ۋۇ جۈن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس، داڭلىق ئاكتىيور، تونۇلغان كىنو چولپىنى-ۋۇ جۈن ئەسلى ئىسمى ۋۇ خەي بولۇپ، 1970-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋجياڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.
1995-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
1996-يىلى «لېي فېڭدىن ئايرىلغان كۈنلەر» فىلىمىدە لېي فىڭ ئوبرازىنى ياخشى ئويناپ چىققان.
1999-يىلى تېلېۋىزىيە-تىياتىرى «كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدىكى خۇپىيانە زىيارىتى» دە سەندېزى ئوبرازىنى ياراتقان.
2002-يىلغا كەلگەندە، داڭلىق ئارتىس لىي باۋتىيەن بىلەن بىرلىشىپ «خىسلەتلىك تېۋىپ شىلەيلې» دە، شاگىرتى
جاڭ دېفۇ ئوبرازىنى ياراتقان.
2004-يىلى جۇڭگونىڭ چوڭ ئۇرۇش فىلىمى بولغان «جاڭ سىدې» فىلىمىگە قاتناشقان.
2012-يىلغا كەلگەندە «خىسلەتلىك شىلەيلې ھەققىدە رىۋايەت» فىلىمىگە قاتنىشىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى 30-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
1982-يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يىياڭ ۋىلايىتىنىڭ ھازىرقى زامان تىياتىرى ئىجادىيەت كۆرىكى مۇنەۋۋەر ئارتىس ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1990-يىلى خۇنەن ئۆلكىلىك ئوتتۇرا تېخنىكوم ئەدەبىيات-سەنئەت مەكتىپى مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش كۆرىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
1993-يىلى خۇنەن ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتلىرى كۆرىكى ئەڭ ياخشى يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
2005-يىلى 5-ئايدا 12-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
ياش چاغلىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن
2005-يىلى 8-ئايدا 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو خۇابياۋ كىنو مۇكاپاتى مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
2005-يىلى 11-ئايدا 25-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
2006-يىلى 10-ئايدا 28-نۆۋەتلىك ئاممىۋى فىلىم بەيخۇا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
2013-يىلى 10-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇنەۋۋەر يېزا تېمىسىدىكى كىنو مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئەڭ ياخشى يانداش ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
2015-يىلى 11-ئايدا 2-نۆۋەتلىك سەنئەت كىنو ھەپتىلىكى مۇنەۋۋەر ئەر قوشۇمچە رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.