ئۈششۈك دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئۈششۈك (سۇغۇق تىگىپ كىتىش)
  2. ئۈششۈك ()
سۇغۇق تىگىپ كىتىش
ئۈششۈك

قىش پەسلىدە دائىم ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ، توڭلىغان ئورۇندا قىزىل داغ، سۇلۇق قاپارتما، قىچىشىش، ئېچىشىش ياكى سانجىلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يەرلىك ئورۇن تېرە قان تومۇرلىرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت.

غەرب تېبابىتى نامى ئۈششۈك
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
خەنزۇچە نامى 冻伤
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈششۈكسىرتقى مۇھىتتىكى زىيادە سوغۇقلۇق بەدەنگە تەسىر قىلغاندا بەدەن تېرىسىنىڭ خىلىتسىز سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددا ئالمىشىش سۇسلىشىپ يەرلىك ئورۇندا ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشى تۈپەيلىدىن سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈششۈكمۈچە ئۇچلىرى ۋە ئاشكارا ئورۇنلاردا مەسىلەن، قول بارمىقى، قول دۈمبىسى، پۇت بارمىقى، پۇت دۈمبىسى، يۈز، قۇلاق، بۇرۇن ئۇچى قاتارلىق ئورۇنلاردا قىزىل رەڭلىك، چېگرىسى ئېنىق ئىششىق بولۇپ تۇتقاندا مۇزدەك سوغۇق ئۇرۇنىدۇ. باسقاندا رەڭگى ئۆڭىدۇ، بۇنداق چاغدا ئەگەر ئىسسىقلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىنسا، زەخىملەر بىرقانچە كۈن ئىچىدە يېنىپ كېتىدۇ. ئېغىرلىرىدا ئىششىش كۈچىيىپ، سۇلۇق قاپارتقۇلارنى ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سېرىقسۇ ياكى قانلىق پلازما سۇيۇقلۇقلىرى بولىدۇ. قاپارتقۇ تېشىلگەندىن كېيىن، شەلۋەرىگەن يارىلار شەكىللىنىپ تېگى سۇس قىزىل بولۇپ ئەتراپىدا يەڭگىل دەرىجىدىكى قىزىل ئايلانمىلار بولىدۇ. ساقىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار بولىدۇ ياكى قارا قانلىق قاقاچ باغلايدۇ. ساقايغاندىن كېيىن تاتۇق ياكى ۋاقىتلىق رەڭدار ماددىلارنىڭ ئولتۇرۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەسلەپكى دەۋرىدە ئۇيۇشۇش سېزىمى بولىدۇ، كېيىن قىچىشىش، چىڭقىلىش ۋە ئېچىشىش سېزىملىرى بولۇپ ئىسسىغاندا تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

1. ئاڭاي پەيدا بولىدىغان ئورنى، پەسىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن. مەسىلەن، مۈچە ئۇچلىرىدا، قىش پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

2. تىپىك كلىنىك ئىپادىسى: سوغۇققا يولۇققان ئورۇندا قىزىل رەڭلىك ئىششىق بولۇپ تۇتقاندا مۇزدەك سوغۇق بىلىنىش، ئىسسىقلىققا يولۇققاندا قىچىشىش، ئېچىشىش.

كۆپ شەكىللىك قىزىل داغدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

بۇ كېسەلدە يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملانغانلىق تارىخى بولىدۇ. ئەتىياز، كۈز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، پۇت-قول دۈمبىسىدە سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىدىكى قىزىل داغ، سۇلۇق قاپارتما، توخۇ كۆزى ئايلانمىسى شەكىللىك ئۆزگىرىش بولىدۇ.

بىمارنى ئىسسىق ئورۇنلارغا يۆتكەش بىلەن بىرگە بەدەنگە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش داۋالاش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.

ئۈششۈكئالدى بىلەن بىمار ئىسسىق ئورۇنلارغا يۆتكىلىدۇ. ئاندىن قان ئۇيۇغان قىزىل داغ بولسا يەرلىك ئورۇننى ئۇۋۇلاش بىلەن بىرگە سىرتىدىن بىلسان يېغى، يىلان يېغى، ئېيىق يېغى، بابۇنە يېغى، قەلەمپۇر يېغى قاتارلىقلارنى تاللاپ مايلىنىدۇ. ئەگەر تېرە پۈتۈنلۈكى بۇزۇلغان بولسا جاراھەتلەنگەن ئورۇننى قوغداش، ھەر كۈنى بىر قېتىم ئەڭلىك ئوت مايلىق، داكىنى چاپلاش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

يۇقىرىقى دورىلارنى بېرىش بىلەن بىرگە قاننى جانلاندۇرۇپ توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن مەتبۇخى ئەفتىمۇن 30 مىللىلىتىردىن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ بېرىپ بەدەن تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن مەجۈنى چۆبچىن 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، داۋائىلمىشكى 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، سىركەنجىۋىل بۇزۇرى 30 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ بېرىلىدۇ.

زىمىستان قىش پەسلىدە ئىسسىق يۈرۈشكە دىققەت قىلىش، ھەرىكەتنى كۈچەيتىش، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىش قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=911

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#