خەن فېي

خەن فېي−جۇڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر مۇتەپەككۇر، قانۇنچىلار تەلىماتىنى توپلاپ چىققۇچى بولۇپ، تارىختا خەن فېيزى دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خەن فېي
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 233-يىل
باشقا نامى 韩非子、韩子
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 280-يىل
كەسپى مۇتەپەككۇر،يازغۇچى،پەيلاسوپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەن فېي (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 280-233-يىللار) خەن بەگلىكىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇ سۆزمەن بولمىسىمۇ، لېكىن كىتاب يېزىشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى. ئۇ لى سى بىلەن بىللە شۈنزىدىن تەلىم ئالغان. لى سى قابىلىيىتىم خەن فېينىڭكىگە يەتمەيدۇ، دەپ قارىغان. ئەينى زاماندا، خەن بەگلىكى ناھايىتى ئاجىز، كىچىك ئەل بولغاچقا، خەن فېي بىرقانچە قېتىم مەكتۇپ سۇنۇپ، خەن بېگىگە قانۇننى ئىسلاھ قىلىپ ئەلنى قۇدرەت تاپتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇغىنىسى خەن بېگى لايغەزەل ئادەم بولغاچقا، ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى زادى قوبۇل قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غەزەپلىنىپ، كىتاب يېزىپ تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ «گەپ قىلماقنىڭ تەسلىكى»، «يېگانە غەزەپلىنىش»، «بەش كالۋا»، «ئىچكى-تاشقى مۈشكۈللۈكلەر»، «سۆزلەر قامۇسى» دېگەنگە ئوخشاش يۈز نەچچە مىڭ سۆزلۈك ماقالىلەرنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىپ، زاماننى تىنچىتىش تەشەببۇسىنى ئىپادىلىگەن. چىن بېگى يىڭ جىڭ بۇ ماقالىلەرنى كۆرۈپ ماختاپ كەتكەن ۋە: «مەن بۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە بولسام، ئۆلسەممۇ رازى ئىدىم» دېگەن. كېيىن خەن فېي چىن بەگلىكىگە بارغان، يىڭ جېڭ ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتىۋارلاپ ئىشلەتمىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي لى سى ئىچى تارلىق قىلىپ زىيانكەشلىك قىلغانلىقتىن، خەن فېي زىنداندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

خەن فېي بۇرۇنقى قانۇنچىلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىنى يەكۈنلەپ، قانۇن مەركەز قىلىنغان «قانۇن، پەنت، ھوقۇق» بىرلەشتۈرۈلگەن فېئودال پادىشاھلارغا خاس ئىدارە قىلىش پەنتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەن فېيدىن بۇرۇنقى قانۇنچى−شاڭ ياڭ ھەزرەت ئەلنى «قانۇن» ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، شېن بۇخەي ئەلنى «پەنت» ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تەكىتلىگەن، شېن داۋ «ھوقۇق» ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تەكىتلىگەن. خەن فېي مۇنداق ھېسابلىغان: بۇ ئۈچىنى تەڭ قوللىنىش شەرت، خان بولغۇچى يالغۇز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقىلا تايانسا بولمايدۇ، يەنە خانغا خاس ھوقۇق ئارقىلىق قانۇن-پەرمانلارنى يولغا قويۇپ، ئۇنى قانۇن-پەرماننى يولغا قويۇشنىڭ كۈچى قىلىشى كېرەك. ھوقۇق بولسا، قانۇن بولسا، خان ئادەتتىكى خان بولغان تەقدىردىمۇ، «قانۇنغا تايىنىپ ھوقۇقىنى ئىشلىتەلەيدۇ»، «كۆپ ھەشەم تارتمايمۇ جاھاننى ئىدارە قىلالايدۇ». ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەزىر-ۋۇزرالارنى ئىدارە قىلىدىغان بىر يۈرۈش ۋاسىتىلەرنىمۇ بىللە قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۈچىنى تەڭ قوللانغاندىلا، ئاندىن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. خەن فېينىڭ بۇ بىر يۈرۈش نەزەرىيەسى خان-پادىشاھلارنىڭ مۇستەبىتلىك ھاكىمىيىتىنى يولغا قويۇش ۋە كۈچەيتىشىگە پايدىلىق بولغاچقا، كېيىنكى چاغلاردىكى نۇرغۇن فېئودال ھۆكۈمرانلار ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنى مىزان قىلغان.

خەن فېي يەنە قانۇنچىلارنىڭ ئىلغار تارىخ قارىشىنى جارى قىلدۇرۇپ: تارىخ ئالغا قاراپ راۋاجلىنىدۇ، كىشىلەر سىياسەتلەرنى رېئال ئېھتىياجغا قاراپ تۈزۈشى كېرەك، دەپ قاراپ: «قەدىمكى قانۇنلارنى قەرەلسىز تۈزىتىپ تۇرماق لازىمدۇر، بەزى قانۇنلارغا دائىم ئېسىلىۋالماسلىق كېرەكتۇر» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىشقا، كونا قائىدىلەرنى ساقلاشقا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىشنى بىلمەي، ھەممە ئىشنى كونا چارە بويىچە قىلىشقا قارشى تۇرغان. خەن فېينىڭ مۇنداق تەدرىجىي تەرەققىيات ئىدىيىسى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتەك پائال ئىلگىرىلەش روھىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

خەن فېي ئەدەبىيات جەھەتتىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان. ئۇ قائىدىلەرنى مەسەللەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ماھىر بولغان. مەسىلەن: «كۆتەك تۈۋىدە توشقان ساقلاش» (خام خىيالدا بولۇش)، «بىر-بىرىگە زىت» (نەيزىنىمۇ، قالقاننىمۇ تەڭ ماختاش) قاتارلىق مەسەللەرنى خەن فېي يازغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#