شىمالىي كۆل ساياھەت رايونى

شىمالىي كۆل ساياھەت رايونى

شىمالىي كۆل ساياھەت رايونى بارىكۆل ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىغا 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5000 مو، ئەسلىدە باركۆل چېكىنگەن چاغدا قېلىپ قالغان سۇلۇق يەر.

ئۇيغۇرچە نامى شىمالىي كۆل ساياھەت رايونى
قۇرۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 8-ئاي
تەۋەلىكى قومۇل شەھىرى بارىكۆل ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 北湖旅游区
كۆلىمى 5000 مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىمالىي كۆل ساياھەت رايونى بارىكۆل ناھىيەسى بازىرىنىڭ شىمالىغا 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5000 مو، ئەسلىدە باركۆل چېكىنگەن چاغدا قېلىپ قالغان سۇلۇق يەر.

بۇ يەردىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى يۇقىرى، چۆپى ئەلۋەك، ياخشى تەبىئىي يايلاق. تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، مىڭ، يۈەن دەۋرىدە، بۇ يەردە كەڭ كۆلەمدە چارۋىچىلىق ئېلىپ بېرىلغان، كۆپلەپ كالا، قوي، تۆگە  باققان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئات، قوي، تۆگە بەيگە مەيدانى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ ياخشى جايغا ئايلانغان.

قىزىل يۇلتۇز 1-چارۋىچىلىق فېرمىسى رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىنسانىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، بارىكۆلنىڭ يازدا سالقىن، قىش پەسلىدە سوغوق، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولغان ھاۋارايى شارائىتىدىن ۋە شۇنىڭدەك شىمالىي كۆلنىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىمالىي كۆل ساياھەت رايونىنى بەرپا قىلغان.

2004-يىلى 8-ئايدا، قىزىل يۇلتۇز 1-چارۋىچىلىق فېرمىسى شىمالىي كۆلدە ساياھەت رايونى قۇرۇشقا باشلىغان، ياز پەسلىدىكى ساياھەت تۈرى: سۇ ئۈستى باغچىسى، بالىلار باغچىسى، ئات مىنىش، بېلىق تۇتۇش، ئوتلاق تارتىشىش، ئوۋچىلىق، گۈلخان بەزمىسى، ئۈستى ئوچۇق تانسىخانا، سۇ ئۈزۈش، قىشتا مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ جايدا 100 مو كۆكتات پارنىكى بار بولۇپ، يېشىل ھويلا-ئارام سەيلىگاھىنى تەرەققى قىلدۇرغان. شىمالىي كۆل ساياھەت تەرەققىيات رايونىنى بىر سۇ ئۈستى باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىققان، قۇرۇقلۇق ئويۇن-تاماشاسى، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئېكىسكۇرسىيەسى، ئارام ئېلىش، , يازدا سالقىنداش، تاماشا قىلىش، ساقلىقنى ساقلاش، ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە ساياھەت رايونى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#