھويلا كەنتى قاتارلىقلار. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بازار كەنتى.

كاچۇڭ يېزىسى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق قاتارلىقلار. باقمىچىلىق، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانلىرى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#