شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى

1958-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ «1-ئىيۇل» پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈرۈمچى توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتپىنى قۇرۇپ، پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى ۋە ماشىنا توقۇمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى كەسپىي تەسىس قىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1958-يىلى 9-ئاي
ئادرېسى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شىمالىي بەش يۇلتۇز يولى 23 - نومۇر
توربېكىتى http://www.11467.com/wulumuqi/co/35537.htm
خەنزۇچە نامى 新疆纺织工业学校
مەكتەپ تۈرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ كارخانا تىزىملىكى
مەكتەپ مۇدىرى تىياۋ لى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1958-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ «1-ئىيۇل» پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈرۈمچى توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتپىنى قۇرۇپ، پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى ۋە ماشىنا توقۇمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى كەسپىي تەسىس قىلغان. 1959-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچى پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى يېنىك سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شۇ يىلى شېكەر ئىشلەپچىقىرى كەسپىي تەسىس قىلغان ھەم تۇنجى قېتىم مىللىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1960-يىلى 2 ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1962-يىلى 10-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك سانائەت نازارىتى ئەسلىدىكى توقۇمىچىلىق، يېنىك سانائەت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئۈچ ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ يېنىك سانائەت مەكتىپىنى قۇرۇشنى قارار قىلغان ۋە ئۈچ مەكتەپتىن 51 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىنى ئېلىپ قالغان. مەكتەپ ئورنى شىخەنزىدە تەسىس قىلىنغان. 1964-يىلى كۈزدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەچكە، ياتاق بىناسى قۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان، لېكىن شىخەنزە شەھىرى ياتاق ئەسلىھەلىرىنى سالىدىغانغا ئورۇن بىلەن تەمىنلىمىگەچكە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1967-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ قايتا ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈلگەن. بىر قانچە قېتىم كۆچكەندىن كېيىن ئۈرۈمچى كازىۋەندە يېڭىدىن مەكتەپ قۇرغان. 1966-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زەربىسىدە مەكتەپ دەرس توختاتقان. قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى مەكتەپكە كىرەلمىگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالتە يىلدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماي، 1973-يىلغا كەلگەندە ئاندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 1976-يىلى خىمىيە سانائىتى مەكتىپىنى قايتا قۇرۇپ، كازىۋەندىكى مەكتەپنى خىمىيە سانائەت مەكتەپىگە ئوتكۇزۇپ بەرگەن. شىنجاڭ يىنىك سانائەت مەكتىپى ئۇرۇمچى بەش يۇلتۇز يولى 23 نۇمۇردا قايتىدىن قۇرولغان 1981. يىلى 1. ئايدا شىنجاڭ يىنىك سانائەت نازارىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ يېنىك سانائەت مەكتىپى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ باشقۇرغان. 1982-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ يېنىك سانائەت مەكتىپى (شىنجاڭ يېنىك سانائەت نازارىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق سانائەت ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1983 يىلى 8-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1993-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بىلەن شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى بىرلىشىپ، مەكتەپ قۇرۇلمىسىدا بىر يۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۈچ خىل ۋىۋىسكا شەكىللەنگەن. ) شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مەكتىپى، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى) . 1996-يىلى 6-ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. 1998-يىلى 3-ئايدا مەملىكەتلىك توقۇمىچىلىق مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى مىنىستىر دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم دەپ بېكىتىلگەن. 1999-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 52540 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر توقۇمىچىلىق ئوتتۇرا تېخنىكومى ھېسابلىنىدۇ.

خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، پاختا-توقۇمىچىلىق ھۈنىرى، ماشىنا توقۇمىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق ھۈنىرى، ئىلمى توقۇلما ھۈنىرى. توقۇمىچىلىق تاشقى سودىسى، كومپيۇتېرنى قوللىنىش، توقۇمىچىلىق تەرجىمانلىقى، كىيىم لايىھىلەش قاتارلىق 20 نەچچە كەسىپ تەسىس قىلغان، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مائارىپىنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ چوڭلار ئالىي تېخنىكومى، تېخنىك ئىشچى-خىزمەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ ئوقۇش، ئىشتىن سىرت ئوقۇتۇش، سىرتتىن ئوقۇتۇش(خىزمەت ئورۇندا تەربىيىلەش) قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان مائارىپدىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

 توقۇمىچىلىق ماتېرىياللىرى، ھاۋا تەڭشەش، ئاۋاز، كومپيۇتېر قاتارلىق 12 تەجرىبىخانا ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور تۈرلەر بويىچە كۆپ مىدىئانلىق، قوش يۆنىلىشلىك ئېلىكترلەشكەن ئوقۇتۇشنى كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە 2600 كۋادرات مېتىرلىق توقۇمىچىلىق كەسپىي پراكتىكا زاۋۇتى بار.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك توقۇمىچىلىق كەسپىي تېخنىكلىرى ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىنى تەربىيىلەش بازىسى قۇرغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 5600 پارچىدىن ئارتۇق.

 مەكتەپ شتاتى 1999-يىلىدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 83 نەپەر (ئالىي ئونۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 22، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 52 نەپەر) ، ئوقۇغۇچى سانى 2450 نەپەر. ئىشلەپچىقىرىشتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ ھەر تۈرلۈك قونۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى 1100 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 10000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلىگەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#