پۇراقلىق تەرخەمەك

پۇراقلىق تەرخەمەك
پۇراقلىق تەرخەمەك  ، تەرخەمەك ، قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈل ، تۇز، شېكەر ، ياغ، زەنجىۋىل، قىزىلمۇچ(لازا) ، قارىمۇچ قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىدۇ، شەكلى كۆركەم ،ئاچچىق-چۈچۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

ئۇيغۇرچە نامى پۇراقلىق تەرخەمەك
خەنزۇچە نامى 香黄瓜

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاساسلىق ماتېرىياللارتەرخەمەك 500 گرام، قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈل 10 گرام، تۇز سەككىز گرام، شېكەر 75 گرام، ياغ 10 گرام، زەنجىۋىل 15 گرام، قىزىلمۇچ(لازا) ئىككى تال، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا. 

1. تەرخەمەكنى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن ئىككى-ئۈچ پارچە قىلىپ كېسىپ، ئۇزۇن قەلەمچە قىلىنىدۇ، ئاندىن قاچىغا ئېلىپ تۇزلىغاندىن كېيىن 20 مىنۇت دۈملىنىدۇ. 

2. شېكەرنى قاچىغا ئېلىپ 100 گرام قايناق سۇدا ئېرىتىپ سوۋۇغاندىن كېيىن، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ساراڭ شەربەت تەييارلىنىدۇ.

3. دۈملەنگەن تەرخەمەكنىڭ سۈيىنى ساقىتىۋېتىپ تەخسىگە رەتلىك تىزىلىدۇ. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ چۈچۈتۈپ، قۇرۇق لازىنى چاناپ، زەنجىۋىل بىلەن ئانچە-مۇنچە قورۇپ تەرخەمەك ئۈستىگە ئېلىنىدۇ. ئاندىن ياغقا بىر نەچچە تال قارىمۇچ سېلىپ پۇرىقى كەلگىچە قورۇپ ياغ بىلەن قوشۇپلا تەرخەمەك ئۈستىگە تۆكىلىدۇ ۋە ئۈستىنى يېپىپ ئىككى ئۈچ سائەت دۈملىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#