قۇياش ئارىلى
‹‹قۇياش ئارىلى›› سەيلىگاھى شايار ناھىيە بازىرىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گەزقۇم يېزىسىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
‹‹قۇياش ئارىلى›› سەيلىگاھى شايار ناھىيە بازىرىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گەزقۇم يېزىسىدا بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 2.5 كىۋادرات كىلومېتىر، سۇلۇق كۆلەم 2000 مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ يەردە ھەرخىل شەكىلدىكى قۇياشنى كۆرگىلى بولغاچقا، ‹‹قۇياش ئارىلى›› دەپ ئاتالغان. ‹‹قۇياش ئارىلى››دا ساياھەتچىلەر قۇياشنىڭ ئۆزگىرىش مەنزىرىسىدىن، شايار توغراقلىرىدىن، ياپيېشىل كۆل سۈيىدىن، بېلىقلارنىڭ ئويناشلىرىدىن، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن؛ تۈرلۈك ياۋايى ھايۋاناتلاردىن؛ يۇلغۇن، چۈچۈك بۇيا، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىق قىممەتلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خۇشپۇراقلىرىدىن، ئىپتىدائىي توغراق مەنزىرىسىدىن، ئوغلاق، بېلىق كاۋاپلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. يېقىندا شايار ناھىيەسى بۇ ئورۇنغا توغراق كۆزىتىش مۇنارى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ‹‹قۇياش ئارىلى›› سەيلىگاھىنى بوشلۇقتىن كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.