دوۋساق ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دوۋساق ياللۇغىدوۋساق ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ئۆتكۈر ۋە ئاستا خاراكتېرلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ . ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بولسا قوزغىلىشى توساتتىن بولىدۇ ، كىچىك تەرەت قىلغاندا كۆيگەندىكى تۇيغۇ بار ، ھەمدە سۈيدۈك يولىدا ئاغرىش بولىدۇ. سوزۇلما دوۋساق ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرى ، ئۆتكۈر دوۋساق ياللۇغى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، ئەمما ، يۇقىرى قىزىتما ، كېسەللىك ئۇدا بىر قانچە ھەپتە ياكى ئارىلاپ قوزغىلىپ ، بۇنىڭ بىلەن كېسەل ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئورۇق , چات ئارىلىق رايون پەيدا بولغان بەل - قورساق نەيچىسى ھەم دوۋساققا تارقىلىدۇ .
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە سەپرالىق ئىسسىقتىن بولغان جىددىي كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئۆتكۈر دوۋساق ياللۇغى كېسەللىك توساتتىن باشلىنىپ، سۈيدۈك پات-پات قىستاش، ئېچىشىپ كېلىش، بەزىدە كۆيگەندەك ئېچىشىپ ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈكتە يىرىڭ بولۇش، سۈيدۈك دۇغ بولۇش، قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن؛ سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندە بولسا، يۇقىرىقى ئالامەتلەر يەڭگىلرەك بولغاندىن تاشقىرى، دوۋساقتا ئاغرىش ۋە ئېغىرلىق بولۇش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، سۈيدۈك تەستە چىقىش، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
دوۋساق ياللۇغىتەركىبى: بىنەپشە 100 گىرام، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى، شاھتەررە، ئەنگۈرشىپا، ھەمىشىباھار 25 گىرامدىن، گاۋزىبان، چىلان، سەرپىستان، بېھى ئۇرۇقى، قارا سۇنا ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گىرامدىن، تەرەنجىبىن، گۈلقەنت 120 گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈلقەنت بىلەن تەرەنجىبىننى ئايرىم قاچىغا، قالغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم قاچىغا ئېلىپ سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۈستىگە ئالتە چىنە سۇ قۇيۇپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، بىنەپشەنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپلا ئېلىپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 ~ 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، گىلى ئەرمەنى، ئەرەب يېلىمى، كۇندۇر، خۇنسىياۋشان، ئاق كۆكنار ئۇرۇقى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى، كەتىرا، نىشاستە، كاكىنەچ ئۇرۇقى 100 گىرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 20 گىرام، ئەپيۈن 10 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بىنەپشە شەربىتى بىلەن بىر گىرامدىن تابلېتكا قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.