بايىنبۇلاق يايلىقى

بايىنبۇلاق يايلىقى

بايىنبۇلاق يايلىقى تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ يۇلدۇز تېغى ئارىسىدىكى ئويمانلىققا، خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي-شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 22 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى 2-چوڭ يايلاق ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بايىنبۇلاق يايلىقى
جۇغراپىيەلىك ئورنى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىي-شىمالىي قىسمى
خەنزۇچە نامى 巴音布鲁克草原

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بايىنبۇلاق يايلىقىتەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ يۇلدۇز تېغى ئارىسىدىكى ئويمانلىققا، خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي - شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 22 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى 2 - چوڭ يايلاق ھېسابلىنىدۇ. بايىنبۇلاق موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، «سۈيى مول بۇلاق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەرنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، يەر شەكلى تۈز، ئوت - چۆپى ۋە سۈيى ئىنتايىن مول.  كىمخاپتەك كۆز يەتكۈزسىز ياپيېشىل يايلاق ئېسىل « سېرىق ماي ئوتى » بىلەن پۈركەنگەن بولۇپ، 600 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا يايلايدۇ، بۇ جاي شىنجاڭدىكى چارۋىچىلىق بازىلىرىنىڭ بىرى. بۇ يەردىن چىقىدىغان «قاراشەھەر ئېتى»، « چاتىڭ چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى»، «شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى» ھەممىدىن داڭلىق. ھەر يىلى ياز ئوتتۇرىلىرىدا، يايلاق رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن پۈركىنىدۇ. قار لەيلىسىدەك كىگىز ئۆيلەر ھەممە يەرگە تارالغان، قوي پادىلىرى ئاق بۇلۇتتەك ئۈزۈپ يۈرىدۇ، يايلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. بايىنبۇلاق يايلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن چوڭ - كىچىك نۇرغۇن كۆل بار، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 2500 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز.

بايىنبۇلاق يايلىقىشىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق بازىرىدىكى يول ۋە ئاپتوموبىل چىراغلىرىنىڭ نۇرى كىگىز ئۆيلەرگە چۈشۈپ، كەچقۇرۇندىكى بايىنبۇلاق مەنزىرىسىگە باشقىچە تۈس قوشتى. قار-مۇز بىلەن قاپلانغان چوققىلار، يېشىل قارىغايلار، ياپيېشىل دالا زۇمرەتتەك كۆل سۈيىدە جىلۋىلىنىپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان. توپ - توپ ئاققۇلار  يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشاش شامالدا دولقۇنلىغان كۆللەردە  بەھۇزۇر ئۈزۈپ يۈرۈيدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق بايىنبۇلاق ئاققۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئەنە شۇ. ئاققۇ كۆلىدە قۇش بايلىقى ئىنتايىن مول، سۇ قۇشلىرىنىڭ تۈرى ۋە سانى كۆپ. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ يەردىكى ئاققۇ  سانى 10مىڭدىن ئاشىدىكەن، چوڭ ئاققۇ، كىچىك ئاققۇ، دوقا ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ئاققۇنىڭ لەرزان قىياپىتى ۋە ئاققۇ كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدىغان يولۇچىلار  ئۈچۈن بۇ يەرگە كۆزىتىش مۇنارى ياسالغان.

باھاردىكى مەنزىرسى 

باھاردىكى مەنزىرسىباھاردىكى گۈزەل بايىنبۇلاقنىڭ ھەيۋەت مەنزىرىسى، قارلىق تاغلىرى،بىپايان گۈزەل يايلىقى، توپ-توپ پادىلار، ئەمدىلا ئېرىگەن دەرياغا توپ-توپى بىلەن ماكانلاشقان ئاققۇلار كۆز ئالدىمىزدا جەننەتتەك بىر ماكاننى نامايەن قىلىدۇ.چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆي مورىلىرىدىن چىققان ئىس بۇ مەنزىرىلەر بىلەن بىرلىشىپ بەئەينى بىر سىزما سۈرەتنى شەكىللەندۈرۈپ كىشنى ئۆزىگە لال قىلىدۇ.

بايىنبۇلاق  يايلىقىبايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، ساياھەتنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ساياھەت مەدەنىيىتى كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ پەسكويغا چۈشۈش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەدبىرى قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، رايون سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكتىكى يېڭى تۈر، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئوبلاستنى ساياھەت ئىقتىسادى بويىچە كۈچلۈك ئوبلاست قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى. مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىدا 5A دەرىجىلىك، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايون بەرپا قىلىش خىزمىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايون قۇرۇلۇشىغا ياخشى تەييارلىق كۆردى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يەنچېڭ مۇنداق دېدى: بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ 93.2 نومۇرغا ئېرىشىشى مەنزىرە رايونىمىزنىڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە بىز داۋاملىق تىرىشىپ، تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ يوشۇرۇن، ئاشكارا تەكشۈرۈشىدىن ياخشى ئۆتۈپ، دۆلەت5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ‹‹ئالتۇن ۋىۋىسكىسى›› غا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرىمىز.

6-ئاي، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق مەنزىرە ساياھەت رايونى ئۈچۈن ئېيتقاندا  بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۇزەل ئالتۇن پەسىل. نۆۋەتتە بۇ رايونغا كېلىدىغان ساياھەتچىلە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن كۈنىگە 10 مىڭدىن ئاشماقتا. خېجىڭ ناھىيە بايىنبۇلاق ساياھەت مەنزىرە رايون باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن جۇرىنى-باتېر مۇنداق دېدى: بايىنبۇلاق ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ گۈزەللىكى ۋە جەلىپكارلىقى بارغانسېرى نامايان بولماقتا. 6-ئاي ئىچىدە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 624 ، ساياھەت كىرىمى %40 ئاشتى.

ساياھەتچىلەر 

بايىنبۇلاق  يايلىقىۋۇ زېتاۋ بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى بولۇپ، ئۇ بايىنبۇلاق مەنزىرىلىك رايونىغا كېلىپ، بۇ جاينىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلغاندىن باشقا، يەنە ئاققۇ كۆلىنى ساياھەت قىلغاچ، باشقا ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە، كۆلدىكى ئاققۇلارغا يېمەكلىك تاشلاپ بېرىۋاتاتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن، مەن ئەزەلدىن ئاققۇنى كۆرۈپ باقمىغان، ئاققۇنى پەقەت رەسىملەردىنلا كۆرگەن ئىدىم. بۇ قېتىم بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىپ، تۇنجى قېتىم ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئۇنى كۆردۈم ھەم قولۇم بىلەن ئاققۇنى تۇتتۇم، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ بىرى.

خېجىڭ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق بازىرىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش، يېڭىلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىللە، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتكەنلىكتىن، بايىنبۇلاق مەنزىرىلىك رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپ بولغان، يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، بايىنبۇلاق بازىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 750 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 280 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەتچىلىك كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم–ئايرىم %91 ۋە %164 ئاشقان.

بايىنبۇلاق يايلىقىشىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى خۇاڭ شىنپىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بايىنبۇلاق شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سۇبئالپ يايلىقى، بۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭغا باغلىق. شۇڭلاشقا خېجىڭ ناھىيەسى چوقۇم بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، بايىنبۇلاقنىڭ مۇھىتىنى ياخشى قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك››.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يايلاقتىكى نورمىدىن ئارتۇق كالا-قويلارنى ئاق قۇ كۆلى بويىدىن چېكىندۈرۈپ چىقتى، ئەزەلدىن كۆل بويىدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ئون مىڭغا يېقىن چارۋىچىمۇ قەدەممۇ قەدەم كۆل رايونىدىن كۆچۈپ چىقتى.

خېجىڭ ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2012-يىلىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى يىلى قىلىپ بېكىتتى. خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاقنى دۇنيا تەبىئەت مىراسلىرى نامزاتلىقىغا ئىلتىماس قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىي 131 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يايلاقنىڭ ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %15 ئاشۇردى.

 2013-يىلى، خېجىڭ ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى يىلى خىزمەتلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيە ناھىيەسى قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيە يېزا-بازىرىدىن ئالتىنى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيە كەنتىدىن 15 نى ئىلتىماس قىلدى.

كىچىك يۇلتۇز ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيىسى

بايىنبۇلاق كىچىك يۇلتۇز ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيىسى ياخشىلاندى. خېجىڭ ناھىيىسىدىكىلەر قايدۇ دەرياسىنىڭ بايىنبۇلاق باشلانما مەنبەسىدىكى ئوتلاق ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلىدى. ئالاقىدار تارماقتىكىلەر ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتلاقنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ياز پەسلىدە چارۋىلارنىڭ تاغقا كۆچۈشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. يىل بېشىدىن 9–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بايىنبۇلاق كىچىك يۇلتۇز ئوتلىقىدا بېقىلىدىغان چارۋا 477 مىڭ تۇياق ئەتراپىدا تىزگىنلىدى، چارۋىنى ئوتلاق ئالماشتۇرۇپ بېقىپ ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرۇش، ئوتلاق قاشالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئوتلاقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا ئاساس سالدى.

ياۋا مولۇنشىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق ئېگىزلىكىدىكى چاغانئارچىن يايلىقىدا ئاز ئۇچرايدىغان ياۋا مولۇن (توشقانسىمان سۈلەيسۈن ) نى سۈرەتكە تارتىۋالغان. مولۇن دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىق چۆل-باياۋان ۋە يايلاقلاردا ياشايدۇ، مولۇن كېچىدە يۈرىدىغان ھايۋان بولغاچقا، ئاڭلاش سېزىمى ناھايىتى ئۆتكۈر، ھەرىكىتى تېز، ئاۋازى ئۆي مۈشۈكىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدۇ، تۈكى ۋە تېرىسى قېلىن ھەم قويۇق بولغانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك، ئاساسلىقى غاجىلىغۇچى ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. چاشقان تۈرىدىكىلەرنى يوقىتىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چاشقان ئاپىتىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رولى بار. مولۇننىڭ بەدەن شەكلى قىسقا، چوڭ-كىچىكلىكى مۈشۈكچىلىك، ئېغىرلىق 2 ~ 3 كىلوگىرام كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

بايىنبۇلاق يايلىقىخېجىڭ ناھىيەسى مەملىكەتلىك ساياھەت بايلىقىنى پىلانلاش، ئېچىش، سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاش كومىتېتى مەملىكەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بايلىقى ۋە مەنزىرە سۈپىتىنى باھالاش يىغىنىدا، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى 93.2 نومۇرغا ئېرىشىپ، 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن.

بايىنبۇلاق يايلىقىخېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق بازىرى ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىسى ›› قىلىپ بېكىتىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۈچ ئۈلگىلىك بازارنىڭ بىرى بولدى.

خېجىڭ ناھىيەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاھىدە مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن تەبىئىي مەنزىرىلىك بازار، كەنتلەرنى قوغداش چىڭ تۇتۇلدى. قايدۇ دەرياسىنىڭ باش مەنبەسىدىكى ئوتلاقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ساقلاش كۈچەيتىلدى، قاشالانغان ئەمەلىي ئوتلاق 90 مىڭ موغا، تولۇقلاپ تېرىلغان تەبىئىي ئوتلاق 20 مىڭ موغا يەتكۈزۈلۈپ، چارۋا مال سانى بىلەن ئوت – چۆپ كۆلىمى تەڭپۇڭلاشتۇرۇلدى؛ چارۋا ماللارنى تاغقا چىقىرىش كۈچەيتىلىپ ، يايلاقلاردا چارۋا مالنىڭ 453 مىڭ تۇياقتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. ‹‹ شىنجاڭدىكى مۇڭغۇللارنىڭ تېبابەت دورىلىرى››، ‹‹شىنجاڭدىكى موڭغۇللارنىڭ توي ئادىتى›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#