كونگو ئويمانلىقى
زايىر، كونگو، ئوتتۇرا ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ دائىرىسىگە جايلاشقان. ئۇ ئافرىقىدىكى بىر تەبىئىي جۇغراپىيىلىك رايون بولۇپ، زايىر ئويمانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زايىر، كونگو، ئوتتۇرا ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ دائىرىسىگە جايلاشقان. ئۇ ئافرىقىدىكى بىر تەبىئىي جۇغراپىيىلىك رايون بولۇپ، زايىر ئويمانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 3 مىليون 370 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى تەكشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن 400 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. ئويمانلىقتا كەڭ دائىرىلىك سازلىقلار بار، ئويمانلىقنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان تاغلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئويمانلىقتا يايمىسىمان تارماق دەريالارنىڭ ھەممىسى كونگو(زايىر) دەرياسىغا قۇيۇلۇپ، چوڭ سۇ سىستېمىسىنى شەكىللەنۈدرىدۇ، ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئېكۋاتور سىزىقى كېسىپ ئۆتىدۇ。
ئىقلىم تروپىك بەلباغ نەم ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25-℃27 ئەتراپىدا بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1500-2000 مىللىمېتىردىن يۇقىرى بولۇپ، پەسىللىك تارقىلىشى تەكشى كېلىدۇ.
ئويمانلىقنى قېلىن ھەم قىممەت باھالىق تروپىك ئورمانلىقى قاپلاپ تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا كوفى، ياغلىق پالما، تاماكا، پالما قاتارلىق تروپىك بەلباغ ئىقتىسادىي زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ، چەت رايونلىرىدا كان بايلىقلىرىدىن ئالماس، مىس، گېرمانىي، كوبالت، قەلەي، ئۇران، مارگانېتس، تىتان قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.