ئەل ئىچى قەرز ئۆسۈمى

ئەل ئىچى قەرز ئۆسۈمى

ئەل ئىچى قەرز ئېلىم-بېرىم ئىشلىرى قەرز توختامى تۈرىگە تەۋە ھەق تەلەپ قانۇن ھەركىتى بولۇپ، قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئۆسۈمى توغرىسىدا قانۇن پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەل ئىچى قەرز ئېلىم-بېرىم ئىشلىرى قەرز توختامى تۈرىگە تەۋە ھەق تەلەپ قانۇن ھەركىتى بولۇپ، قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئۆسۈمى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك قانۇن پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

(1) ئالاقىدارلار قەرز ئۆسۈمى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىگە نىسبەتەن پۈتۈشۈم بولسا پۈتۈشۈم بويىچە بولىدۇ.

(2) ئەل ئىچى قەرز توختامىدا ئالاقىدارلار ئۆسۈم نىسبىتىنى كېلىشسەھەمدە كېلىشكەن ئۆسۈم نىسبىتى بانكا قەرز ئۆسۈم نىسبىتىدىن مۇۋاپىق يۇقىرى بولسا بولىدۇ، ئەمما دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.بۇھەقتىكى ئەدىلىيلىك ئىزاھاتتا ئەل ئىچى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى ئوخشاش تۈردىكى بانكا قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ،ئېشىپ كەتكەن بولسا ئېشىپ كەتكەن قەرز ئۆسۈمى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.

(3) ئەل ئىچى قەرزىدە ئالاقىدارلار دوملىما ئۆسۈم ھېسابلاشنى پۈتۈشسە بولمايدۇ. ئالاقىدار ئەدىلىيىلىك ئىزاھاتتا قەرز بەرگۈچى ئۆسۈمنى ئەسلى قەرز ئىچىگە كىرگۈزۈپ، دوملىما ئۆسۈمدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ئۆسۈمگە ئېرىشسە بولمايدۇ، ئەگەرسوت قىلىش جەريانىدا شۇنداق ئەھۋال سېزىلسە ئوخشاش تۈردىكى بانكا ئۆسۈمىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى قوغدالمايدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.

(4) قەرز توختامىدا تۆلىنىدىغان قەرز ئۆسۈمىگە قارىتا پۈتۈشۈم بولمىغان ياكى پۈتۈشۈم ئېنىق بولمىغاندا ئۆسۈمسىز قەرز دەپ بىكىتىلىدۇ.

(5) تەبئىي شەخىسلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇددەتلىك ئۆسۈمسىز قەرزدە قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈشى، ياكى قەرەلسىز قەرزنى سۈيلىگەندىن كىيىنمۇ ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلىقتىن، قەرز بەرگۈچى قەرز ئۆسۈمىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا، بانكىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى قەرز ئۆسۈمى بويىچە بىكىتىلسە بولىدۇ.

كىشىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى: بىر تەرەپ ئالداش،تەھدىت سېلىش، تەرەپ قارشى قىيىنچىلىقتا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن ،قارشى تەرەپنىڭ ھەقىيقى ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئورنىتىلغان قەرز مۇناسىۋېتىنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ، ئەگەر توختام بىكار قىلىنسا، سەۋەب قەرز بەرگۈچىدە بولسا قەرز پۇلنىڭ دىرىنى قايتۇرىدۇ، قەرز ئالغۇچىدا سەۋەنلىك بولسا دىرى ۋە بانكا ئۆسۈمى بويىچە قەرز ئۆسۈمىنى قايتۇرىدۇ.

بانكىلاردىن ئالغان قەرزدىن باشقا ھەرقانداق قەرز مۇناسىۋېتىگە مەسىلەن شەخىسلەردىن ئالغان، قەرزپۇل بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەردىن، گۆرۈخانىدىن ئالغان قەرزقاتارلىقلارغا يۇقارقى پىرىنسىپ تەتبىقلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

قانۇن مەسلىھەت تورى 

http://www.danalar.net/?p=696

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#