جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى

جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى
1995-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2003-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-يىغىنىنىڭ «» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى «غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى .

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国中国人民银行法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى(1995-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2003-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-يىغىنىنىڭ «» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى «غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، دۆلەت پۇل سىياسىتىنىڭ توغرا چىقىرىلىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەركىزىي بانكىنىڭس ماكرولۇق تەڭشەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 

2-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزىي بانكىسى 

جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، پۇل سىياسىتىنى چىقىرىدۇ ۋە ئىجرا قىللىدۇ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئازايتىدۇ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. 

3-ماددا پۇل سىياسىتىنىڭ نىشانى-پۇل قىممىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەم شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. 

4-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ: 

(1) ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئالاقىدار پەرمان-قائىدىلەرنى ئېلان قىلىدۇ؛ 

(2) پۇل سىياسىتىنى قانۇن بويىچە چىقىرىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ؛

(3) خەلق پۇلى تارقىتىدۇ، خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتىنى باشقۇرىدۇ؛ 

(4) بانكىلار ئارا كەسىپداشلار ئۆتنە بازىرىنى ۋە بانكىلار ئارا زايوم بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ 

(5) تاشقى پېرېۋوت باشقۇرىدۇ، بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ 

(6) ئالتۇن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ 

(7) دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، ئالتۇن زاپىسىنى ئىلكىدە تۇتىدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە تىجارەتكە سالىدۇ؛ 

(8) دۆلەت خەزىنىسىنى باشقۇرىدۇ؛ 

(9) چىقىم، راسچوت سىستېمىسىنىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ؛ 

(10) پۇل مۇئامىلە كەسپىدە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش بويىچە مەبلەغ نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ 

(11) پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى ستاتىستىكىلاش، تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ 

(12) دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىسى سۈپىتىدە، ئالاقىدار خەلقئارا پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ 

(13) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ. 

جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، مۇشۇ قانۇننىڭ 4-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. 

5-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى يىللىق پۇل تەمىنات مىقدارى، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتى ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا چىقارغان قارارلارنى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە سياسىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرى توغرىسىدا قارار چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنى دەرھال ئىجرا قىلىدۇ ھەم گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

6-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا پۇل سىياسىتى ئەھۋالى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىشى كېرەك. 

7-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، پۇل سىياسىتىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئىجرا قىلىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، كەسىپنى قانات يايدۇرىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ. 

8-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھەممە كاپىتالىنى دۆلەت چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىدۇ. 

9-ماددا گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

2-باب تەشكىلىي ئاپپارات

10-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىدا بانكا باشلىقىدىن بىر، مۇئاۋىن باشلىقىدىن بىر نەچچىسى بولىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى باشلىقىنىڭ نامزارتىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بېكىتىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېكىتىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىرىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى تەيىنلەيدۇ ۋە قالدۇرىدۇ. 

11-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىدا بانكا باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، بانكا باشلىقى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، مۇئاۋىن باشلىقلىرى بانكا باشلىقىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ. 

12-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى كومىتېتى قۇرىدۇ، پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، تەشكىل قىلىنىشى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى كومىتېتى دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش، پۇل سىياسىتىنى چىقىرىش-تەڭشەش داۋامىدا مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك. 

13-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بولغان شۆبە-تارماق ئاپپاراتلارنى قۇرىدۇ. جۇڭگو خەلق بانكىسى شۆبە-تارماق ئاپپاراتلارغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى باشقۇرىدۇ. 

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، ئۆز تەۋەلىكىدىكى رايونلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ، ئالاقىدار كەسىپلەرنى يولغا قويىدۇ. 

14-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە باشقا خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانماسلىقى، م نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىقى، ھەر قانداق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، كارخانىسى، فوند جەمئىيىتىدە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى كېرەك. 

15-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە باشقا خادىملىرى دۆلەت مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە ساقلىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

3-باب خەلق پۇلى 

16-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلى-خەلق پۇلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ ھەممە قەرزى خەلق پۇلى بىلەن تۆلىنىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇنى ئالماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ. 

17-ماددا خەلق پۇلىنىڭ بىرلىكى يۈەن، خەلق پۇلىنىڭ قوشۇمچە بىرلىكى-مو، پۇڭ. 

18-ماددا خەلق پۇلىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بىر تۇتاش باسىدۇ، تارقىتىدۇ. 

جۇڭگو خەلق بانكىسى يېڭى خەلق پۇلىنى تارقىتىشتا، تارقىتىش ۋاقتى، سوممىسى، نۇسخسى، شەكلى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

19-ماددا خەلق پۇلىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان خەلق پۇلىنى سېتىش-سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان خەلق پۇلىنى توشۇش، ئىلكىدە تۇتۇش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا، نەشر بۇيۇملىرىدا ياكى باشقا تاۋارلاردا خەلق پۇلىنىڭ نۇسخىسىنى قانۇنسىز ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

20-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پۇل بېلەتنى بازاردا خەلق پۇلى ئورنىدا ئوبوروت قىلىش ئۈچۈن بېسىشى، سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

21-ماددا كەمتۈك، يىرتىق، مەينەت خەلق پۇلى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تېگىشىپ بېرىلىدۇ ھەم شۇنداق پۇلنى يىغىۋېلىش، كۆيدۈرۈۋېتىشكە جۇڭگو خەلق بانكىسى مەسئۇل بولىدۇ. 

22-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى خەلق پۇلىنى تارقىتىش خەزىنىسى قۇرىدۇ، شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىدا شۆبە-تارماق خەزىنە قۇرىدۇ، شۆبە-تارماق خەزىنە خەلق پۇلىنى تارقىتىش فوندىنى يۆتكەشتە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەزىنىنىڭ يۆتكەش بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تارقىتىش فوندىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

4-باب كەسىپ 

23-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پۇل سىياسىتى ۋاستىلىرىنى قوللىنىدۇ: sf 

(1) بانكا كەسىپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى بەلگىلىگەن نىسبەت بويىچە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش؛ 

(2) مەركىزىي بانكىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى بەلگىلەش؛ 

(3) جۇڭگو خەلق بانكىسىدا ھېساب ئاچقان بانكىچىلىق كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا تەكرار دېسكونت قىلىپ بېرىش؛ 

(4) سودا بانكىلىرىغا قەرز پۇل بېرىش؛ 

(5) دۆلەت زايومى ھۆكۈمەت زايومى ۋە پۇل مۇئامىلە زايومى، شۇنىڭدەك تاشقى پېرېۋوتنى ئوچۇق بازاردا سېتىۋېلىش-سېتىش؛ 

(6) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا پۇل سىياسىتى ۋاستىسىنى قوللىنىش.

جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن پۇل سىياسىتىە ۋاستىلىرىنى قوللانغاندا، كونكرېت ۋە تەرتىپنى بەلگىلىسە بولىدۇ. 

24-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى دۆلەت خەزىنىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرىدۇ. 

25-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەشكىلاتلىرىغا دۆلەت زايومى ۋە ھۆكۈمەت زايومىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ۋاكالىتەن تارقاتسا، نەقلەشتۈرۈپ بەرسە بولىدۇ. 

26-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېھتىياجىغا قاراپ، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ھېسابات ئېچىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھېسابىدىن ئارتۇق چىقىم قىلىشقا بولمايدۇ. 

27-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى راسچوت سىستېمىسىنى تەشكىللىشى ياكى تەشكىللەشكە ياردەم بېرىشى، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى راسچوت ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇشى، راسچوت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى چىقىرىدۇ. 

جۇڭگو خەلق بانكىسى چىقىم راسچوت قائىدىسىنىە گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ. 

28-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، سودا بانكىلىرىغا بېرىدىغان قەرز پۇلنىڭ سانى، قەرەلى، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە قەرز پۇل بېرىش ئۇسۇلىنى بەلگىلىسە بولىدۇ، لېكىن بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ قەرەلى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

29-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن ئارتۇق چىقىم قىلماسلىقى، دۆلەت زايومى ۋە ھۆكۈمەت زايومىنى بىۋاستە سېتىۋالماسلىقى، سېتىپ بېرىشنى ھۆددە ئالماسلىقى كېرەك. 

30-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى يەرلىك ھۆكۈمەتكە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا قەرز پۇل بەرمەسلىكى، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا، شۇنىڭدەك باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قەرز پۇل بەرمەسلىكى كېرەك، لېكىن گوۋۇيۈەن جۇڭگو خەلق بانكىسى ئالاھىدە بەلگىلىگەن بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا قەرز پۇل بەرسە بولىدىغانلىقىنى بېكىتىكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

جۇڭگو خەلق بانكىسى ھەر قانداق ئورۇنغا ۋە شەخسكە كېپىل بولسا بولمايدۇ. 

5-باب پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

31-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ماكرولۇق تەڭشەپ، ئۇنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

32-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق: 

(1) ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛ 

(2) جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاھىدە قەرز پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكىتى؛ 

(3) خەلق پۇلىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛

(4) بانكىلار ئارا كەسىپداشلار ئۆتنە بازىرىنى ۋە بانكىلار ئارا زايوم بازىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛

(5) تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛ 

(6) ئالتۇن باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛ 

(7) جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ۋاكالىتەن دۆلەت خەزىنىسىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتى؛

(8) راسچوت باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى؛ 

(9) پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى. 

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاھىدە قەرز پۇلى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا بەرگەن ئالاھىدە مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قەرز پۇلنى كۆرسىتىدۇ. 

33-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. 

34-ماددا بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى چىقىم قىلىشتا قىينىلىپ پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى كۆرۈلگەندە، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ بانكىچلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

35-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن زۆرۈر بولغان ئاكتىپ-پاسسىپ جەدۋىلى، پايدا جەدۋىلى شۇنىڭدەك باشقا مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى، ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ماتېرىياللىرىنى يوللاشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان باشقا ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. 

36-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۇل مۇئامىلىگە دائىر ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتى، مەلۇمات جەدۋىلىنى بىر تۇتاش تۈزىدۇ ھەم ئۇنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلان قىلىدۇ. 

37-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۆز سىستېمىسىنىڭ تەپتىش قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. 

6-باب مالىيە بوغالتىرلىق 

38-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇستەقىل مالىيە خام چوت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خام چوتى گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مەركەز خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقىنىڭ خام چوت ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

39-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى ھەر بىر بوغالتىرىيە يىلىدىكى كىرىمىدىن شۇ يىللىق چىقىمنى چىقىرىۋېتىدۇ ھەم ئومۇمىي تەييارلىق فوندىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بېكىتكەن نىسبەت بويىچە ئاجرىتىۋېلىپ، قالغان ساپ پايدىنى مەركەز مالىيىسىگە تولۇق تاپشۇرىدۇ. 

جۇڭگو خەلق بانكىسى تارتقان زىياننىڭ ئورنىنى مەركەز مالىيىسى پۇل ئاجرىتىپ تولدۇرۇپ بېرىدۇ. 

40-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى مالىيە كىرىم-چىقىمى ۋە بوغالتىرلىق ئىشلىرىدا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش مالىيە-بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ۋە مالىيە تارمىقى قانۇن بويىچە قىلىدىغان ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ۋە نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

41-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى ھەر بىر بوغالتىرىيە يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاكتىپ-پاسسىپ جەدۋىلى، پايدا-زىيان جەدۋىلى ۋە ئالاقىدار مالىيە-بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى تۈزۈپ ھەم يىللىق دوكلات تەييارلاپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلان قىلىشى لازىم.

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بوغالتىرىيە يىلى مىلادى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

42-ماددا خەلق پۇلىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان خەلق پۇلىنى سېتىپ ياكى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان خەلق پۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توشۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

43-ماددا ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان خەلق پۇلىنى سېتىۋېلىپ ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان خەلق پۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتۇپ، ئىشلىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ، 01 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

44-ماددا خەلق پۇلىنىڭ نۇسخىسىنى تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا، نەشر بۇيۇملىرىدا ياكى باشقا تاۋارلاردا قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەرنى جۇڭگو بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم خەلق پۇلىنىڭ قانۇنسىز ئىشلىتىلگەن نۇسخىسىنى كۆيدۈرۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

45-ماددا پۇل بېلەتنى خەلق پۇلى ئورنىدا بازاردا ئوبوروت قىلىش ئۈچۈن باسقان، ساتقانلارنى جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 002 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

46-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 32-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكىتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغانلاردىن مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا جازا بېرىش بەلگىلەنگەنلىرىگە شۇ بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا جازا بېرىش بەلگىلەنمىگەنلىرىگە جۇڭگو خەلق بانكىسى ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ. 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

47-ماددا ئالاقىدارلاردىن جازا قارارىغا قابىل بولمىغانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

48-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 

(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز پۇل بېرىش؛ 

(2) ئورۇن ۋە شەخسلەرگە كېپىل بولۇش؛ 

(3) فوندىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىش، تارقىتىش. 

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، زىيان پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە بىۋاستە جاۋابكارلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

49-ماددا يەرلىك ھۆكۈمەت، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردىن جۇڭگو خەلق بانكىسىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز پۇل بېرىشكە ياكى كېپىل بولۇشقا زورلىغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ زىيان پەيدا قىلغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

50-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن دۆلەت مەخپىيىتىنى ياكى بىلىدىغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

51-ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. 

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

52-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قۇرۇلغان سودا بانكىسى، شەھەر ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق جامائەتنىڭ ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى، شۇنىڭدەك سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىلارنى كۆرسىتىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قۇرۇلغان پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى، مالىيە شىركىتى، پۇل مۇئامىلە ئىجارە شىركىتى، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا مۇشۇ قانۇندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

53-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#