نىل دەرياسى

نىل دەرياسى

نىل دەرياسى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دەريانىڭ بىرى، ئۇنىڭ غول ئېقىنى بۇرۇندى، تانزانىيە، ھوۋاندا، ئۇگاندا، سۇدان، مىسىرلاردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ.

خەنزۇچە نامى 尼罗河
چەتئەلچە نامى Nile River
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالى
كۆلىمى 2 مىليون 870 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئىسسىق بەلباغ يايلاق كىلىماتى ۋە تروپىك بەلباغ قۇملۇق كىلىماتى
كىلىش مەنبەسى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرۇندى ئېگىزلىكى
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6670 كىلومېتىر
ئاساسلىق تارماقلىرى ئاق نىل دەرياسى، كۆك نىل دەرياسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىل دەرياسىنىل دەرياسى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دەريانىڭ بىرى، ئۇنىڭ غول ئېقىنى بۇرۇندى، تانزانىيە، ھوۋاندا، ئۇگاندا، سۇدان، مىسىرلاردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6670 كىلومېتىر، كۆلىمى 2 مىليون 870 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېپوپىيە، كېنىيە، زايىرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرى ئېقىنى بولغان كاگرا دەرياسى ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ غەربىدىكى يىل بويى كۆپ يامغۇرلۇق تاغلىقلار ئارىسىدىن باشلىنىدۇ.

نىل دەرياسىۋىكتورىيە، مومبوتو كۆللىرىدىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ چىققاندىن كېيىن ئاق نىل دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ۋېكتورىيە نىل دەرياسى، ئالبېرت نىل دەرياسى ۋە سۇدان دائىرىسىدىكى ئاق نىل دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا كۆللەر كۆپ بولۇپ، سۇنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ، ئېقىن مىقدارىدا ئۆزگىرىش ئاز بولىدۇ، ۋىكتورىيە كۆل ئېغىزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 600 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ، سۇدان دائىرىسىدىكى جوباغا كەلگەندە كۆپىيىپ 870 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ.

نىل دەرياسى خارتوم شەھىرىنىڭ يېنىدا كۆك نىل دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن نىلدەرياسىنىڭ ئاساسىي ئېقىنى شەكىللىنىپ، سۇ مىقدارى كۆپىيىدۇ، سۇ مىقدارىدا ئۆزگىرىش كۆپ بولىدۇ. ئاتباراغا كەلگەندىن كېيىن ئاتبارا دەرياسى بىلەن قوشۇلىدۇ، ئاسىۋان رايونىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 2600 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. شىمالغا قاراپ ئېقىپ سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن ئۆتىدۇ. بۇ جايدا دەريا قوشۇلىدىغان تارماقلار يوق. دەريانىڭ قاھىرە شەھىرىدىن شىمالىي قىسمىدا 25 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېلتا تۈزلەڭلىك شەكىللەنگەن.

نىل دەرياسى دەريا سۈينىڭ كىلىش مەنبەسى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرۇندى ئېگىزلىكى، ئۇنىڭ غول ئېقىنى بۇرۇندى، تانزانىيە، ھوۋاندا، ئۇگاندا، سۇدان، مىسىرلاردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ.

نىل دەرياسىنىل دەرياسى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە سىرغىم مىقدارى 840 يۈز مىليون كۇب مېتىر، يەنى نىل دەرياسى ئومۇمىي سۇ مىقدارى. نىل دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي بەلباغ سۇ بايلىقىنىڭ تارقىلىشىمۇ روشەن كەڭلىك بەلباغلىققا ئىگە. ۋادا ئېقىن بايلىقى ئومۇمىي يۈزلىنىشى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كېمىيىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زوناسىز ئامىللار (يەر شەكىلى) نىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، سۇ بايلىقىنى پاراللېل (كەڭلىك) يۆنىلىشتە تارقىلىشدا كاشىلا پەيدا بولدى. ۋادىدا ئەڭ ئاساسلىق سۇ مەنبە رايونى بىر ئېفىئوپىيە ۋە ئەڭ چوڭ سۇ سەرپىيات رايونى جەنۇبى قىسمى كەڭ سازلىق شۇنىڭ بىلەن نىل دەرياسى ۋادىلىرىدىكى سۇ مىقدارىنى ئۆزگەرتىپ تەڭپۇڭلىقىنى ياخشىلىسا بۇ زوناسىز ئامىللارنىڭ ئۇنۋېرسال رولى ئاستىدا نىل دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى تولىمۇ تەكشى، رايون پەرقىمۇ  ئىنتايىن روشەن بولدۇ. 

نىل دەرياسى سۇ سىستېمىسى مەنبە جەدۋىلنى كۆرۈپ ھەر قايسى ۋادا سىرغىم جەدۋىلى كىرگۈزۈلگەندە يەتتە ئېقىن رايونى، بۇنىڭ تۆتى سۇ  چىقىدىغان رايونى، ئۈچ سۇسىزلىنىپ كەتكەن رايونى. 

نىل دەرياسى غول ۋە تارماق ھەرقايسى ۋادىلارنىڭ تەبىئىي سۇ رايى ئالاھىدىلىكى ۋە سۇ بايلىقىنىڭ ئۆز ئارا  پەرقى ۋە باغلىنىشى بار. شۇڭا سۇ بايلىقى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كىلىمات، يەر شەكلى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن پۈتكۈل نىل دەرياسى ۋادىسىدا تۆت رايونغا بۆلۈشكە بولىدۇ.

نىل دەرياسى بۇ جايدا نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. دەريانىڭ ئېقىش دائىرىسى تروپىك ئورمان، ساۋاننا، ۋە قۇملۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەريانىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدا شارقىراتمىلار كۆپ، سۇ كۈچى بايلىقى ناھايىتى زور. ناسىر سۇ ئامبىرى ياسالغان. بۇ ئامبارغا 157 مىليارد كۇب مېتىر سۇ سىغىدۇ. بۇ جايدا ياسالغان ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ناھايىتى كۆپ مىقداردا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئېلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#