سىنارەد

سىنارەد

 سىنارەد ئوقىنىڭ كالىبرى 20 مىللىمىتىردىن يۇقىرى، زەمبىرەك ئېتىشتىن پايدىلىنىپ، يارىدار قىلىش، پارتلىتىش، تېشىپ ئۆتۈش ياكى باشقا تاكتىكىلىق مەقسىتىنىڭ ئوق - دورىلىرى. ئادەتتە، ئوق ( جەڭ بۆلۈمى )، پارتلاتقۇچ، ئوق لېنتىسى، كاپسۇل ۋە تورپېداسى ( ئىچىگە ئورنىتىلغان قويۇپ بېرىش دورىسى ) قاتارلىق بىر قانچە باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى سىنارەد
خەنزۇچە نامى 炮弹

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىنارەددائىم ئۇچرايدىغان يەر يۈزى ستۋوللۇق زەمبىرەكلەردە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئوق - دورا پارتلاپ پارچىلىنىدىغان سنارەدلەر بار، تانكا تېشەر ئوق، پارتلاتقۇچ سىنارەد، برونە تېشىدىغان سىنارەد، كۆيدۈرگۈچ بومبا، ئالاھىدە ئوق - دورا بومبا، بۇلۇت پارتىلىتالايدىغان بومبا، لازېر نۇرى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان سنارەد، ئالدىن تەييارلانغان ئوسكولكا ئوق، سەزگۈر سىنارەد، مىنا ئورۇنلاشتۇرىدىغان سىنارەد، يورۇتۇش بومبىسى، تەشۋىقات ئوقى، زەھەرلىك ئوق، يادرو بومبىسى قاتارلىقلار. 

سىنارەد ھەققىدە

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدھەربىي پاراخوتلاردىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى پاراخوت زەمبىرىكىگە ئوخشاش يانتۇ ئورنىتىلاتتى. ئۇنىڭ ئىگىلەيدىغان ئورۇن كۆلىمى چوڭ، قويۇپ بېرىش سېگمېنتى كىچىك بولۇپ، تۈزۈلۈشى ۋە تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىدى. 1980-يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «كىلوف» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بىلەن قوراللانغان يادرو ئېنېرگىيىلىك ئوكيان چارلاش پاراخوتى تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تىك قويۇپ بېرىدىغان قۇرۇلمىنى قوللاندى. كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرى بۇ خىل ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىش شەكلىنى قوللاندى.

ئارتۇقچىلىقلىرى

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تىك قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار. بىرىنچىدىن، ئاسمانغا تىك كۆتۈرۈلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇم قوزغىيالايدۇ، ئۇ قويۇپ بېرىش يۆنىلىشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىككىنچىدىن، تىك قويۇپ بەرگەندىكى سۈرئەت يانتۇ قويۇپ بەرگەنگە قارىغاندا ئون ھەسسە تېز بولىدۇ ھەمدە بىر قانچە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى بىرگە قويۇپ بېرىپ، ئوخشاشمىغان يۆنىلىشتىكى نىشانلارغا زەربە بەرگىلى بولىدۇ. تىك قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى قوللىنىلغاندىن كېيىن، ھەربىي پاراخوتلاردا زاپاس ساقلانغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى كەڭ ئاساسىي پالوبىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ چاغدا قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى يەنە زاپاس ساقلاش قۇرۇلمىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بۇنداقتا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى زاپاس ساقلاش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ. ئىلگىرىكى قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش دېڭىز ئۈستىدە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ۋاقىتلىق قاچىلاش كەتمەيدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تىك قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى جەڭ جەريانىدىكى ئىنكاسىنىڭ توغرىلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. 

 يىراقتىن سىزىدىغان سىنارەد ھەققىدە 

سىنارەديىراقتىن سېزىدىغان برونې تېشەر سىنارەد − يىراق ئارىلىقتىن تانكىغا قارشى تۇرىدىغان يېڭى تىپتىكى بىر خىل سىنارەد. يىراقتىن سېزىدىغان سىنارەد بىرنەچچە كىچىك بومبىنى ئېلىپ ماڭىدۇ، ھەربىر كىچىك بومبا جەڭگىۋار بۆلەك، داتچىك، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى، پاراشۇت، ئېلېكتر مەنبەسى ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ.

 ئالاھىدىلىكى 

 داتچىك بومبىنىڭ يادرولۇق قىسمى بولۇپ، ئۇ رادارغا ئوخشاش ئاپتوماتىك ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى تارقىتىپ نىشان ئىزدەيدۇ ۋە نىشان قايتۇرغان دولقۇننى قوبۇل قىلىدۇ. داتچىك نىشان بايقالغان ھامان بومبىنى پارتلىتىدىغان پايدىلىق ۋاقىت ۋە ئورۇننى ھېسابلاب چىقىپ، مۇۋاپىق پەيتتە پارتلىتىش ئۇچۇرىنى تارقىتىدۇ. كىچىك بومبىنىڭ جەڭگىۋار بۆلىكى پارتلىتىش دورىسى ۋە دورا تىپى قاپلىغۇچىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. پارتلىتىش دورىسى پارتلىغاندىن كېيىن، دورا تىپى قاپلىغۇچىسى ئىنتايىن يۇقىرى بېسىم ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا سىقىلىپ كىچىك كۇمۇلاچلارغا ئايلىنىپ، تېز سۈرئەتتە نىشانغا ئېتىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سېكۇنتىغا 2000 −4000 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ نەچچە ئون مېتىر يىراقتىكى تانكىنىڭ ئۈست برونىسى ياكى يان برونېلىرىنى تېشىۋېتەلەيدۇ.

يىراقتىن سېزىدىغان سىنارەد 155 مىللىمېتىردىن يۇقىرى كالىبىرلىق زەمبىرەكتىن ئېتىلغاندا، سىنارەد تانكا توپىنىڭ ئۈستىگە كەلگەن ھامان كىچىك بومبىلار ئانا بومبا − سىنارەدنىڭ «قورسىقى» دىن ئېتىلىپ چىقىپ، سېكۇنتىغا 10 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ. ئەڭ پايدىلىق ئېگىزلىككە تۆۋەنلىگەندە جەڭگىۋار بۆلىكى پارتلايدۇ، جەڭگىۋار بۆلىكىدىن ھاسىل بولغان 1 دانە يۇقىرى سۈرئەتلىك كىچىك كۇمۇلاچ داتچىك كۆرسىتىپ بەرگەن تانكا يۆنىلىشىگە ئۇچۇپ، تانكىنىڭ ئۈست قىسمىدىكى برونېسىنى تېشىپ ئۆتىدۇ.

يىراقتىن سېزىدىغان سىنارەدنى ئىشلىتىش ئاددىي بولۇپ، بۇلۇت، تۇمان، ئىس-تۈتەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇنىڭ قۇدرىتى كۈچلۈك، نەچچە 10 كىلومېتىر يىراقتىكى دۈشمەن تانكىسىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پاي سىنارەد بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە تانكىغا زەربە بېرەلەيدۇ. 

يورۇتقۇچى سىنارەد ھەققىدە 

سىنارەد  كىچىككىنە يورۇتقۇچى سىنارەد قاراڭغۇ كېچىنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋېتىدۇ.

يورۇتقۇچى سىنارەدنىڭ ئىچىگە پەۋقۇلئاددە يورۇتۇش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يورۇتۇش دورىسى قاچىلانغان. ئۇ كۆيىدىغان مېتال، ئوكسىد ۋە يېپىشتۇرغۇچى قاتارلىق بىرقانچە خىل ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆيىدىغان مېتال ئاساسەن ماگنىي پاراشوكى ۋە ئاليۇمىن پاراشوكىدىن تەييارلىنىدۇ. ماگنىي پاراشوكى بىلەن ئاليۇمىن پاراشوكى كۆيگەندە نەچچە مىڭ گرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەيدا قىلىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چاچىدۇ. ئوكسىدلار بارىي نىترات ياكى ناترىي نىترات بولۇپ، ئۇلار كۆيگەندە زور مىقداردىكى ئوكسىگېننى قويۇپ بېرىپ، ماگنىي ۋە ئاليۇمىن پاراشوكلىرىنىڭ كۆيۈشىنى تېزلىتىپ، يورۇقلۇقنى كۈچەيتىدۇ. يېپىشتۇرغۇچلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي قۇرۇشچان ماي، دېۋىرقاي، شېللاك قاتارلىق خام ماتېرىياللاردىن تەييارلىنىدۇ، ئۇ، دورىلارنى يېپىشتۇرۇپ، كۆيۈشنى ئاستىلىتىپ، يورۇتقۇچنىڭ بەلگىلىك كۆيۈش ۋاقتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يورۇتقۇچ قاپ ئىچىگە سېلىنىدۇ، قاپنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا پاراشۇت بولىدۇ. 

ئالاھىدىلىكى 

يورۇتقۇچى سىنارەدكە يەنە قەرەللىك پارتلاتقۇچ ۋە ئاتقۇچى دورا سەپلىنىدۇ. سىنارەد بەلگىلەنگەن ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە، قەرەللىك پارتلاتقۇچ ئوت ئېلىشقا باشلاپ، ئاتقۇچى دورىغا ئوت تۇتىشىپ، يورۇتقۇچى دورا ئوت ئالىدۇ، ئاتقۇچى دورا ھاسىل قىلغان گاز بېسىمى يورۇتقۇچى دورا بىلەن پاراشۇتنى بومبا قېپى سىرتىغا ئېتىپ چىقىرىدۇ، پاراشۇت ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى تەسىرى بىلەن ئېچىلىپ، يورۇتۇش دورا قۇتىسىغا ئېسىلىپ سېكۇنتغا 5 −8 مېتىر سۈرئەت بىلەن ئاستا تۆۋەنلەپ يانىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇر زېمىنغا چېچىلىدۇ.

يورۇتقۇچى سىنارەدنىڭ نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئوتتۇرا كالىبىرلىق بىر پاي يورۇتقۇچى سىنارەد چىقارغان يورۇقلۇق 400 −500 مىڭ شام يورۇقىغا باراۋەر بولىدۇ، 25 −35 سېكۇنت داۋاملىشىپ 1 كىلومېتىر دائىرىدىكى نىشاننى يورۇتالايدۇ. جەڭلەردە يورۇتقۇچ سىنارەدنىڭ يورۇقىدىن پايدىلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تېزدىن ئېنىقلىغىلى، ئۆز تەرەپنىڭ ئېتىش ئۈنۈمىنى كۆزىتىپ، ئېتىشتىكى ئېغىش پەرقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ھۇجۇمنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ مۇداپىئەلىنىدىغان چاغدا، دۈشمەننىڭ ھەرىكىتىنى ۋاقتىدا كۆزەتكىلى بولىدۇ. 

تۈرى 

يورۇتقۇچى سىنارەدنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، زەمبىرەك ئوقلىرىغا يورۇتقۇچى سىنارەدنى سەپلىگەندىن باشقا، يورۇتۇش بومبىسى، گراناتا ميوت يورۇتۇش بومبىسى، يورۇتقۇچ گرانات، مىلتىقتا ئېتىلىدىغان يورۇتۇش گراناتى ۋە يورۇتۇش مىناسى قاتارلىقلار بار.

سىنارەد ھەققىدە 

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر ئىچىدە بويى نەچچە10 مېتىر كېلىدىغان قارا تۆمۈر مۇنارغا ئوخشايدىغان «گىگانت ئادەم» − «كۈچتۈڭگۈر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بار. ئۇ يىراق مۇساپىلىك باللىستىك سىنارەد بولۇپ، ئاساسەن، قارشى تەرەپنىڭ مۇقىم نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. 

ئالاھىدىلىكى

«كۈچتۈڭگۈر» باللىستىك سىنارەد بوشلۇقتا ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتا بويىچە ئۇچىدۇ. قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى °360 لۇق يۆنىلىشتە نىشانغا ئېلىش ۋە قويۇق ئاتموسفېرا قەۋىتىنى تېز تېشىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا تىك تۇرغۇزۇلىدۇ. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئىزچىل يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، مۇئەييەن ئېگىزلىككە چىققاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ئوربىتا بويىچە ئۇچۇپ تېزلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئېتىش مۇساپىسى ئۈچۈن يېتەرلىك يانتۇ بۇلۇڭ ۋە سۈرئەتكە يەتكەندە، ماتورى ئېتىلىپ سىنارەد بېشى سىنارەد گەۋدىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ، سىنارەد بېشى ئىنېرتسىيە ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ئېللىپسسىمان ئوربىتا بويىچە داۋاملىق ئۇچىدۇ. سىنارەد بېشى ئوق يولىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندىن كېيىن، تۆۋەنلەشكە باشلاپ، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرگەندە نىشانغا تېگىدۇ.

«كۈچتۈڭگۈر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئەڭ يىراققا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ بىرى، ئېتىش مۇساپىسى15 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇنى بۇ قىتئەدىن يەنە بىر قىتئەگە ئاتقىلى بولىدۇ، شۇڭا قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن كۆپ ئۈگىلىك راكېتانىڭ ئوق بېشىنى ئىتتىرىشى بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ. قويۇپ بېرىلگەندە، ئىتتىرىش كۈچى ئەڭ زور بولغان بىرىنچى ئۈگە راكېتا ئاۋۋال خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېقىلغۇسى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن ئاجراپ، ئىتتىرىش كۈچى كىچىكرەك ئىككىنچى ئۈگە ھەرىكەتكە كېلىدۇ. مۇشۇ بويىچە ئېھتىياجلىق سۈرئەتكە يەتكۈچىلىك داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. «كۈچتۈڭگۈر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئېلىپ ماڭىدىغان يېقىلغۇ كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ بويى نەچچە 10 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ 10 نەچچە قەۋەت بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇچۇش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز بولۇپ، سېكۇنتىغا 7000 مېتىردىن ئارتۇق ئۇچىدۇ، بۇ ئاۋازنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىدىن 20 ھەسسە يۇقىرى.

 سىنارەد ھەققىدە 

سىنارەدسېرىق ھەرە ئادەم چاقىدۇ، ھازىر «سېرىق ھەرە» دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، تانكىلارنىلا «چاقىدۇ» ، ئۇ تانكىلارنىڭ تاقابىل تۇرۇشى تەس بولغان يېڭى رەقىبى. بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ بېشىغا مىللىمېتىر دولقۇنلۇق رادار ئورنىتىلغاچقا، مەيلى كېچە-كۈندۈز ياكى بوران، تۇمان، قار-يامغۇرلۇق كۈن بولسۇن، نىشاننى ئاپتوماتىك تېپىپ، ھەرقانداق گۇمانلىق نۇقتىنى قاچۇرۇپ قويمايدۇ.

ئالاھىدىلىكى 

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق ھەرە» دە مىكرو ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر ۋە باشقا نازۇك ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بولغاچقا، نىشاننىڭ ئىزىغا چۈشۈپلا قالماستىن، بەلكى قايسىلىرىنىڭ يالغان نىشان، قايسىلىرىنىڭ راست تانكا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. نىشاننى بېكىتكەندىن كېيىن، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئۇنى ئىز قوغلاپ يوقىتىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئەگەر باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق ھەرە» ئۆزى قوغلاۋاتقان نىشانىڭ باشقا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق ھەھرە» قوغلاۋاتقان نىشان ئىكەنلىكىنى بايقىسا، بۇرۇلۇپلا باشقا نىشانلارنى قوغلايدۇ؛ ئەگەر ئۇ قوغلاۋاتقان تانكا پارتلىتىۋېتىلگەن بولسا، ئۇ ئاپتوماتىك ھالدا باشقا تانكىغا قاراپ ئۇچىدۇ. 

«سېرىق ھەرە» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئېغىرلىقى 54 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇ تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچالايدۇ ھەم ئېلېكترونلۇق كاشىلىغا قارشى ئەسۋابلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇچۇش داۋامىدا يەر يۈزىدىكى رادارلارنىڭ ئىزدىشى ۋە زەمبىرەكلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك.

توشۇغۇچى ئايروپىلان «سېرىق ھەرە» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئېتىپ چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئىشلىتىش باشقا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى ئىشلىتىشتىن جىق ئاسان.

 سىنارەد ھەققىدە 

سىنارەد«ئۇچار بېلىق» تىپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − فرانسىيە 70-يىللارنىڭ باشلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ھاۋادىن پاراخوتقا

 قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد. 1982-يىلى 4-ئايدىكى ئەنگلىيە-ئارگېنتىنا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىدا ئارگېنتىنا 2 دانە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «ئۇچار بېلىق» بىلەن ئەنگلىيىنىڭ زامانىۋىلاشقان ھەربىي پاراخوتى «گېنېرال شېففيېلد» نى چۆكتۈرۈۋېتىپ،  دۇنيادا زىلزىلە قوزغىغانىدى.

ئالاھىدىلىكى

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «ئۇچار بېلىق» نىڭ دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرى بولغاچقا، چوڭ پاراخوتلار بىلەن تۇتۇشۇشقا جۈرئەت قىلغان. بىرىنچى، ئۇنىڭ مۇداپىئەنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى تەخمىنەن5 مېتىر بولۇپ، دۈشمەن پاراخوتىدىكى رادار ئۇنى بايقىيالمايدۇ، بايقىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى قىيىن. ئىككىنچى، سىنارەد باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ئىلغار بولۇپ، دەل تېگىدۇ. ئەگەر سىنارەد رادار ئارقىلىق باشقۇرۇلسا، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، نىشانغا تېگىش دەللىكى يۇقىرى بولىدۇ. ئۈچىنچى، قاچىلاش ۋە ئېتىش مەشغۇلاتى قۇلاي، ئىنكاسى تېز. رادار نىشاننى بايقىغاندىن تارتىپ «ئۇچار بېلىق» تىپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئېتىپ چىقارغىچەبىر مىنۇت ئۆپچۆرىسىدە ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا نىشاننى تېز گۇمران قىلىدۇ.

ئىشلىتىلىش ئورنى 

«ئۇچار بېلىق» تىپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھەربىي پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ يوغان بولمىسىمۇ، ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئېغىرلىقى 600 كىلوگراملا كېلىدۇ، ئېتىلىش مۇساپىسى 50 −70 كىلومېتىر. ئايروپىلاندىن قويۇپ بېرىشكىمۇ، پاراخوت، قۇرۇقلۇق ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ.

سىنارەد ھەققىدە 

«سېرىق تۇمشۇق تورغاي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − يەر يۈزىدىكى زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارغىلا تاقابىل تۇرىدىغان ياراغ. زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادار − زەمبىرەكنىڭ كۆزى. يەر يۈزىدىكى زەمبىرەكلەر رادارنىڭ قوماندانلىقىدىن ئايرىلىپ قالسا، خۇددى ئەماغا ئوخشاش، كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان جاي تاپالماي قالىدۇ. رادار ئاساسەن بوشلۇققا ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق نىشان ئىزدەيدۇ، ئاندىن زەمبىرەكلەر نىشاننى قارىغا ئالالايدۇ.

ئالاھىدىلىكى 

 ھالبۇكى، رادارغا قارشى «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكى − زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ ئېلېكتروماگنىت دولقۇن دەستىسىدىن پايدىلىنىپ قوغلاپ زەربە بېرىدىغانلىقىدا. ئايروپىلان زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ دولقۇن دەستىسىنى بايقىۋالسىلا، ئايروپىلاندىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنى بويلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادار جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» بۇنىڭغا دەل تېگىدۇ. بۇ خىل رادارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارىمۇ بار، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد پارتلىغاندىن كېيىن، سىنارەد ئىچىدىكى ئاق فوسفور ياكى قىزىل فوسفوردىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلۈپ، يالقۇن پۈركۈپ، كېيىن كەلگەن بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ رادار پونكىتلىرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشىغا نىشان كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

«سېرىق تۇمشۇق تورغاي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە رادار دولقۇن دەستىسى يول باشلايدىغانلىقى ئۈچۈن، راداردا دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى قويۇپ بەرگەنلىكى بايقالسا، رادارنى دەرھال ئېتىپ، سىنارەدنى يېتەكلىنىشتىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنىڭ دەل تېگىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. رادارنى تاقىۋېلىشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر يەنە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بىرىكمە يول باشلاش سىستېمىسىنى سەپلىگەن، بۇنىڭ بىلەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھەم ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى تارقىتىۋاتقان نىشاننى قوغلىيالايدۇ، ھەم رادىئاتسىيە ئۈزۈلۈپ قالغان ئەھۋالدا ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق باشلىغۇچنى يېتەكچى قىلىپ، زەمبىرەك، رادار ئېلېكتر مەنبەسى ياكى قوماندانلىق ئاپتوموبىلى تارقاتقان ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ ئىز قوغلايدۇ. شۇنداق بولغاندا، رادارنى تاقىۋەتكەندىمۇ، «سېرىق تۇمشۇق تورغاي» يەنىلا ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئۈنۈملۈك تاپالايدۇ.

سىنارەد ھەققىدە 

سىنارەد«ئۇرۇش ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن توپچى قىسىمدىنمۇ زور قۇدرەتكە ئىگە ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى «ئۇرۇش ئىلاھىⅡ» دەپ ئاتىلىدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان (قىسقا، ئوتتۇرا، يىراق مۇساپىلىك ۋە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان) ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىمى، ئىنژېنېرلىق قىلغۇچى قىسىم، كەسپىي تېخنىكا كاپالەتلەندۈرۈش قىسىمى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان.

ئىشلىتىلىش ئورنى 

 ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى يادرو تەھدىتى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، دۈشمەننىڭ جۇڭگوغا قوزغاش ئېھتىمالى بولغان يادرو ئۇرۇشىنى توسۇش، جۇڭگونىڭ تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئادەتتىكى ئۇرۇش ۋە يادرو ئۇرۇشىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنى توسۇش، جۇڭگو دۈشمەننىڭ يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، يادرو قايتۇرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش، دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانىغا زەربە بېرىش، دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيىلىك زەربىدارلىق كۈچىنى ئاجىزلىتىش.

تەرەققىيات يۈزلىنىشى

جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى ئۆتكۈر قوراللار بىلەن قوراللانغان يېڭى تىپتىكى قىسىم تۈرى بولۇپ، 20 نەچچە يىل جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، مۇنتىزىم مەشىقنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى، ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قىسىمنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي جەڭ قىلىش ۋە پۈتۈن گەۋدىلىك جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسىملىرى خىلمۇخىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن مۇئەييەن جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن ئىستراتېگىيىلىك قوراللىق كۈچ.

سىنارەد ھەققىدە 

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» نىڭ بېشىغا ئىنفرا قىزىل نۇرنى بايقىيالايدىغان ۋە ئۇنى قوبۇل قىلالايدىغان قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئايروپىلاندىن چىققان گازنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، يەنى، قويۇپ بەرگەن ئىنفرا قىزىل نۇر كۈچلۈك بولغاچقا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ بېشىدىكى قىزىل نۇر ئىزدەش قۇرۇلمىسى بۇ ئىنفرا قىزىل نۇرنى قوبۇل قىلىپ، يېتەكلىگۈچى ئاپپارات ئارقىلىق ئىنفرا قىزىل نۇر تارقاتقان ئايروپىلاننى قوغلايدۇ. ئايروپىلان ماتورى سىرتقا ئىسسىق گاز پۈركىسىلا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئىنفرا قىزىل نۇرنى بويلاپ ئۇنىڭغا تەگكۈچە ئىز قوغلاپ ماڭىدۇ.

تۈزىلىشى 

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» نىڭ ھازىر 10 نەچچە تىپى بار، بىراق ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولۇپ، مۇنداق تۆت چوڭ قىسىمغا ئايرىلىدۇ: ئالدى تەرەپتىكىسى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئۇچۇشىنى تىزگىنلەيدىغان يېتەكلەش ئاپپاراتى؛ ئۇنىڭ يېنىدىكىسى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ جەڭگىۋار قىسمى، ئۇنىڭ ئىچىگە پارتلاتقۇچ دورا قاچىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى راكېتا ماتورى بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقىسى سىنارەد قۇيرۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا سىنارەد قانىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى مۇقىم ئۇچۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «شالدىراق قۇيرۇق يىلان» نىڭ كۆرۈنۈشى ئىنچىكە تاياققا ئوخشايدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىردىن ئاشىدۇ، 7 كىلومېتىر دائىرىدىكى نىشانغا تېگىدۇ.

 سىنارەد ھەققىدە 

سىنارەدباشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر ئچىىدە، رادىئاتسىيىگە قارشى بىر خىل باشقۇرۇلدىغىان سىنارەد (رادرغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، مەخسۇس دۈشمەننىڭ رادار سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشتلىتىلىدۇ، شۇڭا ئۇ رادارنىڭ «كۈشەندىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

بىزگە مەلۇمكى، رادار ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش قورالى، ئۇ خۇددى ئادەمنىڭ كۆزى ۋە قۇلىقىغا ئوخشاش بولۇپ، يىراقتىن ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاتارلىق ھۇجۇم قوراللىرىنى بايقىيالايدۇ. ئەگەر رادار سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، كۆز ۋە قۇلاق رولىنى يوقىتىپ قويغاندەك ئىش بولىدۇ-دە، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ، ئۆزىنىڭ قوراللىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ۋە مۇداپىئە كۆرۈشىگىمۇ يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، دۈشمەننىڭ رادار سىستېمىسىغا ئۈنۈملۈك ھوجۇم قىلىش ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

ئالاھىدىلىكى 

رادار ئېلېترو ماگىنىت رادىئاتسىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرىدىغانلىقتىن، ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتكەن بۇ ئېلېكترو ماگىنت سىگنالى ناھايىتى ئاسانلا بايقىلىپ قالىدۇ. رادىئاتسىيىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئېلىپ يۈرگەن ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا دۈشمەن رادارىنىڭ رادىئاتسىيە دولقۇنىنى ئۈزۈۋالغاندىن كېيىن، شۇ ھامانلا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدى چىقارغان رادىئاتسىيە دولقۇنىنى يېتەكچى قىلىپ، «پېلەك ياقىلاپ قوغۇن ئىزدەش» شەكلىدە ئەگىشىپ، ئاخىرىدا دۈشمەننىڭ رادار پوزىتسىيىسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدۇ. بەزى چاغلاردا، رادار رادىئاتسىيىسىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سنارەدنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رادار ئاپپاراتىنى ئېتىپ قويۇش شەكلىنى قوللىنىپ يوشۇرۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق ئىلغار رادىئاتسىيىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرگە نازۇك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ۋە ئەستە ساقلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، پەقەت دۈشمەننىڭ رادار ئاپپاراتى ئىلگىرى ئېچىلغانلا بولسا، ئۇنىڭ ئورنى، ئارىلىقىنى «خاتىرىلىۋالىدۇ» ، دېمەك، رادىئاتسىيىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد نىشاننى ئاللىقاچان قامال قىلىۋالغان بولۇپ، خۇددى «سار چۈجىنى تۇتقاندەك» نىشانغا دەل توغرا زەربە بېرىدۇ.

سىنارەد ھەققىدە 

بىر پاي تۈتەك سىنارەدى كەڭلىكى 10 −30 مېتىر، ئېگىزلىكى 20 −50 مېتىر دائىرىدە 20 −60 سېكۇنتقىچە داۋاملىشىدىغان تۈتەك پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بىرنەچچە پاي تۈتەك سىنارەدى قويۇپ بېرىلسە، بىرقەدەر كەڭ دائىرىدىكى قويۇق «تۈتەك تام» نى شەكىللەندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ كۆرۈش سىزىقىنى توسۇپ، دۈشمەننىڭ كۆزىتىش ئورنى، قوماندانلىق ئورنى، زەمبىرەكچىلەر سېپى ۋە ئوت كۈچى نۇقتىسىدىكىلەرنى ئەماغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆز ئارمىيىسىگە پايدىلىق جەڭ پۇرسىتى يارىتىپ، قىسىمنىڭ يىغىلىشى، يۆتكىلىشى ياكى دۈشمەنگە يېقىنلىشىپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىنى مۇھاپىزەت قىلغىلى بولىدۇ. تۈتەك سىنارەدىنى سىناق قىلىپ ئېتىشقا، نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىشكە ۋە نىشان رايونىدىكى شامال سۈرئىتى، شامال يۆنىلىشى قاتارلىقلارنى ئېنقلاشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

سىرتقى شەكلى 

تۈتەك سىنارەدى پارتلاتقۇچ، مىشەك، تۈتەك چىقارغۇچ ۋە پارتلىتىش نەيچىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. سىنارەدنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى گراناتقا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئادەتتە پولات ياكى قاتتىق چويۇندىن ياسىلىدۇ، لېكىن چىداملىقلىقى يۇقىرى ئەمەس، ئۇنى ئازراق پارتلىتىش دورىسى بىلەنلا پارتلاتقىلى بولىدۇ.

ئىشلىتىلىش ئورنى 

تۈتەك چىقارغۇچ تۈتەك پەيدا قىلىدىغان بىر خىل ماددا بولۇپ، ئادەتتە سېرىق فوسفور ئىشلىتىلىدۇ، گۈڭگۈرت (Ⅵ) ئوكسىد، خلورو سۇلفونىك كىسلاتا قاتارلىق ماددىلارنىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سېرىق فوسفور كۆيگەندە تۈتەك پارچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، تۈتەكنىڭ قويۇقلۇقى چوڭ، يوشۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭرەك.

پارتلىتىش نەيچىسى مېتالدىن ياسالغان بولۇپ، ئىچىگە پارتلاتقۇچ دورا قاچىلىنىدۇ، ئۇ بومبا قېپىنى پارتلىتىدۇ ۋە تۈتۈن چىقارغۇچنى قويۇپ بېرىدۇ. تۈتەك سىنارەدى نىشان رايونىغا ئېتىلغاندا، پارتلاتقۇچ بومبا ئىچىدىكى پارتلىتىش دورىسىنى پارتلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بومبا قېپى پارتلاپ ئېچىلىپ، تۈتەك ھاسىل قىلىدىغان سېرىق فوسفورنى ھاۋاغا چاچىدۇ، سېرىق فوسفور ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپلا ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ ئۈزلۈكسىز قويۇق تۈتەك پەيدا قىلىدۇ.

سىنارەد ھەققىدە 

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «تۆل» ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، ئاساسەن يەر يۈزىدىكى تانكا، ئاپتوموبىل ۋە مۇداپىئە ئاكوپلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ باش قىسمىغا تېلېۋىزىيە تېلېكامېراسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇچقۇچى بۇ ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئۇچۇشىنى كۆرەلەيدۇ. 

ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد − «تۆل» نى ئامېرىكا 1966-يىلدىن ئېتىبارەن تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، ھازىر A، B، C، D تۆت خىل تىپى بار. A تىپى تېلېۋىزىيە تىپلىق بولۇپ، ئايروپىلان بەلگىلەنگەن ھۇجۇم رايونىغا كىرگەندە، ئۇچقۇچى ئاپپاراتنى نىشانغا توغرىلاپ، تېلېۋىزىيە قۇرۇلمىسىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە تېلېكامېراسى ئىشقا كىرىشىدۇ، ئۇچقۇچى تېلېۋىزور ئېكرانىدىن تېلېكامېرا تارتقان يەر يۈزىدىكى ئەھۋاللارنى كۆرەلەيدۇ، ئېكراندىكى كرېست شەكىللىك قارىغا ئېلىش سىزىقىنى نىشانغا توغرىلاپ، ئېتىش كۇنۇپكىسىنى باسسىلا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد نىشانغا ئاچ بۆرىدەك ئېتىلىدۇ. B تىپلىقى «چوڭايتىلغان ئېكران تىپلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى 

 بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە ئېلېكترون ئوپتىكىلىق باشلاش ئۇچى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تېلېۋىزور ئېكرانى نىشان رايونىنى چوڭايتىپ كۆرسىتىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۇچقۇچى بىر قەدەر يىراق ئارىلىقتا تۇرۇپ نىشانغا ھۇجۇم قىلالايدۇ. C تىپلىقىغا لازېر نۇرلۇق يول باشلاش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد كېچە-كۈندۈز بولسۇن ياكى ھەر خىل كىلىمات شارائىتىدا بولسۇن، ئوخشاشلا جەڭ قىلالايدۇ. D تىپلىقنىڭ ماھارىتى ئالدىنقى ئۈچىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى. نىشان قانداقلا نىقابلىنىۋالسۇن، ئۇ ئىنفرا قىزىل نۇر تارقاتسىلا، بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەددىكى ئىنفرا قىزىل نۇر قۇرۇلمىسى ئۇنى سېزىپ سۈرەتنى تېلېۋىزىيە ئېكرانىغا چىقىرىپ بېرىدۇ، ئۇچقۇچى ۋىكليۇچاتېلنى قوزغىتىپ نىشانغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

سىنارەد ھىققىدە 

سىنارەدبرونې تېشەر سىنارەدنىڭ ئۇچى ئوق بېشى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، نىشانغا تەگكەندە ھەربىر كۋادرات سانتىمېتىر يەرگە نەچچە 10 توننىدىن نەچچە 100 توننىغىچە بېسىم چۈشۈرىدۇ، ئۇ تانكا، برونېۋىك، برونېلەنگەن ئايروپىلان ياكى ھەربىي پاراخوتلارنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، بېتون قۇرۇلۇش قاتارلىق نىشانلارنى ناھايىتى ئاسانلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.

ھازىرقى زامان جەڭ مەيدانلىرىدا، ئاساسىي جەڭ تانكىلىرىنىڭ جۇغى بارغانسېرى كىچىكلىدى، ھەرىكەت سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتى، سىنارەد مۇشۇنداق نىشانلارغا دەل تەگكەندىلا، ئۇلارنى جەڭگىۋارلىقىدىن مەھرۇم قىلالايدۇ. شۇڭا، برونې تېشەر سىنارەدلەر، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، ئېقىم سىزىقلىق ياسىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، سىنارەدنىڭ دەسلەپكى تېزلىكى يۇقىرى، ئۇچۇشى تېز، ترايېكتورىيىسى پەس، دەل تېگىش دەرىجىسى يۇقىرىراق بولىدۇ، ئادەتتە 1000 مېتىر ئارىلىققا ئاتقاندا، ئېغىش پەرقى 2.0 مېتىر

 ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ.

تۈرلىرى 

ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان برونې تېشەر سىنارەدنىڭ 5 خىلى بار: بۇلار ئۇچى ئۇچلۇق، بېشى سىلىق بولغان ئۇچلۇق برونې تېشەر سىنارەد؛ ئۇچى دىقماق يۇمىلاق ھەم ئۇچلۇق نېپىز «قالپاق» كىيگۈزۈلگەن برونې تېشەر دىقماق باشلىق سىنارەد؛ بېشىغا ئىككى «قالپاق» كىيگۈزۈلگەن برونې تېشەر قالپاقلىق سىنارەد؛ بويى پاكار، قورسىقىغا كىچىك ئوق ئۆزىكى سېلىنغان ئىككىلەمچى كالىبىرلىق تېز ئۇچىدىغان برونې تېشەر سىنارەد؛ بويى «زىلۋا» ، شەكلى ئوقياغا ئوخشايدىغان، ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن قاسىرىقى دەرھال ئاجرايدىغان تېز قاسىراق تاشلايدىغان برونې تېشەر سىنارەدلەردۇر.

ئالاھىدىلىكى 

ھەر خىل شەكىلدىكى بۇ برونې تېشەر سىنارەدلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى ئوخشاشمايدۇ. برونېسى قېلىنراق، چىداملىقلىقى يۇقىرراق تانكا ۋە برونۋىكلارغا برونې تېشەر دىقماق باشلىق سىنارەد ياكى قالپاقلىق سىنارەدلەر تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئىككىلەمچى كالىبىرلىق تېز ئۇچىدىغان برونە تېشەر سىنارەد، ئىچىدە دىئامېتىرى كىچىك بولغان قاتتىق قېتىشما ئوق ئۆزىكى بولغاچقا، ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ. ئوق برونېگە يۇقىرى سۈرئەت بىلەن تەگكەندە، %80 تىن ئارتۇق ئېنېرگىيە برونېنىڭ ناھايىتى كىچىك يۈزىگە مەركەزلىشىپ، ئۇنى بىراقلا تېشىۋېتىدۇ. بىرقەدەر يىراقتىكى ۋە برونېسى قېلىن ئېغىر تىپتىكى تانكىلار بىلەن جەڭ قىلغاندا، تېز قاسىراق تاشلايدىغان برونې تېشەر سىنارەدنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. 

بومبا بىلەن بولغان پەرقى

 توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇم شەكلىدىن قارىغاندا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە ناھايىتى ئوخشىشىدۇ، بىراق، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ھاۋا، قۇرۇقلۇق، پاراخوت ۋە سۇ ئاستى قاتارلىق كۆپ خىل سۇپىدىن قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ماتورى بولۇپ، يىراققا ئۇچۇپ بارالايدۇ. توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبىنى نۆۋەتتە پەقەت ھاۋادىنلا تاشلاشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىشانغا مۇئەييەن دائىرىدە يېقىنلاشقاندىلا بومبىنى ئۈنۈملۈك تاشلىغىلى بولىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بىلەن توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبىنىڭ ئاساسلىق پەرقى مانا شۇ. 

ئالاھىدىلىكى 

ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن، توغرا يېتەكلىنىدىغان بىر خىل بومبا مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى ئادەتتىكى بومبىلاردىن كۆپ پەرقلەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش ئاپتۇماتىك «نىشان ئىزدەش» قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، نىشاننى توغرا تاپالايدۇ. توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبىنى يېتەكلەشنىڭ لازېر نۇرى بىلەن يېتەكلىنىدىغان بومبىنى مىسال ئالساق، ئۇنى ئايروپىلاندىن تاشلىغاندا، ئايروپىلان لازېر نۇرى بىلەن نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بومبىدىكى «نىشان ئىزدەش» قۇرۇلمىسى قايتقان لازېر نۇرىغا ئاساسەن تاكى نىشانغا تەگكەنگە قەدەر ئەگىشىپ بارىدۇ. ئوخشاشلا ئىنفرا قىزىل نۇر ياكى تېلېۋىزىيە سىگنالى ئارقىلىقمۇ بومبىغا نىشاننى كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، توغرا يېتەكلىنىدىغان بومبا «ئەپچىل بومبا» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ نىشانغا تېگىش نىسبىتى ئادەتتىكى بومبىلاردىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، قورال خىراجىتىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#