دېڭىز ئۇرۇشىدا كۆپ ئىشلىتىلدىغان قوراللار

دېڭىز ئۇرۇشىدا كۆپ ئىشلىتىلدىغان قوراللار

تورپېدا، سۇ مىناسى ۋە چۆكمە بومبا دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قورال بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش شەكلى ۋە رولى ئوخشاشمايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دېڭىز ئۇرۇشىدا كۆپ ئىشلىتىلدىغان قوراللار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تورپېدا، سۇ مىناسى، چۆكمە ماگنىتلىق سۇ مىناسى ۋە چۆكمە بومبا دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قورال بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش شەكلى ۋە رولى ئوخشاشمايدۇ.

تورپېداتورپېداتورپېدا بىر خىل ھۇجۇم قورالى بولۇپ، تۇنجى تورپېدا 1868-يىلى سىناق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. تورپېدا ماتور ۋە تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، سۇدا ئۆزلىكىدىن ماڭىدۇ، نىشاننى ئىزدەيدۇ ۋە نىشانغا ئەگىشىدۇ. ئۇ سۇ يۈزىدىكى پاراخوتتىن ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ، ئايروپىلان ئارقىلىق ھاۋادىن قويۇپ بېرىپ، سۇ ئۈستىدىكى پاراخوتلارغا ۋە سۇ ئاستىدىكى پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىشكە بولىدۇ. زامانىۋى تورپېدالارغا يەنە ئۇچۇشقا ياردەم بەرگۈچى راكېتا ئورنىتىلغان بولۇپ، سۈرئىتى تېزلەشتى، ھۇجۇم قىلىش ئارىلىقىمۇ ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق تورپىدالار «سۇ ئاستى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.

سۇ مىناسىسۇ مىناسى 1807-يىلىلا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئاساسەن مۇداپىئە قورالى دائىرىسىگە كىرىدۇ. سۇ مىناسىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مىنالارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاسان بولغىنى بىلەن مىنا تازىلىماق تەس، شۇڭا سۇدا چوڭ تىپتىكى «سۇ مىنا سېپى» ھاسىل قىلىپ، دۈشمەننىڭ سۇ ئۈستىدىكى پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن پاسىپلىق بىلەن مۇداپىئە كۆرۈشكىلا بولىدۇ، بۇ يەنە ئۆز پاراخوتلىرىنىڭ پائالىيىتىنىمۇ چەكلەپ قويىدۇ.

پاراخوتلارنىمۇ چۆكتۈرۋىتەلەيدىغان بىر  خىل مىنا بار بۇلۇپ بۇ خىل سۇ مىناسى ماگنىتلىق مىنا بولۇپ، ئۇ دېڭىزغا چوڭقۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، چۆكمە ماگنىتلىق سۇ مىناسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى مىنالارغا پاراخوتلارنىڭ بىۋاسىتە سوقۇلۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ مۇئەييەن ئارىلىقتا پاراخوت ماڭغاندا ھاسىل بولغان ماگنىت مەيدانىنى قوبۇل قىلسىلا پارتلايدۇ.

چۆكمە بومباچۆكمە بومبا مەخسۇس سۇ ئاستى پاراخوتىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قورال بولۇپ، 1915-يىلى تۇنجى قېتىم دېڭىز ئارمىيىسىگە سەپلەپ بېرىلگەن. دەسلەپتە چۆكمە بومبا پاراخوتنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىن سۇغا بىۋاسىتە تاشلىنىدىغان بولۇپ، سۇدا مۇئەييەن چوڭقۇرلۇققا چۆككەندىن كېيىن پارتىلايتتى. چۆكمە بومبىنىڭ پارتلاش ئېنېرگىيىسى سۇدا كۈچلۈك بېسىم ھاسىل قىلىدىغانلىقتىن، نەچچە ئون مېتىر دائىرىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئېغىر زەخىملەندۈرەلەيدۇ. ھازىرقى چۆكمە بومبىلارنى پاراخوتتىن ياكى ئايروپىلاندىن قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، ئۇلار مۇئەييەن ئارىلىققا ئۇچۇپ بارغاندىن كېيىن سۇغا چۆكىدۇ.



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#