قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكى

قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكى

بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ۋە خام يېيىلگەن كالا گۆشىدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ 

چوڭ تەرىتىدىن قاپاق ئۇرۇقىدەك ياپىلاق ئاق رەڭلىك مەددەت بوغۇملىرى كېلىش، بەزىدە تەرەت قىلمىغان چاغلاردىمۇ ئۆزلۈكىدىن كېلىپ قېلىش، يۇقۇملانغۇچى ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكى
كېسەللىك سەۋەبى تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق
ئاساسلىق ئالامىتى تېرىلىرى قۇرغاقلىشىش،ئورۇقلاش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ۋە خام يېيىلگەن كالا گۆشىدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: چوڭ تەرىتىدىن قاپاق ئۇرۇقىدەك ياپىلاق ئاق رەڭلىك مەددەت بوغۇملىرى كېلىش، بەزىدە تەرەت قىلمىغان چاغلاردىمۇ ئۆزلۈكىدىن كېلىپ قېلىش، يۇقۇملانغۇچى ئورۇقلاش، تېرىلىرى قۇرغاقلىشىش، بەزىدە ئىچى سۈرۈشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قەمبىل، بەرەڭگى كابېلى، سەرخەس، دەرمىنى تۈركى، ھەببۇلنىل، تۇربۇت، قىزىل لوۋى، شاپتۇل يوپۇرمىقى، ئۇسارىسى 10 گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكىتەركىبى: ئانار پوستى ئۈچ گىرام، سەرخەس توققۇز گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى بىر چىنە سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ، ئاچ قورساققا ئىچىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: كاۋا ئۇرۇقى 100 گىرام، سۇ بىر چىنە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: كاۋا ئۇرۇقىنى چالا سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#