بالدۇر بالاغەتكە يېتىش

بالىلاردىكى بالدۇر بالاغەتكە يېتىش

يېتىلىش ياكى بالاغەتكە يېتىش بولسا بالىلارنىڭ بەدەن ۋە ھىسيات جەھەتتىن يېتىلىپ ياش ئەر ياكى ئايالغا ئايلىنىش جەريانى بولۇپ، ئادەتتە ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپ باشلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلاردىكى بالدۇر بالاغەتكە يېتىشيېتىلىش ياكى بالاغەتكە يېتىش بولسا بالىلارنىڭ بەدەن ۋە ھىسيات جەھەتتىن يېتىلىپ ياش ئەر ياكى ئايالغا ئايلىنىش جەريانى بولۇپ، ئادەتتە ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپ باشلىنىدۇ. قىزلاردىكى بالاغەتكە يېتىش ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 10 ياش ئەتراپىدا باشلىنىدىغان بولۇپ ئادەتتە 7-8 ياشتىن بالدۇر باشلانمايدۇ. ئوغۇللاردىكى بالاغەتكە يېتىش بولسا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 11 ياش ئەتراپىدا باشلىنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە 9 ياشتىن بالدۇر باشلانمايدۇ.

ئەگەر، 5 ياشقا كىرگەن قىز بالىدا بالاغەتكە بالاغەتكە يېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟ بالىغا تەسىرى بولامدۇ يوق؟

بالدۇر بالاغەتكە يېتىش دىگىنىمىز: قىزلاردا 7-8 ياشتىن بۇرۇن بالاغەتكە يىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش، ئوغۇللاردا 9 ياشتىن بۇرۇن بالاغەتكە يتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش دىگەنلىكتۇر. بالدۇر بالاغەتكە يېتىش بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، بەزى كىسەللىكلەرنىڭ ئالامىتىمۇ بولىشى مۇمكىن.

قىزلاردا 7-8 ياشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ: مەيدىسى يوغىناش ياكى تەرەققىي قىلىش، جىنسىي ئەزا ئەتراپى ياكى قولتۇقتا تۈك ئۆسۈش، بويى تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش، ھەيىز كېلىش، دانخورەك چىقىش، بەدىنىدە پۇراق پەيدا بولۇش.

ئوغۇللاردا 9 ياشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ: زەكەر يوغناش ياكى تەرەققىي قىلىش، جىنسىي ئەزا ئەتراپى ياكى قولتۇقتا ياكى يۈز قىسمىدا تۈك ئۆسۈش، بويى تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش، ئاۋازى توملاش، دانخورەك چىقىش، بەدىنىدە پۇراق پەيدا بولۇش.

بالىلاردىكى بالدۇر بالاغەتكە يېتىشبالاغەتكە يېتىش دەۋرى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا بوي ئۆسۈشمۇ توختايدۇ، شۇڭلاشقا بالدۇر بالاغەتكە يەتكەن بالىلارنىڭ سۆڭەك ئۆسۈشى نورمال بالىلاردىن بۇرۇن توختاپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى دەسلەپكى مەزگىلدە نورمال بالىلاردىن ئېگىزرەك بولسىمۇ، ئۆسىشى بالدۇر توختاپ قالغاچقا تولۇق بالاغەتكە يەتكەندىكى بوي ئېگىزلىكى نورمال ئادەملەردىن پاكار بولۇپ قالىدۇ.

بالدۇر بالاغەتكە يېتىش بالىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: قىزلار باشقا قىزلاردىن بۇرۇن مەيدىسى يوغىناپ قالسا ياكى ھەيىز كەلسە نۇمۇس قىلىشى ياكى گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن، ھەتتا باشقا بالىلار تەرىپىدىن مازاق قىلىنىشى ياكى چەتكە قېقىلىشى مۇمكىن. بالدۇر بالاغەتكە يېتىش تەسىرىدە بەدەندىكى جىنسىي ھورمونلار قالايمىقانلىشىپ، قىزلار ئاسان بىزار بولىدىغان ياكى خىيالچان بولۇپ قالىدىغان بولىشى مۇمكىن. ئوغۇللار بولسا ئاسان ئاچچىقلايدىغان، جىدەلخور بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بالاغەتكە يېتىشنىڭ باشلىنىشى ئاستى دۆڭ مىڭىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاستى دۆڭ مىڭە ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمونلار مىڭە ئاستى بېزىگە بۇيرۇق بېرىپ جىنسىي غىدىقلىغۇچ ھورمونلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. جىنسىي غىدىقلىغۇچ ھورمونلىرى بولسا قىزلارنىڭ تۇخۇمدان ۋە ئوغۇللارنىڭ ئۇرۇقدانلىرىنى غىدىقلاپ جىنسىي ھورمونلارى ئاجتىرىپ چىقىرىدۇ.

بەزىدە مىڭىدىكى مەسىلىلەر (مەسىلەن مىڭە ئۆسمسى، مىڭە زەخمىلىنىش، مىڭە ياللۇغى، مىڭە پەردىسى ياللۇغى قاتارلىقلار) ياكى تۇخۇمدان، ئۇرۇقدان ۋە قالقانسىمان بەزدىكى مەسىلىلەر بالدۇر بالاغەتكە يېتىشنىڭ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن. لېكىن كۆپىندە بالىلاردا سەۋەبىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاز بىر قىسىم بالىلاردىكى بالدۇر بالاغەتكە يېتىش ئېرسىيەت خاراكتىرلىق بولۇپ، ئاتا-ئانىسىمۇ بالدۇر يېتىلگەن بولىشى مۇمكىن.

بالىلاردىكى بالدۇر يېتىلىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا سېمىزلىك بولۇپ سېمىز بالىلارنىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ.

بالىلاردىكى بالدۇر بالاغەتكە يېتىشئۇنىڭدىن سىرت دۆلىتىمىزدە يىمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى خېلىلا ئېغىر، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىدا بالىلار تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ھورمون تەركىۋى كۆپ بولغاچقا بالدۇر بالاغەتكە يېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن: سۈنئىي ئۇسۇل ياكى سۈنئىي يەم خەشەكتە بېقىلغان ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى (فېرمىدا بېقىلغان قوي، كالا ۋە توخۇ گۆشلىرى، توخۇ تۇخىمى)، پەسىلگە ماس كەملەيدىغان سەي-كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەر (قىش پەسىلدىكى كۆك لازا، شوخلا، بۆلجۈرگەن، ۋە پارنىكتا يېتىلدۈرۈلگەن باشقا مەھسۇلاتلار)، ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرى، ماي بىلەن پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەر (مايدا پۇشۇرۇلغان ياڭيۇ، توخۇ پارچىقى، توخۇ قانىتى)، بالىلار ئۈچۈن ياسالغان ئىچىملىك مەھسۇلاتلىرى (ئاقسىل تالقىنى، ئىشتىھا ئىچىش سۇيۇقلىقى، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلمىنت قاتارلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئىچىملىكى). ئۇنىڭدىن سىرت گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش، كەچتە چىراق يورۇتۇپ ئۇخلاش، مۇھىت بۇلغىنىش، ساغلام بولمىغان كىتاپ ياكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ بالىلاردا بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بالىلاردىكى بالدۇر بالاغەتكە يېتىشئەگەر بالىڭىزدا يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەرقانداق بىرسى پەيدا بولغان بولسا، (مەسىلەن قىزلاردا 7-8 ياشتىن بۇرۇن مەيدىسى يوغىناش ياكى تەرەققىي قىلىش، جىنسىي ئەزا ئەتراپى ياكى قولتۇقتا تۈك ئۆسۈش، بويى تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش، ھەيىز كېلىش، دانخورەك چىقىش، بەدىنىدە پۇراق پەيدا بولۇش. ئوغۇللاردا 9 ياشتىن بۇرۇن زەكەر ياكى تاشاق يوغىناش ياكى تەرەققىي قىلىش، جىنسىي ئەزا ئەتراپى ياكى قولتۇقتا ياكى يۈز قىسمىدا تۈك ئۆسۈش، بويى تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش، ئاۋازى توملاش، دانخورەك چىقىش، بەدىنىدە پۇراق پەيدا بولۇش.) دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.

ئادەتتە دوختۇرلار بالىلاردىكى نورمالسىز ئالامەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنسىي ھورمونلارنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى بىكىتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت قول ۋە بېغىشنى رېنتىگېندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىنىڭ سۆڭەك يېشىنى بېكىتىدۇ ۋە سۆڭەكنىڭ بەك تېز ئۆسۈپ كەتكەن ياكى ئەمەسلىكىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. بەزىدە مىڭە، تۇخۇمدان ۋە ئۇرۇقدان قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسىلە بار يوقلىقىنى ئېنىقلايدۇ.

ئەگەر دوختۇرلار باللىلاردا بالدۇر بالاغەتكە يېتىش مەسىلىسى بار دەپ گۇمان قىلسا، بالىلار ئىچكى ئاجرىتىش كىسەللىكلەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈشنى ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن.

بالدۇر بالاغەتكە يېتىش دىئاگنوزى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، داۋالاشتىكى مەقسەت بالىدىكى تىز ئۆسۈشنى ئاستىلىتىش، ۋە جىنسىي تەرەققىياتلارنى توختىتىش ياكى كەينىگە ياندۇرۇش بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىنىڭ بالدۇر بالاغەتكە يېتىپ چوڭ بولغاندىكى بويىنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل داۋالاش ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن: 

1. ئەگەر مىڭىدە ياكى باشقا يەردە ئۆسمە بولسا شۇ ئۆسمىنى داۋالاش. بۇخىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. 

2. كۆپىنچە ئەھۋالدا باشقا كېسەللىك سەۋەبىنى تاپقىلى بولمايدۇ، شۇڭا دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ بەدىنىدىكى جىنسىي ھورموننى ئازلىتىپ، جنىسىي تەرەققىياتنى ئاستىلىتىش كېرەك. بۇخىل دورىلار ئادەتتە بىخەتەر ۋە ئەكىس تەسىرى يوق بولۇپ، داۋالاپ بىر يىلغا قالماي ئۈنىمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بالىلارغا ئاددىي ۋە راسچىللىق بىلەن كىسەللىك ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش، بالىدا بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، پەقەتلا سەل بالدۇر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش كىرەك. بالىغا بېرىلگەن داۋالاش توغرىلىقمۇ سۆزلەپ بېرىش كېرەك.

بالدۇر بالاغەتكە يەتكەن بالىلار باشقا بالىلار تەرىپىدىن مازاق قىلىنىشى ياكى بوزەك قىلىنىشى مۇمكىن، شۇنداقلا بۇنداق بالىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بارمۇ يوق دىققەت قىلىش كېرەك: ئوقۇش نەتىجىسى تۆۋەنلەش، مەكتەپكە بارغۇسى كەلمەسلىك، كۈندىلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، كەيپىياتى ناچار بولۇش.

ئۇنىڭدىن سىرت بالدۇر يېتىلىپ قالغان بالىلارنى ساغلام يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، يۇقاردا دەپ ئۆتۈلگەن ساغلام ئەمەس يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرماسلىق، قالايمىقان دورا ياكى باشقا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

پەرزەنىت تورى 

http://www.parzant.com/?p=4262

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#