مۇرتۇق غولى

مۇرتۇق غولى

مۇرتۇق غولى-تۇرپان شەھىرى سىڭگىم يېزىسى مۇرتۇق كەنتىنىڭ بىر مەھەللىسى بولۇپ، سۈيى ئەلۋەك، دەل-دەرەخلەر كۆپ، ھاۋاسى سالقىن، تەبئىي مەنزىرىسى گۈزەل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەتراپىدىكى باشقا غوللاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى مۇرتۇق غولى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇرتۇق غولىمۇرتۇق غولى-تۇرپان شەھىرى سىڭگىم يېزىسى مۇرتۇق كەنتىنىڭ بىر مەھەللىسى بولۇپ، سۈيى ئەلۋەك، دەل-دەرەخلەر كۆپ، ھاۋاسى سالقىن، تەبئىي مەنزىرىسى گۈزەل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەتراپىدىكى باشقا غوللاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. يەنە كىلىپ مۇرتۇق غولى داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىسى-بېزەكلىك مىڭئۆيى گە ناھايتى يېقىن. مۇرتۇق غولىنىڭ ئۈستىدىكى يارداڭلىق قا جايلاشقان مۇرتۇق غۇجامنى زىيارەت قىلغىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇرتۇق غۇجامىنىڭ ئەتراپىدا قوغداش نوقتىسى قىلىپ بېكتىلىگەن ئورۇندىن بىر قانچىسى بولۇپ، بۇلار مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى بىلەن گۈزەل مەنزىرىگاھ بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت نوقتىسى سۈپىتىدە ئېچىشقا باپ كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇن ھىساپلىنىدۇ.

مۇرتۇق غولىنەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان مۇرتۇق غولىنىڭ ئىككى تەرىپى ئىگىز يارداڭلىق، ھەممە جاي بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان، بەزى كوچىلىرى خۇددى «يېشىل تونىل»غىلا ئوخشايدۇ. كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان تېرەكلەر غولنىڭ ھۆسنىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرسە، غۇلاچ يەتكۈسىز سۆگەت، جۈجەم ۋە ئۆرۈك لەر غولنىڭ قەدىمىيلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. غولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئويناقشىپ ئاقىدىغان زىلال سۇ ھەرگىزمۇ بىر يەردىن باشلاپ كېلىنگەن ئەمەس، بەلكى غولدىكى بىر نەچچە بۇلاق سۈيىنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان. ئەنە شۇ بۇلاقلارنىڭ ئىچىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرۇدىغان، بىر ئېغىز ئۆينىڭ چوڭلۇقىدا سۈيى بۇلدۇقلاپ ئۆرلەپ تۇرىدىغان بىر بۇلاق بولۇپ، يەرلىك كىشلەر «ئاغىر بۇلاق» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇلاقنىڭ ئەتراپى دەرەخلىك بولۇپ، دەرەخلەرنىڭ زىچىلىقىدىن كۈن نۇرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. «ئاغىر بۇلاق»نىڭ سەل تۆۋەن تەرىپىدىكى ياپيېشىل، پاكار- پاكار تۆپىلىكلەر غولنىڭ يەر شەكلىنى بىر خىل ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلغان. غول ئىچىدە يەنە ئەينى زاماندا سۇ باشلاپ چىقىش ئېھتىياجى بىلەن 10 مېتىرغا يېقىن قېلىنقتىكى يارداڭنى تېشىشتىن پەيدا بولغان، كېيىن بارا-بارا يوغناپ كەتكەن تەشمە بولۇپ، تەشمە ئىچىدە يەرلىك كىشلەر «شارقىرىغۇچ» ياكى «ئۈنچە غول» دەپ ئاتايدىغان، كارىدوردەك تار ھەم ئۇزۇن يەنە بىر كىچىك غول بار. غول مەھەللىسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە، ئىككى غولنىڭ سۈيى يىغىلىدىغان چوڭ بىر كول بولۇپ، ئىلگىرى كەنتنىڭ سۇ ئېلېكتىر پونكىتى موشۇ كۆلنىڭ سۈيىگە تايانغان. كۆلنىڭ نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى قېلىن ھەم مۇستەھكەم توسمىسى كۆلدىن تېشىپ چىققان سۇ بىلەن چىرايلىق شارقىراتما ھاسىل قىلغان. گەرچە، ھازىر بۇ كۆل تىنىپ، كىچىكلەپ، يوقاپ كىتەي دەپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئېچىش قىممىتىگە ئىگە. كۆلدىن ئانچە يىراق بولمىغان بۆككىدە دەرەخلىكنىڭ ئىچىدە قۇچاق يەتكۈسىز قارىياغاچ دەرىخى ھويلىسىغا سايە تاشلاپ تۇرىدىغان، تارىخى 100 يىلدىن ئاشىدىغان ئىككى قەۋەتلىك مەدرىسە خارابىسى بار. 

مۇرتۇق غولى ياز كۈنلىرى خۇددى بۇيلۇق، يارغوللارغا ئوخشاشلا سالقىن ھەم چىرايلىق بولغانلىقتىن، يېقىن ئەتراپتىكى كەنت-مەھەللە كىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئارامگاھى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#