سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى
كۆپىنچە ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئاسارىتى سۈپىتىدە ۋە بەزىدە سوغۇق تېگىش، ناچار مۇھىت، ئوزۇقلۇق ناچارلىق، قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بوغۇملارنىڭ توقۇلمىلىرى قاتتىقلىشىپ، ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش، بوغۇملار ئىششىش، مۇشەك گۆشلەر ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئاسارىتى سۈپىتىدە ۋە بەزىدە سوغۇق تېگىش، ناچار مۇھىت، ئوزۇقلۇق ناچارلىق، بوغۇملارنىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بوغۇملارنىڭ توقۇلمىلىرى قاتتىقلىشىپ، ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش، سوغۇق ۋە ھۆلچىلىك كۈنلەردە ھەمدە كېچىسى ئاغرىق كۈچىيىش، بوغۇملار ئىششىش، مۇشەك گۆشلەر ئاجىزلىشىش ۋە بەدەن ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، دارچىن، جويۇز، لاچىندانە، قارىمۇچ، پىلپىل، سىيادان، ئارپىبەدىيان، خولىنجان بىر ھەسسىدىن، مۇدەببەر قىلىنغان كۇچۇلا ھەممە دورا مىقدارى بىلەن تەڭ. ھەسەل جەمئىي دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 ~ 2 گىرامدىن ناشتىدا ئىچىلىدۇ (بالىلارنىڭ ئىچىشىگە بولمايدۇ) .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.