جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى (1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللانغان).

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 1994-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国教师法
تۈزتىلگەن ۋاقتى 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى (1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللانغان).

1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيىلىنىشىگە ۋە كەسپىي سۈپەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قانۇن تۈزۈپ چىقىلىدى.

2 - ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا مەخسۇس تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

3 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان كەسپىي خادىملار بولۇپ ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەم ئادەم تەربىيىلەش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇتقۇچىلار خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشى كېرەك.

4 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئىدىيە - سىياسىي تەربىيە ۋە كەسپىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى، قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. 

پۈتكۈل جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.

5 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ. 

گوۋۇيۈەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، ئوقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. 

مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.

6 - ماددا ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولىدۇ.

2 - باب ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت

7 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ: 

(1) تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇش؛ 

(2) ئىلمىي تەتقىقات، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، كەسپىي ئىلىم تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، ئىلىم پائالىيەتلىرىدە تولۇق پىكىر بايان قىلىش؛ 

(3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش؛ 

(4) ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىش، دۆلەت بەلگىلەنگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىش ھەققى ئېلىپ دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش؛ 

(5) مەكتەپنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق، مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىش؛ 

(6) بىلىم ئاشۇرۇش ياكى باشقا شەكىلدىكى تەربىيىلىنىشلەرگە قاتنىشىش.

8 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك: 

(1) ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش؛

(2) دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قائىدە - تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش ئەھدىنامىسىنى ئادا قىلىش، تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش؛ 

(3) ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپ تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى، قانۇن - تۈزۈم تەربىيىسى، شۇنداقلا ئىدىيە - ئەخلاق، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش؛

(4) بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى ھۆرمەتلەپ، ئەخلاق - پەزىلەت، زېھنىي كۈچ، بەدەن سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ 

(5) ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش؛ 

(6) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيە - سىياسىي ئېڭىنى، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.

9 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك: 

(1) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش؛ 

(2) زۆرۈر كىتاب، ماتېرىيال ۋە باشقا تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش؛ 

(3) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات داۋامىدىكى ئىجادىي خىزمىتىگە ئىلھام بېرىش ۋە ياردەم قىلىش؛ 

(4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى چەكلىشىنى قوللاش.

3 - باب سالاھىيەت ۋە ئىشقا قويۇش

10 - ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

جۇڭگو پۇقرالىرىدىن، ئومۇمەن ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ياخشى ئىدىيە - ئەخلاققا ئىگە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، لاياقەتلىك دەپ ئېتراپ قىلىنغانلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

11 - ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى: 

1) بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، بالىلار دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ 

2) باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، ئوتتۇرا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ 

3) تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە تولۇقسىز كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، ئالىي دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ 

4) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت دەرسى، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، ئالىي دارىلمۇئەللىمىن ئىنستىتۇت مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرسىنى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئوقۇش تارىخى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؛ 

5) ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ 

6) چوڭلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، چوڭلار مائارىپىنىڭ قاتلىمى، تۈرى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك. 

بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغان پۇقرالار ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى لازىم. دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئىمتىھانى تۈزۈمى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

12 - ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇتقۇچلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغانلىرىغا قارىتا، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئۆتكۈنچى چارىسى بەلگىلىنىدۇ.

13 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنى تەشكىللىشى ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان مەكتەپەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ. 

بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغان پۇقرالار مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئاساسەن ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. 

ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خادىملار تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بولۇشى كېرەك.

14 - ماددا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ياكى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغانلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.

15 - ماددا ھەر دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. 

دۆلەت غەيرىي دارىلمۇئەللىمىن ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ياكى كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

16 - ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كونكرېت چارە گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

17 - ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى پەيدىنپەي يولغا قويۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورنى باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تەكلىپ قىلىش توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ قەدەم - باسقۇچى، چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

4 - باب يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش

18 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دارىلمۇئەللىمىن مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇنەۋۋەر ياشلارنى ھەر دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتەپلىرى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.غەيرىي دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

ھەر دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كەسپىي مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

19 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەرنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپ خىل شەكىلدە ئىدىيە - سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىشى كېرەك.

20 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈشى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، ياردەم قىلىشى كېرەك.

21 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە چەت ياقا نامرات رايونلار ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈپ بېرىشى، تەربىيىلەپ بېرىشى كېرەك.

5 - باب سىناپ تەكشۈرۈش

22 - ماددا مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيە - سىياسىي، كەسپىي سەۋىيىسىنى، خىزمەت پوزىتسىيىسىنى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى سىناپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

23 - ماددا سىناپ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىپ، ئادىل، توغرا بولۇش، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇنداقلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش كېرەك.

24 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنى سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، مۇكاپاتلاش، جازالاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

6 - باب تەمىنات

25 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى يۇقىرى بولۇشى ھەمدە پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك. نورمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش تۈزۈمى تۇرغۇزۇلىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

26 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق ستاژ ياردەم پۇلى ۋە باشقا ياردەم پۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

27 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارغا، شۇنداقلا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا ۋە چەت يىراق، نامرات رايونلارغا بېرىپ تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

28 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىغا، ئۆي ئىجارىگە ئېلىشىغا، ئۆي سېتىۋېلىشىغا ئالدىن ئېتىبار بېرىدۇ. 

ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلادىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئولتۇراق ئۆي ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

29 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار داۋالىنىش جەھەتتە شۇ جايدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش ھەمدە شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 

داۋالاش ئاپپاراتلىرى شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

30 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيىگە چىققان ياكى خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيىگە چىقىش ياكى خىزمەتتىن چېكىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇزاق مەزگىل تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پېنسىيىگە چىققان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پېنسىيە پۇلى نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ.

31 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ قوشۇمچە ياردەم بېرىدىغان، كوللېكتىپتىن ئىش ھەققى بېرىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى كىرىمى جەھەتتە دۆلەتتىن ئىش ھەققى ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش ھەق ئېلىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، كونكرېت چارىنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.

32 - ماددا ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

7 - باب مۇكاپاتلاش

33 - ماددا تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش، ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىلمىي تەتقىقات، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ تەرىپىدىن تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ. 

زور تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە شەرتلىك نام بېرىلىدۇ.

34 - ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش فوندى تەشكىلاتلىرىغا مەبلەغ ياردەم قىلىشنى قوللايدۇ ۋە شۇنداق قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.

8 - باب قانۇنىي مەسئۇلىيەت

35 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغانلارغا ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ياكى مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ، زىيان پەيدا قىلغانلار زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلىدۇ، ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

36 - ماددا قانۇن بويىچە ئەرز قىلغان، شىكايەت قىلغان پاش قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن خاتالىقنى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئەھۋالى ئېغىرلارغا كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 146 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

37 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ، باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ياكى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ياكى ئۇلارنى تەكلىپ قىلىش بىكار قىلىنىدۇ: 

(1) تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى قەستەن ئورۇنلىماي، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ 

(2) ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرگەن، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛ 

(3) ئەخلاقى ناچار، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن تەسىرى يامانلار. 

يۇقىرىقى 2 (3) تارماقلاردا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللاردىن بىرەرسى كۆرۈلگەن، ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

38 - ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرىگەنلەرنى ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقا قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلەرنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك. 

دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مالىيىسىنىڭ مائارىپقا ئىشلىتىدىغان راسخوتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەنلەر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرىگەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن يۆتكەپ ئىشلەتكەن راسخوتنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار خادىملارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

39 - ماددا مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى، قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەن ياكى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئەرزنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 30 كۈن ئىچىدە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارمىقىنى ئۆزىنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ قارىغان ئوقۇتقۇچىلار تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

9 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

40 - ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: 

1. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپلەر مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ، ئادەتتىكى باشلانغۇچ مائارىپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ، شۇنداقلا ئالاھىدە مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپىنى يولغا قويغان مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

2. باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئۆسمۈرلەر سارىيى، شۇنداقلا يەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 

3. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلار باغچىسى، ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتى، ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، چوڭلار باشلانغۇچ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرى، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇنداقلا باشقا باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

41 - ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملار، باشقا تىپتىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملار، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، بۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ. 

ھەربىي قىسىملارغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ، ئىنستىتۇتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملارغا قارىتا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بۇ قانۇنغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

42 - ماددا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/118302.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#