ساندىنو
«ئاشۇ دارازىلار بەلكىم ساندىنونىڭ بويى پاكار، كاتتا ئەمەلدار بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. مېنىڭ بويۇم پاكار، ئەمما ۋەتەنپەرۋەرلىكىم چەكسىز يۈكسەك. ۋەتەنگە، تارىخقا شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى، مەن ۋەتەننىڭ شان-شەرىپىنى قىلىچىم ئارقىلىق قوغدايمەن». بۇ تەنتەنىلىك قەسەم نىكاراگۇئانىڭ 20-ئەسىردىكى مىللىي قەھرىمانى ساندىنونىڭ ئېغىزىدىن چىققان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ساندىنو (1895-1934-يىللار) نىكاراگۇئانىڭ نىكىنوئومو شەھىرىدە تۇغۇلغان. نىكاراگۇئا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، بۇرۇنلا ئامېرىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قېلىپ ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىقى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.
1926-يىلى، نىكاراگۇئادا ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە، ساندىنو تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كۈرىشىگە قاتناشقان. ئۇ ئۆزى يىغقان 3000 ئامېرىكا دوللىرىغا قورال سېتىۋېلىپ، 29 كىشىلىك پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللىگەن. ئەترەتتىكىلەرنى باشلاپ تاغلىق رايونغا جايلىشىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان، بازا قۇرۇپ، ئەترەتنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. دۈشمەنلەر خارابىگە ئايلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ قورشاپ يوقىتىپ، نىكاراگۇئانىڭ ئىنقىلابىي بازىلىرىنى ھەر كۈنى غالجىرلارچە بومباردىمان قىلغان. ساندىنو بۇنىڭدىن قىلچە قورقۇپ قالماي، قىلىچى ئارقىلىق مىللىتىنىڭ غۇرۇرىنى ساقلاشقا، ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قەسەم ئىچكەن. دۈشمەن ئۇنىڭغا يۇقىرى مائاش، كاتتا ئەمەل بېرىش، قورالنى تاشلىسىلا، شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەش، يەنە تېخى ئىنقىلاب باشلانغان كۈندىن باشلاپ كۈنلۈكىگە ئون ئامېرىكا دوللىرىدىن ھەق بېرىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، ھەتتا دادىسىنى ئۇنى تەسلىم بولۇشقا كۆندۈرۈشكە ئۈندىگەن. بىراق، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كەسكىن رەت قىلغان.
ساندىنو رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن يەتتە يىل جاپالىق جەڭ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىل قوراللانغان 10 نەچچە مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرغان، ئۇلار ئاممىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۈزلۈكسىز زورىيىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئازاد قىلىپ، ئامېرىكىنى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. 1934-يىلى، ساندىنو پايتەختكە بېرىپ ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما بەختكە قارشى ئەكسىيەتچى ھەربىيلەرنىڭ سۇيىقەستىگە ئۇچراپ قۇربان بولغان. ئەمما، ئۇنىڭ روھى نىكاراگۇئا خەلقىنىڭ ھەقىقىي مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا ئىزچىل ئىلھام بېرىپ كەلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.