ساياھەت-مەدەنىيەت مەيدانى

تۇرپان شەھىرىدىكى ساياھەت -مەدەنىيەت مەيدانى 1997-يىلى 8-ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، كۆلىمى 205 مو كىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ساياھەت - مەدەنىيەت مەيدانى
قاراشلىق رايون شىنجاڭ تۇرپان
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
قۇرۇلغان ۋاقتى 1997-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرپان شەھىرىدىكى ساياھەت -مەدەنىيەت مەيدانى 1997-يىلى 8-ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، كۆلىمى 205 مو كىلىدۇ. بۇ مەيدان كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنۋېرسال مەيدان بولۇپ، 3 ئىقتىدار رايونغا ئايرىلغان : شەرق تەرپى ئارام ئېلىش رايونى، ئوتتۇرا قىسىمى يىغىلىش ئوتكۈزۈش رايونى، غەرب تەرىپى سودا رايونىدۇر. 

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش مەيدانى

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش مەيدانى پۈتكۈل مەيدان يۈزىدىن 115 سانتىمېتىر پەس ئېلىنغان مەركىزى مەيدان بولۇپ، شەكلى ئېللىپىسقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ قۇرلۇش كۆلىمى 5350 كۋادرات مېتىر، پائالىيەت مەركىزىنىڭ كۆلىمى 2800 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 4000 تاماشىبىن سىغىدۇ. رەئىس سەھنىسىدە 200 دىن كۆپرەك ئەزىز مېھمان ئولتۇرالايدۇ. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىككى يېقىدىكى قاپارتما نەقىشلەردە يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار تۇرپاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەمدە مىللىي ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئويۇلما شەكلىدىكى مەيدان بولۇپ، ئايدىڭكۆلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۈۋەنلىكىگە سىموۋۇل قىلىنغان.

 ئارام ئېلىش مەيدانى 

شەرق تەرەپتىكى ئارام ئېلىش رايونىدا چىملىقلار يېيىلىپ ياتقۇزۇلغان، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ،ئۈزۈم كوچىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ‹‹ قۇملۇقتىكى ئاي ››ناملىق مىس ھەيكەلدە تۇرپانلىقلارنىڭ مىللىيچە سازلىرىنى چېلىشىپ ئەزىز مېھمانلارنى كۈتىۋېلىۋاتقان مەنزىرە يارتىلغان. 13 مۆچەلنى ئاساسىي تېما قىلغان، ئاق مەرمەردىن ياسالغان ھەيكەللەر مەركىزى يولنىڭ ئىككى يېقىدا قاتار تىزلىشىپ تۇرىدۇ. 

كېچە پەردىسى يېپىلىشى بىلەن مەيداندىكى رەڭگارەڭ نىئون چىراقلار بىلەن مەيدان ئەتراپىدىكى ئېگىز بىنالارنىڭ زىننەت چىراقلىرىنىڭ نۇرلىرى ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مەيداننىڭ مەركىزىدىكى مۇزىكىلىق فونتاندىن لەرزان مۇزىكىغا ماس ھالدا سۇلار ئېتىلىپ چىقىپ، خىلمۇ - خىل رەڭلەر دۇنياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#