فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى

فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى 1635-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، فىرانسىيە باش ۋەزىرى رىسېلىيۇ قۇرغان. 

ئۇيغۇرچە نامى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1935-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
مەقسىتى ئىلھام بېرىش ۋە قوغداش، تەتقىق قىلىش روھى
خەنزۇچە نامى 法国科学院
قۇرغۇچى فىرانسىيە باش ۋەزىرى رىسېلىيۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىئۇ يەنە فرانسىيە ئىنستىتۇتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، پارىژنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى سېنا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان، لورد سارىيى بىلەن ئىككى قىرغاقتا بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ. فرانسىيە ئىنستىتۇتنىڭ بەش كەسپىي ئىنىستىتۇتى ئىچىدە، پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ.

1987-يىلدىكى يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 80 ياشتىن تۆۋەن ئاكادېمىكتىن 110 نەپىرى بولسا بولىدۇ، ئاز دېگەندە 30 نەپەر ئاكادېمىكنىڭ يېشى 60 تىن تۆۋەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چەت ئەللىك ھەمكارلاشقۇچى ئاكادېمىك 120 نەپەر، 70 ياشتىن تۆۋەن مۇخبىر ئاكادېمىك 180 نەپەر بولىدۇ. ئاكادېمىيە بويىچە ئىككى ئىلىم يۇرتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ماتېماتىكا-فىزىكا ئىلمى ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىلىم يۇرتى، خىمىيە-تەبىئەت-جانلىقلار-مېدىتسىنا ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىلىم يۇرتىدىن ئىبارەت. بۇ ئاكادېمىيە پەخرىي خاراكتېرلىك ۋە مەسلىھەت بېرىش خاراكتېرلىك نوپۇزلۇق ئىلمىي ئاپپارات بولۇپ، قارىمىقىدا مۇقىم تەتقىقات ئاپپاراتى يوق، ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئۆزىدىكى ھەر خىل مەخسۇس ھەيئەتلەر ئارقىلىق پەن-تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئەمەلىي پەنلەر ھەيئىتى ۋە تەتقىقات دوكلاتى ھەيئىتىنىڭ خىزمىتى ئادەمنى بەكمۇ جەلپ قىلىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى ياۋروپا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى، فرانسىيە پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، ئېكولوگىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا قىممەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ياكى نوپۇزلۇق پايدىلىنىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە كۇتۇپخانىسىدىكى مەخسۇس خادىملار 20 نەپەر ئۆپچۆرىسىدە. ئاكادېمىيە خىراجىتىنىڭ كۆپ قىسمى مۇكاپات تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھەر يىلى 11-ئايدا ئاكادېمىيە بويىچە يىللىق يىغىن چاقىرىلىپ، 100 گە يېقىن پەن-تېخنىكا خادىمىغا مۇكاپات تارقىتىلىدۇ ياكى ماددىي ياردەم بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليون 400 مىڭ فرانكقا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن، پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئاشكارا ھەپتىلىك يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاكادېمىكلار، مۇخبىر ئاكادېمىكلار ياكى باشقا ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن پارىژغا چۈشكەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىلمىي نۇتۇق سۆزلەشكە ياكى چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا ۋەقەلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تەشكىللىنىدۇ. ھەر قېتىملىق پائالىيەتتىن كېيىن، «پەنلەر ئاكادېمىيىسى دوكلاتى» نەشر قىلىنىدۇ. پەنلەر بويىچە ئۈچ قىسىم قىلىنىپ، يىلىغا 40 ساندىن چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «پەنلەر ئاكادېمىيىسى خەۋىرى» ئايلىق ژۇرنىلى ۋە «پەن تۇرمۇشى» قوش ئايلىق ژۇرنىلى بار بولۇپ، پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى، پەن-تېخنىكا سىياسىتىگە دائىر تەتقىقات ماقالىلىرى ھەم پەن-تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە دائىر باشقا دوكلاتلار ئېلان قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/142969.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#