بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ھەر خىل سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ مۇسكۇلىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەر تەرتىپسىز ئۆسۈپ، كلىنىكىدا تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا مونەك قولغا ئۇرۇنۇش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ئاغرىش، بېسىلىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى
خەنزۇچە نامى 子宫肌瘤
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ
جۇڭيى تىبابىتى نامى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى
تەۋە بۆلۈم ئۆسمە كېسەللەر بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە نامى myomectomy

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىبۇ ھەر خىل سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ مۇسكۇلىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەر تەرتىپسىز ئۆسۈپ، كلىنىكىدا تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا مونەك قولغا ئۇرۇنۇش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ئاغرىش، بېسىلىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بالىياتقۇ سىلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاياللار جىنسىي ئەزالىرىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، ئاساسەن 54 ~ 43 ياشقىچە بولغان ئاياللاردا بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. جەسەتنى ئاناتومىيە قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا 35 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ تەخمىنەن %20 دە بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. لېكىن زور كۆپ ساندىكى بىمارلاردا ئۆسمە كىچىك، ئالامىتى ئېنىق بولمىغان.

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىبالىياتقۇ شىرلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى؛ بالىياتقۇ تېمى ئارىلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى؛ بالىياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى؛ بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ كەڭ تارىمۇش ئىچىسە ئۆسۈشى؛ بالىياتقۇ بوينى مۇسكۇل ئۆسمىسى؛ پلازما قەۋەت ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى؛ بالىياتقۇ دىۋارى توقۇلما ئارىلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى؛ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق.

بالىياتقۇ دىۋارى توقۇلما ئارىلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى 

مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇ تېنىدە، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى بالىياتقۇ بوينىدا ئۆسىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئۇنىڭ مۇسكۇل دىۋارى توقۇلما ئارىلىقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى دەۋرىدە بارلىق ئۆسمىلەر مۇسكۇل دىۋارىدا بولۇپ ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ، بۇ بالىياتقۇ دىۋارى توقۇلما ئارىلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى دېيىلىدۇ.  بالىياتقۇ دىۋارى توقۇلما ئارىلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى: بۇ خىلدىكى ئۆسمە بالىياتقۇ دىۋارىنىڭ مۇسكۇل قەۋىتىدە ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى مۇسكۇل قەۋەتلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئارىلىق قىسمىدىكى مۇسكۇل ئۆسمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىلىرى ئىچىدە %60 ~ 70 نى ئىگىلەيدۇ.

پلازما قەۋەت ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى

مۇسكۇل ئۆسۈكچىسى ئۆسۈپ بالىياتقۇ دىۋارى سىروز قەۋىتىگە قاراپ تومپىيىپ چىقىدۇ. ئۆسمىنىڭ بىر قىسىم قېپى (قاپلىق پەردىسى) سىروز پەردە قەۋىتى بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىپ تۇرىدۇ (ئۆسمىنى سىروز پەردە يېپىپ تۇرىدۇ) . بۇ خىلدىكى ئۆسمە بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىلىرى ئىچىدە تەخمىنەن %20 نى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر ئۆسمە داۋاملىق سىرتىغا قاراپ ئۆسسە تۈۋىدىن بىر ئىنچىكە ساپ شەكىللىنىپ، ساپاقلىق ئۆسمە ھاسىل بولىدۇ. ئۆسمىنىڭ ساپىقى بولغاچقا، ئاز ساندىكىلىرى تولغىشىپمۇ قالىدۇ. ئەگەر ئۆسمە بالىياتقۇنىڭ ئوڭ-سول يان تەرىپىگە ھەم كەڭ تارىمۇش (كەڭ باغلام) ئىچىگە قاراپ ئۆسسە كەڭ تارىمۇش ئىچكى مۇسكۇل ئۆسمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۆسمە سۈيدۈك نەيچىسىگە ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، تەرەققىي قىلىپ يوغىنىسا سۈيدۈك نەيچىسىنى قىستايدۇ. شۇڭا ئوپېراتسىيە قىلغاندا سۈيدۈك نەيچىسىنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى

مۇسكۇل ئۆسۈكچىسى بالىياتقۇ بوشلۇقى ئىچىگە قاراپ ئۆسۈپ بالىياتقۇ بوشلۇقى ئىچىگە تومپىيىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ قاپلىق پەردىسى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يېپىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ئۆسسە بۇنىڭدىمۇ ساپاق شەكىللىنىپ، بالىياتقۇ ئىچىدىكى يات ماددىغا ئايلىنىپ بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ۋە ئۆسمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن جىنسىي يولغا چىقىپ قالىدۇ. ئەگەر سېپى قىسقا بولسا ئاز ساندا بالىياتقۇنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچىگە ئۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئىككى خىل ياكى ئۈچ خىل مۇسكۇل ئۆسمىسى بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولسا كۆپ ئورۇنلۇق بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

1. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بالىياتقۇ مۇسكۇل-توقۇلمىلىرىغا يېتىپ بېرىپ، ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولغان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ھەمدە توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ نورمال بۆلىنىشىنى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، تەرتىپسىز ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق بۇ كېسەلگە سەۋەبچى بولىدۇ.

2. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل غەيرى تەبىئىي خىلىت بالىياتقۇ دىۋارىغا تەسىر قىلسا يەرلىك ئورۇندا چۆكمە ھاسىل قىلىپ توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ ھەمدە زىيادە سوغۇق كەيپىياتى بىلەن يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ، پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى مۇۋەللىدە) نىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمالسىز ئۆسۈشىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىن كېيىن يىگلەيدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆسمە چوڭىيىدۇ ياكى تەرەققىياتى تېزلىشىدۇ. سىرتتىن ئاياللىق ھورموننى ئىشلەتكەندىمۇ ئۆسمىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىدۇ. بۇ ئاياللىق ھورموننىڭ ئۇزۇن مۇددەت غىدىقلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بىرلەمچى كېسەللىك ئۆزگىرىش

ماكرو تەكشۈرۈش: مۇسكۇل ئۆسمىسى تەرتىپسىز شار شەكىللىك ئۇيۇل تۈگۈن (مونەك) بولۇپ، يەككىمۇ ھەم بىر نەچچىسى قوشۇلغان ھالەتتىمۇ بولىدۇ. ئۆسمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆسمە ئەتراپىدا بېسىلغان مۇسكۇل تالالىرىدىن تەركىب تاپقان يالغان قاپ بولۇپ، ئۆسمە بىلەن ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدا بوش بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار (تالالىق توقۇلمىلار) بولىدۇ. شۇڭا ئوپېراتسىيە قىلغان چاغدا ئۆسمە قاپتىن ئاسانلا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. ئۆسمىنىڭ كەسمە يۈزى كۆپىنچە دولقۇن شەكىللىك بولۇپ، رەڭگى ئاق ياكى كۈلرەڭ، تەرتىپسىز، يۆگىمەچ سىزىقچىلار بولىدۇ. 

مىكروسكوپتا تەكشۈرۈش: ئۆسمىدە موكىسىمان سىلىق مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى بىلەن تالالىق قوشقۇچى توقۇلمىلار گىرەلىشىپ قاينامسىمان تىزىلىدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەكشى، يادروسى قېنىق بولىدۇ. ئەگەر تالا توقۇلما تەركىبى كۆپ بولسا ئۆسمە نىسبەتەن قاتتىق بولىدۇ.

ئىككىلەمچى كېسەللىك ئۆزگىرىش

ئۆسمىنى تەمىنلەيدىغان قان تومۇر ئادەتتە 2 ~1 تال بولىدۇ. شۇڭا مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولغاندا مەركەز خاراكتېرلىك قان يېتىشمەسلىك يۈز بېرىپ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر كېلىپ چىقىدۇ.

1.ئەينەكسىمان ئۆزگىرىش: ئۆسمە سۇلۇق ئىششىپ، ھۈجەيرىلىرى يۇمشاپ، نېكروزلىنىدۇ. قاينامسىمان تۈزۈلۈش يوقاپ، بىر پارچە تەكشى سۈزۈك ماددىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ماكرو تەكشۈرۈشتە ئوڭايلا ساركوملىق ئۆزگىرىش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش بىرقەدەر چوڭ ھەم ئۆسۈشى تېز بولغان ئۆسمىلەردە كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە روشەن ئالامەتلىرى بولمايدۇ.

2. خالتىلىق ئۆزگىرىش: ئەينەكسىمان ئۆزگىرىشتىن كېيىن، سۇيۇقلىنىپ يالغان خالتا بوشلۇقى شەكىللىنىدۇ.

3. كالتسىيلىشىش: يېشى چوڭراق ئاياللاردا ئەينەكسىمان ئۆزگەرگەن رايوندا كالتسىيىلىشىش يۈز بېرىدۇ.

4. قىزىش: كۆپىنچە ھامىلىدارلىق مەزگىلى ياكى چىللە دەۋرىدە يۈز بېرىدۇ. ۋېنالاردا كەپلىشىش يۈز بەرگەنلىكتىن قان ئېقىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قىلدام قان تومۇرلار يېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارغا قان يېتىشمەي نېكروزلىنىش يۈز بېرىپ، ئەسلىدىكى قاينامسىمان تۈزۈلۈشنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ كالا گۆشىدەك كۆرۈنىدۇ.

5. ساركوملىق ئۆزگىرىش: ئىنتايىن ئاز ساندىكى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى يامان سۈپەتلىككە ئايلىنىپ ساركومىغا ئۆزگىرىدۇ. بۇ تەخمىنەن %0.5 نى ئىگىلەيدۇ. ۋاقتى ئۇزۇنراق، ئۆسۈشى تېزراق ۋە ئۆسمە بىر قەدەر چوڭ بولغان بىمارلاردا بولۇپمۇ ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشى تېزلەشكەنلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك ئالامەتلىرى مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ئۆسكەن ئورنى، چوڭ-كىچىكلىكى، سانى، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ بار-يوقلۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسىدە ئالامەتلەر بىرقەدەر ئېنىق ۋە بالدۇرراق پەيدا بولىدۇ. سىروز پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە توقۇلما ئارىلىق مۇسكۇل ئۆسمىسىدە ئالامەتلەر ئانچە ئېنىق بولمايدۇ.

1. ھەيز نورمالسىزلىقى: ھەيز دائىم زىيادە كۆپ كېلىش، ھەيز دەۋرى ئۇزىراش، قالايمىقان قان كېلىش ۋە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئاساسلىق ئالامەت بولسىمۇ، لېكىن ھەيز ئۆزگەرمەيدىغان ياكى ئازىيىدىغانلارمۇ بولىدۇ. ھەيز كۆپىيىش مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە يۈزى كۆلىمىنىڭ (دائىرىسىنىڭ) ئېشىشى ۋە ئۇنىڭ بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۆسمە بالىياتقۇ بوشلۇقىغا قانچە چوقچىيىپ چىقسا چىقىدىغان قانمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ كۆپ بولىدۇ. شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسىدە قاناش ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر نېكروزلىنىش، يارا ياكى يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلسە جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىدۇ، توقۇلما ئارىلىق مۇسكۇل ئۆسمىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سىروز پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى ھەيز مىقدارىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدە ھەيز كۆپ كېلىش ۋە ئۆسمىنىڭ قانىشى سەۋەبلىك ئىككىلەمچى قان ئازلىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

2. تۆۋەنكى قورساق قىسمىدىكى مونەك: مۇسكۇل ئۆسمىسى بەك چوڭ بولغاندا تۆۋەنكى قورساق قىسمىدىن مونەكنى تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ. 3. بېسىلىش ئالامەتلىرى: بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى يوغىنىغاندا ئەتراپتىكى ئەزالارنى باسىدۇ، ئەگەر مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇ ئالدى دىۋارىدا بولسا دوۋساقنى بېسىپ، سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش، سىيىش توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى، ئارقا دىۋارىدا بولسا تۈز ئۈچەينى بېسىپ قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ.

4. ئاغرىش: بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدە ئادەتتە ئاغرىش بولمايدۇ. سىروز پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ سېپى تولغىشىپ قالغاندا جىددىي ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ، ئۆسمە ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى بېسىش، تارتىش سەۋەبىدىن يەڭگىل ئاغرىش بولىدۇ. ئۆسمە يۇقۇملىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ياللۇغلىنىپ قىزارغاندا قورساق قاتتىق ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قىزىش، ئاق قان دانچىلىرى كۆپىيىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ، ساپاقلىق شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇنى قىسقارتىپ، ھەيز دەۋرىدىكىدەك تۇتقاقلىق قورساق ئاغرىش ياكى ئېسىلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئاق خۇن كۆپىيىش: بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدە دائىم ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى جىنسىي يولغا چىقىپ قېلىپ، يۈزە توقۇلمىلىرى نېكروزلىنىپ، يارا پەيدا بولغاندا ياكى يۇقۇملانغاندا پاسكىنا گۆش سۈيىدەك ئاق خۇن كېلىدۇ.

6. تۇغماسلىق: تەخمىنەن %20 ~ 30 كېسەللەردە دائىم مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشى ۋە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورۇنلىشىشىغا توسالغۇ بولغانلىقى سەۋەبىدىن تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ھامىلىدار بولسىمۇ ئاسانلا بويىدىن ئاجراش يۈز بېرىدۇ.

تىپىك بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش

بۇنىڭدا ھەيز قالايمىقان كېلىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، ئاغرىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا غەيرىي مونەك شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

ئاياللار بۆلۈملۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش

ئۆسمىنىڭ ئۆسۈش ئورنى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

1)بالىياتقۇ دىۋارى مۇسكۇل قەۋەت توقۇلما ئارىلىق ئۆسمىسى: بالىياتقۇ تەكشى ۋە سىممىترىك بولمىغان ھالدا يوغىناپ قاتىدۇ ياكى يۈزىدە ئۇيۇل تۈگۈنچىسىمان ھۇررەكلەر پەيدا بولىدۇ.

2) بالىياتقۇ دىۋارى سىروز پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى: بۇنىڭدا بالىياتقۇ تەرتىپسىز يوغىناپ يۈزىدە ئۇيۇل تۈگۈنچىسىمان ھۈررەكلەر بولىدۇ. كەڭ باغلام (كەڭ تارىمۇش) ئىچكى ئۆسمىسى بالىياتقۇنىڭ يان تەرىپىدە بالىياتقۇغا يېپىشقان ھالەتتە بولۇپ، بالىياتقۇدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەمىشە بالىياتقۇنى قارشى تەرەپكە قىستايدۇ ياكى سۈرۈۋېتىدۇ.

3) بالىياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى بۇنىڭدا بالىياتقۇ تەكشى يوغىنايدۇ، ئۆسۈكچە جىنسىي يولغا چىقىپ قالغاندا جىنسىي يولدىن شار شەكىللىك بىر نەرسە قولغا ئۇرۇلىدۇ ھەم بالىياتقۇ بوينى كانىلىنى بويلاپ كەلگەن ئۆسمە بېشىنى تۇتقىلى بولىدۇ. 3-بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە ئۆسمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ يۈزىنى سۇس قىزىل شىللىق پەردە قاپلاپ تۇرغان شار شەكىللىك مونەك بولۇپ، بەزىدە يارا يۈزى ۋە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

4) تەكشۈرۈش يىڭنىسىدە تەكشۈرۈش: مۇسكۇل دىۋارى توقۇلما ئارىلىق ئۆسمىسىنى تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەنلىكىنى ياكى بالىياتقۇ دىۋارىنىڭ بىر تەرىپى يېرىم شار شەكلىدە چوقچىيىپ چىققانلىقىنى بايقىغىلى، شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسىدە بالىياتقۇ بوشلۇقىدا لەيلەپ قالغان ئۆسمىنى بىلگىلى بولىدۇ.

5) B تىپلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش: مۇسكۇل ئۆسمىسى رايونى چۆرىسى روشەن بولغان، ئۇيۇل، تۇتۇق رايون بولۇپ ئىپادىلىنىپ، ئوتتۇرىسىدا دائىم شالاڭ نۇر نۇقتىلىرى بولىدۇ.

6) بالىياتقۇنى مايلىق يود بىلەن سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش: شىللىق پەردە ئاستى ۋە مۇسكۇل دىۋارى ئارىلىقىدىكى مۇسكۇل ئۆسمىسىدە تولۇش كەمتۈكلۈكى كۆرۈلىدۇ. 

1. ھامىلىدارلىقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىگە ئەينەكسىمان ئۆزگىرىش ياكى خالتىلىق ئۆزگىرىش قوشۇلۇپ كەلگەندە ھامىلىدارلىققا ئوخشىشىپ قالىدۇ، شۇڭا بۇنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ھامىلىدارلىقتا ھەيز توختاش تارىخى، ھامىلىدارلىق ئالامەتلىرى، سۈيدۈك-ھامىلىدارلىق تەجرىبىسى مۇسبەت بولىدۇ.

2. تۇخۇمدان ئۇيۇل ئۆسمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بىلەن تۇخۇمدان ئۇيۇل ئۆسمىسىنىڭ بەزى ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ، شۇڭا پەرقلەندۈرۈشتە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدە-بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇ بوينى بىلەن تۇتىشىپ قالغانلىقتىن ئاياللار بۆلۈملۈك تەكشۈرگەندە بالىياتقۇنى تۇتقىلى بولمايدۇ، ئۆسمىسىنى ئىتتىرگەندە بالىياتقۇ بوينى تارتىلىدۇ، تەكشۈرۈش يىڭنىسىدە بالىياتقۇ بوشلۇقى بىلەن ئۆسمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئورنى، يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكى تەكشۈرۈلىدۇ. تۇخۇمدان ئۆسمىسىدە-ئۆسمە بىلەن بالىياتقۇ ئايرىم بولۇپ، ئۆسمىنى ئىتتىرگەندە بالىياتقۇ بوينى تارتىلمايدۇ، ئۆسمە بىلەن بالىياتقۇنى ئايرىم-ئايرىم تۇتقىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈش يىڭنىسىدە تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ بوشلۇقى بىلەن ئۆسمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئورنى ۋە يۆنىلىشى بىردەك بولمايدۇ. B تىپلىق ئاپپارات ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا تۇخۇمداندا تۇتۇق رايون ئىپادىلىنىدۇ.

3. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى كۆچۈش كېسىلىدىن پەرقلەندۈرلىدۇ. بۇنىڭدا تەدرىجىي ئېغىرلىشىدىغان ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش، بالىياتقۇ تۈز ئۈچەي ئويمىنىدىن باسسا ئاغرىيدىغان كىچىك تۈگۈن ئۇرۇلۇش، بالىياتقۇ توققۇزكۆز تارىمۇشى يوغىناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4. قوش بۇرجەكلىك بالىياتقۇدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بۇنى تەكشۈرۈش يىڭنىسىدە تەكشۈرگەندە ياكى بالىياتقۇنى مايلىق يودتا سايىلاندۇرغاندا ئىككى بالىياتقۇ بوشلۇقى بارلىقى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

5. بالىياتقۇ چوڭىيىش كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. كۆپ تۇغۇش، قايتا-قايتا ھامىلىدار بولۇش، داس بوشلۇقىغا قان قېيىش ۋە ئېستىرىننىڭ داۋاملىق غىدىقلىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ مۇسكۇل قەۋىتى كوللاگېنلىق تالالىرى ئۆسۈپ، بالىياتقۇ تالالىشىپ، بالىياتقۇ مۇسكۇل دىۋارى كۆرۈنەرلىك قېلىنلايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىمۇ ھەيز كۆپ كېلىش، بالىياتقۇ يوغىناش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەچكە ھەمىشە بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى دەپ خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قېلىپ، بالىياتقۇنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. بالىياتقۇ چوڭىيىش كېسىلىدە بالىياتقۇ تەكشى يوغىناپ، مۇسكۇل ئۆسمىسى تۈگۈنى بولمايدۇ، بالىياتقۇنىڭ چوڭلۇقى ئىككى ئايلىق ھامىلىدارلىقتىن چوڭ بولىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى مايلىق يود بىلەن سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ياكى تەكشۈرۈش يىڭنىسىدە تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ بوشلۇقىدا ئۆسمىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ.

6. بالىياتقۇ بوينى راكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئەگەر شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى جىنسىي يولغا تومپىيىپ چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياللۇغ قوشۇلۇپ كەلسە، ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەندىكى ئىپادىلىرى بالىياتقۇ بوينى راكىغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرگەندە، ئۆسۈكچىنىڭ بالىياتقۇ بوشلۇقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ ھەمدە مۇكەممەل بالىياتقۇ بوينىنى ئايرىم ھالدا تۇتۇپ تاپقىلى بولىدۇ.

7. بالىياتقۇ بەز مۇسكۇل كېسىلى بىلەن بەز مۇسكۇل ئۆسمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككىسىدە ھەيز كۆپ كېلىش، بالىياتقۇ چوڭىيىش بولىدۇ، لېكىن بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشى تەكشى بولىدۇ، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدە ماددىسى قاتتىق بولغان تۈگۈنچە بولىدۇ، بەز مۇسكۇل كېسىلى بىلەن بەز مۇسكۇل ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش بولىدۇ، بالىياتقۇ ھەيز مەزگىلىدە چوڭىيىپ، ھەيزدىن كېيىن ك−ىچىكل−ەش ئالاھىدىلىكىگ−ە ئىگ−ە. ب−ۇ ئىككىسىن−ى پەرقلەندۈرۈش نىسبەتەن قىيىن.

8. بالىياتقۇ بوشلۇقىدىكى باشقا ئىششىقلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. يەنى كونىراپ قالغان بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىق، بالىياتقۇ قوشۇمچە ئەزالىرى ياللۇغى خاراكتېرلىك مونەك، بالىياتقۇنىڭ يۈزىدىكى ياللۇغ ياكى قوشۇلۇپ كەلگەن بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تولۇق بولماسلىق، بالىياتقۇ تېنى راكى قاتارلىقلارنىڭ كېسەللىك تارىخى تەپسىلىي ئىگىلەنسە ھەمدە ئاياللار بۆلۈمىدە ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈلسە، پەرق ئېتىش قىيىن ئەمەس. ئاقىۋىتى: بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ئاقىۋىتى ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ، كېسەلنى ۋاقتىدا بايقاپ، بالدۇر دىئاگنوز قويۇپ مۇۋاپىق داۋالانسا تېزلىكتە ياخشلىنىدۇ.

1. خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2. توسالغۇلارنى ئېچىش، قان توختىتىش، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش، ئۆسمىنى يۇمشىتىش، ئۆسمىنىڭ تەرەققىياتىنى تورمۇزلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 3. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 4. رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان تولۇقلاش، ئۆسمە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا گۈل بىنەپشە، قىزىل گۈل، ئىتئۈزۈمى ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، قوغۇن ئۇرۇقى، ئەفتىمۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن قوشۇپ، قائىدە بويىچە دورىلارنى بىر لىتىر سۇغا 6 ~ 4 سائەت چىلاپ، 500 مىللىلىتىر مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 100 ~ 60 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ ياكى مەتبۇخ ئەفتىمۇندىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىر ئىچىشكە بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا موزا تەملىك بەلغەم خىلتىنىڭ مۇنزىچىغا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن بىستىپايەج، قوغۇن ئۇرۇقى، قەسبۇزەرىرە قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 30 ~ 15 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ ياكى مەتبۇخى ئەفتىمۇننى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ئۆسمىنى يۇمشىتىش، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش، ئۆسمىنىڭ تەرەققىياتىنى تورمۇزلاش مەقسىتىدە بابۇنە گۈلى، ئىكلىلمىلىك، مەرزەنجۇش، سەۋسەن يىلتىزى، زۇفا ئۇرۇقى، سېرىقچېچەك، ئىتئۈزۈمى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىلما تەييارلاپ ۋاننا قىلىنىدۇ. سەبرى، مورمەككى، سەۋسەن يىلتىزى، جۇۋىنا، شۇمشا، زىغىر قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرام، يۇمىلاق زىراۋەندى، پىلپىل، مۇقەل، سەكبىنەچ، پەرپىيۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، قائىدە بويىچە ئابىزەن قىلىنىدۇ. قان توختىتىش، ئاق خۇننى ئازايتىش مەقسىتىدە قۇرسى گۈلنار كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن؛ شەربىتى ئەنجىباھار كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ قۇرسى كەھرىبا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئۆسمىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش مەقسىتىدە ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ھەببى ئەنزىرۇت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 دانىدىن؛ مەجۇنى ئەفئا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى ئازاراقى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 5 ~ 7 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش: بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدە-ئۆسمە ئۈچ ئايلىق ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بالىياتقۇدىن چوڭ بولسا ھەمدە ئۆسمە يوغان بولمىسىمۇ ئالامەتلىرى ئېغىر بولسا ياكى ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولسا ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەك.

بالىياتقۇنى قىرىش ئوپېراتسىيىسى

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىبۇ ناھايىتى كىچىك بولغان شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسىنى داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

2. شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىنى ئۈزۈپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى: ئۆسمە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان ھەمدە سېپى ئىنچىكە بولۇپ تۇتاشقان جايى بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا ياكى بالىياتقۇ بوينىدا بولسا، جىنسىي يول ئارقىلىق ئۆسمىنىڭ يىلتىز قىسمى قان توختىتىش قىسقۇچىدا قىسىپ تولغاپ ئۈزۈۋېتىلىدۇ. بۇنىڭدا قان چىقىش كۆپ بولمايدۇ، ئەگەر سېپى توم، تۇتاشقان ئورنى تۆۋەن بولسا قان توختىتىش قىسقۇچىدا تۈۋىدىن قىسىپ تۇرۇپ كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ، ئەگەر سېپى توم، تۇتاشقان جايى بالىياتقۇنىڭ يۇقىرى قىسمىدا ياكى بالىياتقۇ تۈۋىدە بولسا قورساقنى يېرىش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق ئېلىۋېتىلىدۇ، جىنسىي يولغا چىقىپ قالغان ئۆسمىگە يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا ئالدى بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىتا چارە قوللىنىلىدۇ.

توقۇلما ئارىلىق مۇسكۇل ئۆسمىسىنى تىلىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى

بۇ تۇغۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش تەلىپى بار ھەمدە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى راۋان بولغان ياش بىمارلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇ خىل ئوپېراتسىيىدە سىروز قەۋەت ئاستى ياكى مۇسكۇل قەۋەت توقۇلما ئارىلىقىدىكى ئۆسمىنى يالغان قاپ ئىچىدىن يېرىپ ئېلىپ، بالىياتقۇ قالدۇرۇپ قويۇلىدۇ.

بالىياتقۇنىڭ كۆپ قىسمى ياكى ھەممىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى بۇ بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى داۋالاشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل. ئۆسمە چوڭراق بولغان ياكى ھەيز بەك كۆپ كېلىدىغان، ئالامەتلىرى روشەن، تۇغۇش تەلىپى بولمىغان بىمارلارنىڭ بالىياتقۇسى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ، بىمارنىڭ يېشى 40 ياشتىن كىچىك، ئادەتتىكى ئەھۋالى ناچار، شارائىتىمۇ چەكلىك بولسا بالىياتقۇنىڭ كۆپ قىسمى ئېلىۋېتىلىدۇ. ھەيز كېسىلگەندىن كېيىنمۇ تۇخۇمداننىڭ بەلگىلىك خىزمىتى بولىدۇ. شۇڭا 50 ياشتىن كىچىك ئاياللاردا ئىمكانقەدەر بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ نورمال تۇخۇمداننى قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۆسمە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان تولۇقلاش مەقسىتىدە مۇپەررىھ ئەۋرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، 20 مىللىلىتىردىن؛ داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 گرامدىن؛ ئانار شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن؛ پىننە گۈلقەنتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەللىك، غەلىز يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1293

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/99929.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#