قامچىئوت

قامچىئوت

قامچىئوت بولسا قامچىئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك سۇ قامچىئوتى بولۇپ، قىچىشىشنى پەسەيتىش، ئۇرۇقىنىڭ رولى بولسا سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى قامچىئوت
ئىنگلىزچە Marshpeper Smartweed Herb
ۋاقتى كەچكۈز
ئۆسۈش مۇھىتى ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرى، سازلىققا ئوخشاش ھۆل ئورۇنلاردا ئۆسىدۇ،
خەنزۇچە ئاتىلىشى 辣蓼
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قامچىئوتقامچىئوت بولسا قامچىئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك سۇ قامچىئوتى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى سۇ لازىسى ، كېلىن تىلى، قامچىئوت ياكى سۇ قامچىئوتى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرى، سازلىققا ئوخشاش ھۆل ئورۇنلاردا ئۆسىدۇ،كەچكۈزدە ئۆسۈملۈك تولۇق يېتىلگەندە پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى كولاپ ئېلىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش،قۇرت ئۆلتۈرۈش، قىچىشىشنى پەسەيتىش، ئۇرۇقىنىڭ رولى بولسا سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

ياللۇغ ياندۇرغۇچى دورىلار.

ئەكىس تەسىرى

سوغۇقچان كىشىلەرگە زىيانلىق.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

قان توختىتىش ، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

قامچىئوتقەلـەمپۇر كىـسـلاتاـسى (Syringic acid)، ھـېڭ كىسلاتاسى (erulic acid)، قىچا كـىسلاتاسـى (Sinapic acid)، قارىمۇچ كىسلاتاسى (Polypiper acid)، موزا كـىسـلاتاسـى (ellagic acid) قاتـارلىق كۆپ خىـل ئامـىنو كىسلاتالىرى، ئۇچۇچان مايلار بولىدۇ.

قامچىئوت1. سۇ قامچىئوتى، سېمىز ئوت ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، بىر كۈندە ئىككى ۋاق 10 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. سۇ قامچىئوتىدىن 12 گرام، ئارپا ئۈندۈرمىسىدىن 16 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئەتىگەندە ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم، ئۇدا بىر قانچە كۈن ئىچىپ بەرسە بالىلاردىكى ھەزىم بۇزۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. قامچىئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئاش تۇزى بىلەن قاينىتىپ، سىرتتىن يۇيۇپ بېرىلسە، يەلتاشما ھەم ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى.

مىقدارى

چۆپىدىن 8 ~ 16 گرام، ئۇرۇقىدىن 4 ~ 8 گرام.

تۈزەتكۈچىسى

 زىرە، ھەسەل

ئورۇن باسارى 

ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بىنەپشە

تولغاق ، ئۈچەي ياللۇغى، ھەر خىل ئۆسمە، بالىلاردىكى ھەزىم قىلىشنىڭ بۇزۇلۇشى، يەلتاشما، ھۆل تەمرەتكە، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى ئىككىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=379

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#