تۇرۇپ دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تۇرۇپ (خام دورا)
  2. تۇرۇپ (كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى)
خام دورا
تۇرۇپ

تۇرۇپ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك.

ئۇيغۇرچە نامى تۇرۇپ
تەبىئىتى ئۇرۇقى قۇرۇق ئىسسىق، سەيگە ئىشلىتىلىدىغان بېشى ھۆل ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萝卜

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرۇپتۇرۇپ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈلى ئاق ياكى سۇس سۆسۈن رەڭدە، ئاق يىلتىزى يوغان بولۇپ، سېلىندىر ياكى شار شەكلىدە كېلىدۇ؛ پوستىنىڭ رەڭگى سورتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ؛ ئادەتتە كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. تەمى چۈچۈمەل.

ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

تۇرۇپنىڭ يىلتىزى، ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ئۇرۇقى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، سەيگە ئىشلىتىلىدىغان بېشى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ ئۇرۇقىدىن ئۈچ گرام، سۈيىدىن توققۇز گرام، تۇرۇپنىڭ ئۆزىدىن 60 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە يىلتىزى، ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

تۇرۇپتۇرۇپنىڭ يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ، زەيتۇن يېغى ياكى سېرىقماي بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يەللەرنى تارقىتىپ، تاماقنى سىڭدۈرىدۇ. 

تۇرۇپتىن ياغ چىقىرىپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاقتىكى سوغۇقلۇق ۋە يەلنى تارقىتىدۇ. 

تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە گۈل يېغى قۇيۇپ، ئوتتا قويۇپ، قاينىغاندا ئېلىپ ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاقتىكى يەللەرنى تارقىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. 

تۇرۇپنىڭ سۈيىنى گۈل يېغى بىلەن قاينىتىپ، ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قولاقتىكى سوغۇقلۇق ۋە يەللەرنى تارقىتىپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى كۆزگە تارتىپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. 

تۇرۇپنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ كۆزگە تېڭىپ بەرسە، كۆزنىڭ تېگى تەرىپىدىكى قىزىللىقنى يوقىتىدۇ. تۇرۇپنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ كۆزگە تاڭسا، كۆزگە چۈشكەن سۇنى يوقىتىدۇ. 

تۇرۇپنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

تۇرۇپنى قاينىتىپ، سۈيىنى سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ غار-غار قىلىپ بەرسە، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

تۇرۇپنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، تاماقنى سىڭدۈرۈپ، جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، ئىستىسقا ۋە يەرقان قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 30 گرام ئىچىپ بەرسە، تاشلارنى چۈشۈرىدۇ. 

تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىگە سىركەنجىۋىل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، تاش چۈشۈرىدۇ. 

تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە چامغۇر ئۇرۇقىنى تولدۇرۇپ، ئاغزىنى بېكىتىپ، خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، ھەسەلگە قوشۇپ ئۈچ كۈن ئۈزمەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ. 

تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ، شاراب بىلەن يىلان چاققان ياكى باشقا زەھەرلىك ھاشاراتلار چىققان جايغا تېڭىپ بەرسە، زەھىرىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. تۇرۇپنىڭ قىرىلغان پوستىنى چاياننىڭ ئۈستىگە قويۇپ بەرسە، چايان ئۆلىدۇ. 

تۇرۇپنىڭ سۈيىنى بەدەنگە سۈركىسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى قاچۇرىدۇ. تۇرۇپنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تېرىنى پارقىرىتىپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#