سويا پۇرچاق

دۇنيادىكى يېمەكلىك مايلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بىر يىللىق مايلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىدۇر. مەسىلەن، سويا پۇرچاق(دادۇر) ، ئاپتاپپەرەس، خاسىڭ، چىگىت ۋە قىچا قاتارلىقلار دۇنيادىكى يېمەكلىك مايلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سويا پۇرچاق مېيى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. سويا پۇرچاق ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سويا پۇرچاق
تارقالغان رايونلار جۇڭگو ، ئامېرىكا ، برازىلىيە قاتارلىق رايونلار
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى پۇرچاق تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى سويا پۇرچاق ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى 大豆
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈك دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پۇرچاق ئائىلىسى
تۈرى سويا پۇرچاق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

      

    سويا پۇرچاق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ئۆسۈملۈك. مۇرەككەپ يوپۇرمىقىدا ئۈچ تال كىچىك يوپۇرمىقى بولىدۇ. گۈل رېتى قىسقا ئومۇم گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى ئاق ياكى سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ. كېپىنەكسىمان گۈل تاجىسى ۋە چوكا مېۋىسى بولىدۇ. ئۇرۇقى ئېللىپس شەكلىدە بولىدۇ. ئۇرۇق پوستىنىڭ رەڭگىگە قاراپ سېرىق پۇرچاق، كۆك پۇرچاق ۋە قارا پۇرچاق دەپ ئايرىلىدۇ.

       ئېنگېلسنىڭ «ئاقسىل − ھاياتلىق دېمەكتۇر» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. سويا پۇرچاق ئىنسانلارنى ئەلا سۈپەتلىك مول ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، سويا پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ئادەتتە  %38 ~

% 40  كە يېتىدىكەن، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ %50  ئەتراپىدا بولۇپ، بۇغداينىڭكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە، كۆممىقوناق ۋە گۈرۈچنىڭكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. گۆش ۋە تۇخۇملارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا1 كىلوگرام سويا پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل  2 كىلوگرام كالا گۆشى، 3  كىلوگرام توخۇ تۇخۇمى، 4  كىلوگرام قوي گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارىغا توغرا كېلىدىكەن. سۇن جۇڭسەن ئەپەندى «گۆشنىڭ ئورنىغا پۇرچاقنى يېمەكلىك قىلىشنى جۇڭگولۇقلار كەشىپ قىلغان» دېگەنىدى. 

سويا پۇرچاق ئۇرۇقى(دېنى) تەركىبىدىكى ماي مىقدارى ئادەتتە  18 ~ 20 پىرسەنت بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى تويۇنمىغان ماي كىسلاتالىرى، مەسىلەن، لىنولېئىك كىسلاتا، لىنولېنىك كىسلاتا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زور مىقداردا ۋىتامىنE، A، D  لارمۇ بار. ئۇلار ناھايىتى يۇقىرى كالورىيىگە(ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە) ئىگە بولۇپ، ئادەم تېنى ئاسان سۈمۈرۈپ پايدىلىنالايدىغان بولغاچقا، ئۇلار تەركىبىدە خولېستېرىن بولمىغان ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك مېيى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، ھايۋانات مېيىنىڭ ئورنىغا سويا پۇرچاق مېيىنى ئاساس قىلغان ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشماقتا. 

سويا پۇرچاقنىڭ يىلتىز قىسمىدا نۇرغۇنلىغان شار شەكىللىك يىلتىز تۈگۈنچىلىرى بولۇپ، ئىچىدىكى يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىلىرى ھاۋادىكى ئەركىن ئازوتنى سۈمۈرەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئازوتلۇق ئوغۇتقا ئايلاندۇرالايدۇ. بىر مو يەردىكى سويا پۇرچاق ئادەتتە تەخمىنەن6 كىلوگرام ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدىغان بولۇپ، بۇ   30 كىلوگرام ئازوت ئوغۇتى  (ئاممونى سۇلفات) بىلەن ئوغۇتلىغانغا باراۋەر كېلىدۇ. شۇڭا، دېھقانلار «پۇرچاق يەرنى مۇنبەتلەشتۈرىدۇ، قوناق يەرنىڭ كۈچىنى تارتىدۇ» دېيىشىدۇ.

سويا پۇرچاق سانائەتنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەم تېببىي دورىگەرلىك ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ خام ئەشياسى بولغان گېلىتسىن ئېلىشقا، ھەم قۇيمىچىلىقتا قېلىپلارنى سىلىقلاشتۇرغۇچى ماي ئېلىشقا بولىدۇ. پۇرچاق مېيىنى بېلىق مېيى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئالىي دەرىجىلىك سىلىقلاش مېيى ئىشلەشكە بولىدۇ. ئۇ يەنە سىر، سۈنئىي كاۋچوك(رېزىنكە) ، سۈنئىي بېنزىن، سۈنئىي قوي يۇڭى، ئالىي دەرىجىلىك نىلون، سۈرەتكە تارتىش پىليونكىسى، سوپۇن، پارتلاتقۇچ دورا قاتارلىقلارنى ياساشتىكى مۇھىم خام ئەشيا ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#