لىجياڭ يۈيلۇڭ قارلىق تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
لىجياڭ يۈيلۇڭ قارلىق تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ، نىڭلاڭ، جۇڭديەن ناھىيىلىرى تەۋەسىدە بولۇپ، تۆت مەنزىرە رايونىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي كۆلىمى770 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لىجياڭ يۈيلۇڭ قارلىق تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ، نىڭلاڭ، جۇڭديەن ناھىيىلىرى تەۋەسىدە بولۇپ، تۆت مەنزىرە رايونىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي كۆلىمى770 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر. يۈيلۇڭ قارلىق تېغىنىڭ يىل بويى قار بېسىپ تۇرىدىغان 13 چوققىسى بار، جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاساسىي چوققا شەنزىتو دېڭىز يۈزىدىن 5500 نەچچە مېتىر ئېگىز. يۈيلۇڭ قارلىق تېغى بىلەن خابا قارلىق تېغى ئارىلىقىغا جايلاشقان خۇتياۋشيا بوغۇزىدىكى جىلغا 20 كىلومېتىرچە كېلىدۇ، دەريا يۈزىنىڭ ئەڭ تار يېرى30 مېتىرلا كېلىدۇ، دەريا ساھىلى بىلەن قىرغاقتىكى تاغ چوققىلىرىنىڭ ئېگىزلىك پەرقى تەخمىنەن 3900 مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر جىلغا، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى بىرىنچى قولتۇق بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئىستراتېگىيىلىك نۇقتا بولۇپ كەلگەن؛ تاغ چوققىلىرى، ئاجايىپ قىيالار، كارستلىق ئۆڭكۈرلەرنى ئالاھىدىلىك قىلغان. لۇخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونىدا چەكسىز ئورمان تىمتاس كۆللەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىر گەۋدىگە ئايلانغان. لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىدىكى پۇقرالار ھويلا-ئاراملىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بىناكارلىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەنزىرە رايونىدا ناشى مىللىتى1000 نەچچە يىللار ئىلگىرى ياراتقان دۇڭبا يېزىقى، ناشى قەدىمكى چالغۇلىرى، بەيشا تام رەسىمى قاتارلىقلار بىرقەدەر يۇقىرى تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.