كېرگۇلىن تاقىم ئاراللىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كېرگۇلىن تاقىم ئاراللىرى ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللاردىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار جەنۇبىي كەڭلىك 48°30′-49°30′، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 68°42′-70°35′ ئارىلىقىدىكى ئاساسىي ئارال كېرگۇلىن ۋە باشقا 300 دىن ئوشۇق ئۇششاق ئاراللاردىن تەشكىل تاپقان. قۇرۇقلۇق مەيدانى 6129 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي ئارالنىڭ مەيدانى 5732 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
ھاۋاسى نەم، بەك سوغۇق بولىدۇ، قاتتىق بوران چىقىپ تۇرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4℃ بولىدۇ.
قۇرۇقلۇقتا توڭ تۇپراق ئۆسۈملۈكلىرى، كېرگۇلىن كاپۇستا ئۆسۈملۈكى ئۆسىدۇ، دېڭىزدا پىنگۋىن، تيۇلېن، كىت قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. قوڭۇر كۆمۈر كان بايلىقى بار.
1772-يىلى فرانسىيىلىك كېرگۇلىن بۇ ئاراللارغا بارغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئىگىلىگەن، 1950-يىلى ئاساسىي ئارالدىكى فرانسو پورتىدا دائىملىق بازا ھەم ئىلمىي تەتقىقات بازىسى قۇرۇلغان. بۇ جايدىكى ئاھالە 90 دىن ئاشىدۇ (1972) .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.