ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى

ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى

ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى دەۋرىدىكى باش ۋالىي مەھكىمىسى بولۇپ، 1947-يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن، ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى غا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى
كۆلىمى 20 مىڭ كۋادرات مېتىر
قۇرۇلغان ۋاقتى 1929-يىلى
يەنە بىر خىل ئاتىلىشى ۋىكتورىيە ئوردىسى
بېلەت باھاسى ھەقسىز
خەنزۇچە نامى 印度总统府
خان ئوردىسى سانى 340
جۇغراپىيەلىك ئورنى ھىندىستان يېڭى دېھلى
ئېچىلىش ۋاقتى پۈتۈن كۈن
بۇرۇنقى نامى باش ۋالىي مەھكىمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى دەۋرىدىكى باش ۋالىي مەھكىمىسى بولۇپ، 1947-يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.

زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 20 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىچىدە 340 خان ئوردىسى، 227 رەسىملىك تۈۋرۈك، 35 شىپاڭ، 37 فونتان، 3000 مېتىردىن ئۇزۇن كېلىدىغان كارېدور بار. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۇزۇنلۇقى 400 مېتىر، كەڭلىكى 180 مېتىر كېلىدىغان موغۇل ئىمپېرىيەسى ئوردىسى شەكلىدىكى ھويلا بار. ھەر يىلى 1-ئايدا بۇ ھويلا سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ.

ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 1929-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ۋىكتورىيە ئوردىسى ئىدى، ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ھەيۋەتلىك ئوردا شەكلىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ كۆرۈشۈش زالى، زىياپەت زالى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ھەشەمەتلىك زاللىرى بار، يەنە ساناقسىز فونتان، كۆلچەك، شىپاڭ، كارېدورلار بار. ئېدىرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پارلامېنت بىناسى بىلەن شاھزادە باغچىسىدىكى ھىندىستان دەرۋازىسىمۇ ئوخشاشلا ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلاردۇر.

ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىزۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئىچىدە بىر ئىنتايىن داڭلىق باغچا بار، بۇ باغچا موغۇل خانىدانلىقى دەۋرىدىكى باغچىغا ئوخشىتىپ ياسالغان بولۇپ، «موغۇل باغچىسى» دېگەن نامى بار. باغچا ئۆزىنىڭ ھالىتىگە قاراپ چاسا شەكىللىك باغچا، ئۇزۇن باغچا ۋە يۇمىلاق باغچا دەپ بۆلۈنگەن، باغچىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن گۈل-گىياھلار، ئۆسۈملۈكلەر ھەر يىلى پورەكلەپ ئېچىلىدىغان مەزگىلدە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن چىققاندا، كۆز ئالدىمىزدا كەڭ ۋە تۈپتۈز كەتكەن «دۆلەت يولى» نامايان بولىدۇ، بۇ يول بىلەن ھىندىستان دەرۋازىسىغا بارغىلى بولىدۇ. گەرچە چوڭ يول نەچچە ئون مېتىر كەڭلىكتە بولسىمۇ، ئەمما بۇ يولغا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تارقالغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇ يولدا يەنە نەچچە ئون يەردە ھەشەمەتلىك خان ئوردىلىرى بار. بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرى دېگۈدەك ياپيېشىل بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە تۇيغۇلارنى بېغىشلايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#