يولۇچىلار ئايروپىلانى

يولۇچىلار ئايروپىلانى

سۈرئىتى تېز، قەرەلىدە ئۇچۇش ئۈنۈمى يۇقىرى، ماي سەرپىياتى تۆۋەن، بېلىتى ئەرزان بىر خىل چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى بار، كىشىلەر ئۇنى «ھاۋادىكى ئاپتوبۇس» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، مۇنداق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندەك قۇلايلىق دېگەنلىكتۇر. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى يولۇچىلار ئايروپىلانى
خەنزۇچە ئىسمى 客机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يولۇچىلار ئايروپىلانىسۈرئىتى تېز، قەرەلىدە ئۇچۇش ئۈنۈمى يۇقىرى، ماي سەرپىياتى تۆۋەن، بېلىتى ئەرزان بىر خىل چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى بار، كىشىلەر ئۇنى «ھاۋادىكى ئاپتوبۇس» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، مۇنداق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندەك قۇلايلىق دېگەنلىكتۇر. 

قۇرۇلمىسى 

ئادەتتىكى رېئاكتىپ ئايروپىلانلار ئاۋازدىن تېز ئۇچىدۇ، بىراق، ماي سەرپىياتى يۇقىرى. پىرقىرىغۇچلۇق ئايروپىلانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 800 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئەمما، ماي تېجەيدۇ. بىرەيلەن رېئاكتىپ ماتورنىڭ ئايلانما ئوقىنىڭ ئالدىغا قاناتلىق پىرقىرىغۇچ(ياكى شامالدۇرغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ) ئورنىتىپ، تۇربىنا شامالدۇرغۇچلۇق رېئاكتىپ ماتورغا ئايلاندۇردى. مۇنداق ماتورنىڭ ھەم شامالدۇرغۇچ ھاسىل قىلىدىغان ئىتتىرىش كۈچى، ھەم گاز پۈركۈشتىن ھاسىل بولىدىغان ئىتتىرىش كۈچى بولىدۇ. ھاۋادىكى ئاپتوبۇس دەپ ئاتىلىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا مۇشۇنداق ماتور ئورنىتىلغان بولۇپ، شامالدۇرغۇچ قىسمى بىلەن رېئاكتىپ(گاز پۈركۈش) قىسمىنىڭ نىسبىتى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، نوقۇل رېئاكتىپ ماتورلۇق ئايروپىلانغا قارىغاندا ھەر كىلوگرام ئىتتىرىش كۈچى ھەر سائەتتە سەرپ قىلىدىغان ماينىڭ يېرىمى تېجىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇپلا قالماي، يېقىلغۇمۇ تېجەيدۇ. 

يولۇچىلار ئايروپىلانىمۇنداق ئايروپىلاننىڭ يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارى بار. مەسىلەن، غەربىي ياۋروپادىكى سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان 301 − A ھاۋادىكى ئاپتوبۇس شەكىللىك يولۇچىلار ئايروپىلانىغا يېڭى بىر خىل ئايروپىلان قانىتى ئىشلىتىلگەن. ئەسلىدە ئايروپىلان تېزلىكى سائىتىگە 800 ~900 كىلومېتىرغا يەتكەندە، قانات ئۈستىدە بىر خىل «سوقما دولقۇن» پەيدا بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ قارشىلىقىنى تېز ئۆرلىتىۋېتىدۇ. مۇنداق يېڭى قانات ئىشلىتىلگەندە، ئايروپىلاننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 950 كىلومېتىردىن ئاشقاندىلا ئاندىن قانىتى ئۈستىدە سوقما دولقۇن پەيدا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھاۋادىكى ئاپتوبۇسنىڭ «تېز» لىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلغىلى بولىدۇ. 

ھاۋادىكى ئاپتوبۇسنىڭ گەۋدىسى كەڭ بولۇپ، ئايروپىلان بۆلمىسىدىكى ئورۇندۇقلارنىڭ ئارىلىقى چوڭ، ئايروپىلان ئىچىدىكى شاۋقۇنمۇ تىزگىنلەنگەن، شۇڭلاشقا، يولۇچىلار تولىمۇ ئازادە ھېس قىلىدۇ. 

مۇنداق ئايروپىلانغا يەنە مۇكەممەل رادىئولۇق يول باشلاش ۋە قونۇش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان، ئايرودرومدىكى ھاۋا رايى تولا ناچار بولمىسىلا، ۋاقتىدا ئۇچۇپ قونالايدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#